باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

مۇسۇلمانلار ھەدىسكە نىسبەتەن قايسى ئۈچ خىل خاتالىقتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-12-01   
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇرۇنلا ھەدىس ئىلىمى ۋە ئۇنىڭ مىراسىنىڭ ئۈچ خىل ئادەمنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەر، خاتا تەئۋىل* قىلغۇچىلار ۋە بىلىمسىزلەردۇر.
ئىبنى جەرىر ۋە ئىبنى ئەد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بۇ ئىلىمگە كېيىنكىلەر ئىچىدىن دىيانەتتە ئادىل كىشىلەر ۋارىسلىق قىلىدۇ، ئۇلار بۇ ئىلىمنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنىڭ ئۆزگەرتىشىدىن، بەتنىيەتلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن ۋە جاھىللارنىڭ خاتا تەئۋىللىرىدىن قوغدايدۇ“.
1) چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنىڭ ئۆزگەرتىشى ۋە بۇرمىلىشى
چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەر ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى بىر تەرەپلىمە چۈشىنىدۇ، بۇ دىننىڭ ئوتتۇراھال خۇسۇسىيىتىدىن چەتنەپ، ئۇنىڭ كەڭچىل روھىدىن يىراقلىشىپ، ئىسلام شەرىئىتىدە ئىپادىلەنگەن ئاسانلىق مۆھۈرىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ.
مانا بۇ ئاشقۇنلۇقتۇر، بىزدىن ئىلگىرىكى كىتاب بېرىلگەن ئۈممەتلەر مۇشۇ ۋەجىدىن ھالاكەتكە ئۇچرىغان. بەزى كىشىلەر ئېتىقادتا ئاشقۇن، بەزىلەر ئەمەل ئىبادەتتە، يەنە بەزىلەر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئاسان ۋە قولاي ئىسلام دىنىنى قىيىن ۋە چىگىش دىنغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئۇلار ئۆزىچە ئاللاھ بۇيرۇمىغان ئىشلارنى تەرغىب قىلىدۇ، ئاللاھ ھالال قىلغان شەيئىلەرنى ھارام قىلىۋالىدۇ، ئاللاھ بەلگىلىمىگەن ئىبادەتلەرنى ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا تاڭىدۇ.
«قۇرئان كەرىم»دە ئىلگىرىكى كىتاب بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك تارىخى خاتىرىلەنگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ ”(ئى مۇھەممەد!) ئى  ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا يولسىزلىق قىلىپ چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار“دېگىن ﴾{سۈرە ”مائىدە“، 77-ئايەت}.
ئىبنى ئابباس رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”دىندا چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەر دىندا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى ۋە ئاشقۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ھالاك بولغان “.
ئىبنى مەسئۇد رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايتا-قايتا ئۈچ قېتىم” چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر ھالاك بولدى“دېدى.
بۇ ھەدىسلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش دىندا ئەسلىدىن بار بولغان خۇسۇسىيەتلەرنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىشتۇر. ۋاھالەنكى، بۇ دىننىڭ ئەسلىي خۇسۇسىيىتى ئاسان ۋە قولايلىق بولۇش، ئوتتۇرھال بولۇش ۋە چەكتىن ئاشماسلىقتۇر، بۇ خۇسۇسىيەتلەر بۇرمىلانسا ۋە ئۆزگەرتىلسە ئىنسانلارغا مۇقەررەر ئېغىر كېلىدۇ، ياخشى ئادا قىلالمايدۇ-دە نەتىجىدە ئازابقا دۇچار بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.
2) بەتنىيەتلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى
 كۆڭلىگە ھىيلە-مىكىر پۈككەن بەتنىيەتلەر بارلىق ئۇسۇل-ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ھەدىس تەلىماتلىرىغا ئەسلى ئۇنىڭدا بولمىغان مەزمۇنلارنى قېتىشقا ئۇرۇنىدۇ؛ ئۇلار ھەدىسكە ئۆزى پەيدا قىلغان شەيئىلەرنى قوشماقچى بولىدۇ، ۋاھالەنكى، بۇ يېڭى شەيئىلەر ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقاد، ئىبادەت ۋە ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى، فىقھە ئەھكاملىرى قوبۇل قىلمايدىغان نەرسىلەردۇر.
بۇ بەتنىيەتلەر مۇسۇلمانلار قەلبىدە يادلىغان، تىلىدا تىلاۋەت قىلىدىغان، كىتابقا يېزىپ ساقلىغان «قۇرئان كەرىم»گە ھېچنېمىنى قېتىشقا ۋە كىرگۈزۈشكە ئامالسىز قالغاندا، ئۇلار ھەدىسكە مەزمۇن قوشۇشنى سېلىنچا قىلىپ قۇرئانغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولدى. ئاخىرىدا ئۇلار ئۆزىچە ”ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىگە ھېچقانداق دەلىل يوق“دېيەلەيمىز دەپ خام خىيال قىلىشتى.
ۋاھالەنكى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەيسەر سەركەردىلىرى، سۈننەتنىڭ ھاپىزلىرى ھەربىر يول ۋە كوچىدا ئۇلارنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، ھىيلە-مىكىرلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھېچقانداق پۇرسەت بەرمىدى.
شۇڭا، مۇھەددىس ئالىملار سەنەدى بولمىغان بىرەرمۇ ھەدىسنى قوبۇل قىلمايتتى، ھەربىر رىۋايەتچىنىڭ ئەھۋالى تەپسىلىي بايان قىلىنمىغان سەنەدنىمۇ قوبۇل قىلمايتتى. ھەربىر رىۋايەتچى ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا، ئۇ تۇغۇلغان ۋاقىتتىن ۋاپات بولغۇچە، كىمنى ئۇستاز تۇتقان؟ ئۇستازلىرى كىملەر؟ قانداق دوستلىرى بار ئىدى؟ شاگىرتلىرى كىملەر؟ ئۇنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى ۋە ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىقى قانچىلىك؟ ھىپزى قۇۋۋىتى قانداق؟ ئۇ قايسى داڭلىق ۋە ئىشەنچلىك رىۋايەتچىلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان؟ مەزمۇن جەھەتتە تەكىتلەش دەرىجىسى ياكى ئوخشىماسلىق دەرىجىسى قانچىلىك؟ دېگەنگە ئوخشىغان نۇقتىدا تەپسىلىي ئىزدىنەتتى.
شۇڭا، ھەدىسشۇناسلار ”سەنەد ئىسلام دىنىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى، سەنەد بولمىسا كىم نېمە دېگۈسى كەلسە خالىغانچە دەۋېرەتتى“دېگەن. ئۇلار يەنە” سەنەدى بولمىغان ئوقۇغۇچى قاراڭغۇدا نەرسە ئىزدىگۈچىگە ئوخشايدۇ “ دېگەن.
بىر ھەدىسنىڭ سەنەدى باشتىن ئاخىرىغىچە ئۈزۈلمەي ئۇلانغان، دىندا باشتىن ئاخىرىغىچە ئادىل، ئىلىمدا ئىشەنچلىك رىۋايەتچىلەر رىۋايەت قىلغان، ئېنىق ياكى يوشۇرۇن ئۈزۈكلۈك بولمىغان ۋە ھەدىس تېكىستى سەھىھ ھەدىسكە تېخىمۇ مۇخالىپ كەلمىگەن، شۇنداقلا ئېنىق ئىللەت بولمىغان ئەھۋالدىلا ھەدىسشۇناسلار ئاندىن بۇ ھەدىسنى قوبۇل قىلغان.
مانا بۇ ھەدىس سەنەدى ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك بولغان شەرتلەردۇر. ھەدىس سەنەدىگە قويۇلغان بۇ چەكلىمىلەر ئىسلام ئۈممىتىنىڭ خاسلىقلىرىدىن بىرى، ئىسلام ئۈممىتى شۇنىڭغا ئاساسەن ھازىرقى مەدەنىيەت مەيدانغا كېلىشتىن ئىلگىرىلا تارىخشۇناسلىق تەتقىقات ئۇسۇلىنىڭ ئاساسىنى بەرپا قىلغان.
بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدە ھېچ ئاساسى يوق، سەنەدىمۇ يوق ياكى ئالىملار ئويدۇرۇلما دەپ ھۆكۈم قىلغان ھەدىسلەر تارقاپ يۈرمەكتە. بۇ ئاتالمىش ھەدىسلەر ئاۋام ئارىسىدا خېلى بازار تاپماقتا. ئاياللار ھەققىدىكى تۆۋەندىكى ئاتالمىش ھەدىسلەر ئۇنىڭ مىسالىدۇر: ”ئاياللارنى يەرلىكىدە قويۇش خۇشاللىنارلىق بىر ئىش“،” ئاياللار بىلەن كېڭىشىڭلار، ئەمما ئۇلارغا مۇخالىپ ئىش قىلىڭلار“،” ئۇلارنى ئۆي ئىچىدە ئولتۇرغۇزماڭلار، ئۇلارغا يېزىشنى ئۆگەتمەڭلار“ قاتارلىقلار.
بەزى ئاتالمىش ھەدىسلەر تەۋھىد ئەقىدىسىگە مۇخالىپ كېلىدۇ، بەزىلىرى پۈتۈنلەي تۇتۇرۇقسىز ئۆسەك گەپلەردۇر. مىسالەن: ” ئەتىرگۈل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېنىدىن يارىتىلغان “.
بۇ ئەھۋال ئىسلام ئۈممىتىنىڭ نۇرغۇن ئالىملىرىنى ئويدۇرما ھەدىس ھەققىدە مەخسۇس كىتاب تۈزۈپ، كىشىلەرنى ئويدۇرما ھەدىسلەردىن ھەزەر ئەيلەشكە ئاگاھلاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. بولۇپمۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇش، ياماندىن توسۇش ھەققىدىكى كىتابلاردا سوپىلارنىڭ كىتابلىرىدا ھەمدە بەزى ئوقۇشلۇقلاردا، ھەتتا بەزى ھەدىس كىتابلىرىدا ئويدۇرما ھەدىس پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئالىملار بۇنداق ھەدىسكە نىسبەتەن تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا باشلىغان. ئىبنى جەۋزى، سۇيۇتى، ئىبنى ئىراقى، شەۋكانى، لەكنەۋى ۋە بىز بىلەن دەۋرداش بولغان ئالبانىلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىسلام ئۈممىتى ئۇلار تۈزگەن كىتابلاردىن ئوزۇقلىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر.
3) جاھىللارنىڭ خاتا تەئۋىللىرى
ھەدىسنى خاتا تەئۋىل قىلىش ئىسلامنى بۇرمىلاشتۇر. بۇنداق قىلىش ھەدىسنىڭ ئەسلىي مەنىسىنى بۇرمىلاش بولۇپ، خۇددى ھەدىسكە قوشۇمچە قېتىشقا ۋە شەيئىلەرنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىشقا ئۇرۇنغان ئاشۇ ئازغۇنلارغا ئوخشاش ئىسلامنىڭ كەڭ بوشلۇقىنى قەستەن قىستاپ تارلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئىسلام شەرىئىتى-ئەھكاملىرىنى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئەسلىدىكى مەزمۇنىدىن چەتنىتىدۇ.
ھەدىسنى خاتا تەئۋىل قىلىش ۋە خاتا چۈشىنىۋېلىش ئاشۇ دىنىي بىلىمى يوقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇلار بۇ دىننىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشەنمىگەن ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىپ يەتمىگەنلەردۇر. ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى ھەمىشە بىر تەرەپلىمىلىك ۋە بۇرمىلاشقا مايىل بولۇپ، روشەن ھۆكۈملەر بىلەن زىت كېلىدۇ. ئۇلار ھەدىسنىڭ يوشۇرۇن مەنىسىنى ئىزدەپ قالايمىقانچىلىق ۋە ئىختىلاپ تېرىپ ھەدىسنى بۇرمىلىماقچى بولىدۇ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى توغرا يولدىن ئازدۇرغان نەپسى- خاھىشىغا ئەگەشكەنلىك سەۋەبىدىندۇر.
ئۇلار ئالىملىق تونى كىيىۋالغان بولسىمۇ ۋە ئەھلى ئىلىم دەپ ئاتالسىمۇ، ئەنە شۇلار جاھىللاردۇر.
قۇرئان ئايىتى ۋە ھەدىس تېكىستىنى خاتا تەئۋىل قىلىش بىر قىسىم مۇسۇلمانلار گىرىپتار بولغان كېسەلدۇر، ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش سىناقلارغا ئۇچرىغان ھەمدە شۇ سەۋەبدىن ئاللاھنىڭ دىنىدىن چەتنىگەن، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتكەن، ئىنسانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىشتىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ دىنىنى بەرپا قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسىتىدىن يىراقلاشقانىدى.
«قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسنى خاتا تەئۋىل قىلىش نۇرغۇن مەزھەپلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ھەربىر مەزھەپ قۇرئان ۋە ھەدىسنى دىن، تىل ۋە ئەقىل بەلگىلىگەن ئاساسىي قائىدىلەرگە ھەمدە ئېنىق بەلگىلەنگەن ئاساسلىق پىرىنسىپلارغا ئاساسەن چۈشەندۈرمەستىن ئۆز مەزھىپىنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇپ شەرھلىگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇنچىلىك ئەسەبىيلەشكەنكى، «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسنى شەرھلەشتە ھېچقانداق بەلگىلىمىگە بويسۇنمىغان. باتىنىلار مەزھىپى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ، ئۇلار سۆز ۋە جۈملىلەرنىڭ مەنىسى ۋە مەزمۇنىغا ئاساسلانماستىن، ئەقىل ياكى ئەسەرلەرنى دەلىل قىلماستىن پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئاساسەن قۇرئان ئايىتى ۋە ھەدىس تېكىستىنى شەرھلىگەن.
پەيلاسوپلار ۋە ئەقىدەشۇناس ئالىملاردىن تۈزۈلگەن كالامىزمچىلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسنى شەرھلىشىمۇ ھەرخىل بولغان. ئۇلار ئىچىدىكى مۇئتەزىلەلەرنىڭ ئەقىدەشۇناس ئالىملىرى ئۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
بەزى فىقھە ئالىملىرى «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسنى شەرھلەشكە، بولۇپمۇ ھەدىس تېكىستىنى شەرھلەشكە زىيادە ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ فىقھە قارىشىنى قۇۋۋەتلىگەن. شۇ سەۋەبدىن ئۇلار فىقھە قارىشىنى ئاساس، ھەدىس تېكىستىنى قوشۇمچە قىلغان. شەكسىزكى بۇنداق قىلمىش ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. ئەسلى توغرا مەۋقە ئۇلارنىڭ فىقھە قاراشلىرىنى ھەدىسنىڭ تېكىستىگە بويسۇندۇرۇشى، سەھىھ ھەدىسنى ئاساس قىلىپ خاتا بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان فىقھە قاراشلىرىنى توغرىلىشى ئىدى. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلەردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىسىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر ﴾{سۈرە ”نىسا“، 59-ئايەت}.
ئەگەر، خاتا تەئۋىل قىلىشنىڭ سەۋەبى بىلىمسىزلىك ياكى بىخەستەلىك ۋەياكى ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلىش، يەنى بىلىم دائىرىسىنىڭ تارلىقى ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەپەككۇر قىلماسلىق بولسا، يەنە بىر خىل خاتا تەئۋىل قىلىش بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە بويسۇنۇشتۇر.
دەۋرىمىزدە بىز يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي خاھىشى سەۋەبىدىن ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسنى ھەتتا قۇرئان ئايەتلىرىنى خاتا تەئۋىل قىلغانلىقىنى بايقىماقتىمىز. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ ئاللاھ ۋەھيى قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ﴾ {سۈرە ”قەسەس“، 50-ئايەت}.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)
يەنە >>سۈرەتلەر