باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

نېمە ئۈچۈن ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئومۇميۈزلۈك، مۇۋازىنەتلىك، بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، قوللىنىشچان ۋە ئاسان دەيمىز؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-27   
«قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان ئەڭ بۈيۈك مۆجىزىسى، ئاللاھ ئۇنى مەڭگۈ قوغدايدۇ، ھەرقانداق دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراشتىن ساقلايدۇ. قۇرئاننىڭ ھەممە مەزمۇنى شەك-شۈبھىسىز ۋە ئىشەنچلىك بولۇپ، ئىسلامنىڭ بىرىنچى مەنبەسى، بارلىق ئاساسى ۋە دەلىلىدۇر. ھەدىس قۇرئاندىن قالسىلا ئىككىنچى مەنبە بولۇپ، ئۇ قۇرئاننىڭ بايانى ۋە شەرھىسىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار تەپەككۇر قىلسۇن دەپ نازىل قىلدۇق ﴾ {سۈرە ”نەھل“، 44-ئايەت}. شۇڭا، ھەدىس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ۋە سۈكۈتى ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»گە قىلغان بايانى ۋە شەرھىسى ھېسابلىنىدۇ .
ھەدىس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق «قۇرئان»نى شەرھلىشى، شۇنداقلا ئىسلامنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە تەتبىقلىشىدۇر. دېيىشكە بولىدۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئاننىڭ بىرىنچى تەپسىرى، ئىسلامنىڭ تىرىك نامايەندىسى.
ئۇممۇل مۇئمىنىين ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى، ئۆتكۈر كۆزى ۋە پەيغەمبەر بىلەن دائىم بىللە بولۇشىغا ئاساسلىنىپ، بۇ ئۇقۇمنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ئىدى. بىرەيلەن ئۇنىڭدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى توغرىسىدا سورىغاندا، ئۇ بۇ ئۇقۇمنى مۇپەسسەل ۋە ئىخچام سۈرەتلەپ: ” مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى «قۇرئان كەرىم» ئىدى! “ دېگەن ئىدى.
ئەگەر بىر ئادەم ئىسلام يولىنى، ئىسلامنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئامىلىنى بىلمەكچى بولىدىكەن، ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ئۆزىنىڭ سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى ۋە سۈكۈتى ئارقىلىق ئىسلامنى جانلىق سۈرەتلەپ بەرگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تونىسۇن. شۇ ۋەجىدىن ”سۈننەت“دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى يول دېگەنلىك بولىدۇ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «قۇرئان كەرىم»گە قىلغان بايانىنىڭ جەۋھىرى، ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىگە قىلىنغان ئىزاھات، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان تەلىماتىدۇر. شەك-شۈبھىسىزكى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم» ۋە ھېكمەتنى ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى ﴾ {سۈرە ”ئال ئىمران“، 164-ئايەت}.
ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ ئۆيۈڭلاردا ئوقۇلۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ھېكمەت (يەنى ھەدىسلەر)نى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار ﴾ {سۈرە ”ئەھزاب“، 34-ئايەت}.
قۇرئاننى بايان قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنى يېتەكلەشتە ھېچكىم ئاللاھ «قۇرئان»نى نازىل قىلىپ، ئۇنى ئىنسانلارغا بايان قىلىشقا بۇيرۇغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئارتۇق سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەس. شۇڭا، ھەدىس مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى يېتەكلەشتە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
1) ھەدىس كۆرسەتمىلىرىنىڭ ئومۇمىيلىقى
«قۇرئان كەرىم»دە ﴿ بىز ساڭا ھەممە نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە خۇش خەۋەر بولغان كىتابنى نازىل قىلدۇق﴾ {سۈرە ”نەھل“، 89-ئايەت} دەپ ئېيتىلغان ئىكەن، ئۇ بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ھەدىسنىڭ بايانىمۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ بايان دائىرىسىدە بولىدۇ. چۈنكى، ھەدىس قۇرئاننى بايان قىلىدۇ ۋە شەرھلەيدۇ. شۇڭا، ھەدىسنىڭ بايانى ئۇزۇنلۇق، توغرۇلۇق ۋە چوڭقۇرلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
”ئۇزۇنلۇق“دېگىنىمىز، ھەدىسنىڭ مۇسۇلمانلارنى يېتەكلەشتە ۋاقىت نۇقتىسىدىن ھەربىر ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى، يەنى ئۇ تۇغۇلغاندىن ۋاپات بولغانغا قەدەر، ھەتتا ئۇ قورساقتىكى ۋاقىتتىن باشلاپ دۇنيادىن ئايرىلغانغا قەدەر بولغان پۈتۈن ھاياتىنى كېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
”توغرىلىق“دېگىنىمىز، ھەدىسنىڭ جەمئىيەت تۇرمۇشىنى يېتەكلەشتە ئۇنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. ھەربىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن، مەيلى ئۇ ئۆيىدە، بازاردا، مەسچىتتە، يولدا ياكى خىزمەت ئورنىدا بولسۇن، ئىنسان بىلەن ئاللاھ، ئىنسان بىلەن ئائىلە، ئۆزى بىلەن باشقا مۇسۇلمانلار ياكى مۇسۇلمان ئەمەسلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە بولسۇن، ھەتتا ئىنسان بىلەن ھايۋان، جانلىق نەرسىلەر بىلەن جانسىز نەرسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە بولسۇن ھەدىس ھەممىسىگە ئېنىق كۆرسەتمە بەرگەن.
”چوڭقۇرلۇق“دېگىنىمىز ھەدىسنىڭ مۇسۇلماننىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدا ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ئالاقىدار ئىشلاردا، مىسالەن، روھ، تەن، ئەقىل، شۇنداقلا ئىنساننىڭ ئىچكى ھەم تاشقى ئىپادىسى، گەپ-سۆزى، ئىش-ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بارلىق ئىشلاردا كۆرسەتمە بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بەزى مۇسۇلمانلار پەقەت ساقال قويۇش، ئىشتاننى قىسقا كىيىش (پۇشقىقى ئوشۇقتىن يۇقىرى بولۇش)، مىسۋاك قىلىشنىلا سۈننەت دەپ بىلىپ، سۈننەتنىڭ ئومۇمىيلىقىغا سەل قاراۋاتىدۇ. ھەربىر ئادەم مەيلى ئۇ ياش ياكى قېرى بولسۇن، توي قىلغان ياكى قىلمىغان بولسۇن، ئىتائەتمەن ياكى گۇناھكار بولسۇن، باي ياكى كەمبەغەل بولسۇن، ھۆكۈمران ياكى پۇقرا بولسۇن ئۇ سۈننەتتىن ئۆزى ئۈلگە ئالالايدىغان نەرسىلەرنى تاپالايدۇ.
2) ھەدىس كۆرسەتمىلىرىنىڭ مۇۋازىنەتلىكلىكى (تەڭپۇڭلۇقى)
ھەدىس كۆرسەتمىلىرى مۇۋازىنەتلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھەدىس روھ بىلەن تەننى، قەلب بىلەن ئەقىلنى، دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى، ئىلىم بىلەن ئەمەلنى، خىيال بىلەن رېئاللىقنى، مەخپىي بىلەن ئاشكارىنى، ئەركىنلىك بىلەن مەسئۇلىيەتنى، شەخس بىلەن ئومۇمنى، ئەنئەنە بىلەن ئىجادچانلىقنى، سەل قاراش بىلەن چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشنى مۇۋازىنەتلىك تەڭشىگەن بولۇپ، ئۇ ئىسلام ئۈممىتى ئىگە بولغان ئوتتۇراھال يولدۇر. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ ئۆلچەمدە كەم-زىيادە قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى. ئۆلچەمدە ئادىل بولۇڭلار، تارازىدا كەم بەرمەڭلار﴾ {سۈرە ”رەھمان“، 8~9-ئايەت}. شۇڭا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر قىسىم ساھابىلەرنىڭ چىكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى بايقىغاندا، ئۇلارنى ئوتتۇرا يولغا يېتەكلىگەن ھەمدە ئۇلارنى ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن كېمەيتىۋېتىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەل شۇ سەۋەبدىن ئۈچ ساھابىنىڭ ئىبادەت توغرىسىدىكى قارىشىنى ئىنكار قىلغان. بۇ ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى سوراپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادىتى ئازدەك، ئۆزىنىڭ ئىبادەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى قاندۇرالمايدىغاندەك ئويلاپ قېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرى يىل بويى روزا تۇتۇپ، بىر كۈنمۇ ئېغىز ئاچماسلىق ئىرادىسىگە كەلدى، يەنە بىرى كېچىدە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىشنى نىيەت قىلدى، يەنە بىرى ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلماسلىق، ئۆمۈر بويى توي قىلماسلىق قارارىغا كەلدى. ساھابىلەر بۇ ئۈچ كىشىنىڭ ئىشىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ” ئەمما، مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغان، ئەڭ تەقۋادار كىشىمەن، لېكىن مەن بەزىدە روزى تۇتىمەن، بەزىدە ئېغىز ئاچىمەن، بەزىدە قىيام قىلىمەن(كېچىدە ناماز ئوقۇيمەن)، بەزىدە ئۇخلايمەن، ئاياللارنى نىكاھىمغا ئالىمەن. كىم مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرىيدىكەن ئۇ ئۈممىتىمدىن ئەمەس“دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرنىڭ روزا تۇتۇش، كېچىدە قىيام قىلىش ۋە «قۇرئان كەرىم» ئوقۇشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا تەلىم بېرىپ مۇنداق دېگەن: ”بەدىنىڭنىڭ سەندە ھەققى بار، كۆزۈڭنىڭ سەندە ھەققى بار، ئائىلە-تاۋاباتىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، مېھمىنىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار “ دېگەن. بۇنىڭ مەنىسى” سېنىڭ ھەربىر كىشىنىڭ ھەققىنى جايىدا ئادا قىلىش، قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىڭ بار “ دېگەنلىكتۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئۆمرىدە مۇۋازىنەتلىك ۋە ئوتتۇراھال ئىش كۆرۈپ، ئىسلامنى مۇۋازىنەتلىك تۇتۇشنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئۈلگىسىگە ئايلانغانىدى. ئۇنىڭ سۈننىتىدە ۋە پۈتكۈل ھاياتىدا بۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇلار ئۇنىڭ ئاللاھ، ئۆزى، ئائىلىسى، ساھابىلەر ۋە بارلىق كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇۋازىنەتلىك ۋە ئوتتۇراھال بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ كۆپ قىلغان دۇئا «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇنۇ ئايىتىدۇر: ﴿ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن ﴾ {سۈرە ”بەقەرە “، 201-ئايەت}.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: ” ئى ئاللاھ! دىنىمنى ياخشىلىغىن، ئۇ مېنى خاتالىشىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ، دۇنيالىقىمنى ياخشىلىغىن، مەن ئۇنىڭدا ياشايمەن، ئاخىرەتلىكىمنى ياخشىلىغىن، مەن ئۇنىڭغا قايتىمەن، ھاياتىمدا ياخشىلىقنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، ئۆلۈمۈمنى بارلىق يامان ئىشلاردىن ساقلىنىدىغان راھەت قىلىپ بەرگىن“.
3) ھەدىس كۆرسەتمىلىرىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى
ھەدىس بىر-بىرنى تولۇقلاش خاسلىقىغا ئىگە. ئىمان بىلەن ئىلىم بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ھەدىس بىلەن ئەقىلمۇ ھەم شۇنداق.
ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئىچىدە قائىدە-نىزام بىلەن تەلىم-تەربىيە بىر-بىرىنى تولۇقلىغان. تەلىم-تەربىيەنىڭ رولى يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى تەشكىللەش، تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشتە ئىپادىسىنى تاپقان، قائىدە-نىزام تەرتىپنى ساقلاش ھەمدە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى يېتەكلەش ۋە جازالاش رولىنى ئۆتىگەن. شۇڭا، تەلىم-تەربىيەلا بولۇپ، قائىدە-نىزام بولمىسا بولمايدۇ، شۇنداقلا قائىدە-نىزاملا بولۇپ تەلىم-تەربىيە بولمىسا تېخىمۇ بولمايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككىلا ئامىلنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن تەتبىقلىغۇچىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇغاندا كىشىلەرگە ئىمام بولاتتى، جەڭ مەيدانلىرىدا ئۇلارنى باشلاپ ئۇرۇش قىلاتتى، ئۇلار ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولۇپ قالسا قازى بولاتتى، سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتە ئۇلارنىڭ يولباشچىسى ئىدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان جامائەسىگە باشچىلىق قىلىپ، كىتاب ۋە قانۇن بىلەن پۈتكۈل ئۈممەتنىڭ تۇرمۇشىغا يېتەكچىلىك قىلاتتى. بىرەرسى كىتاب ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رەھىم قىلماستىن جازالايتتى، ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿ بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى ياقلىسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. بىز كۈچ-قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولغان تۆمۈرنى ياراتتۇق. بۇنى يارىتىشىمىز كىمنىڭ ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ (تۆمۈردىن پايدىلىنىپ) ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ھەممىدىن غالىبتۇر ﴾ {سۈرە ”ھەدىد“، 25-ئايەت}.
ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: ”يول كۆرسەتكۈچى «قۇرئان كەرىم» بىلەن تەڭ ياردەم بەرگۈچى تۆمۈرنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر، ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ شۇنىڭدەك ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى (پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرمىگەنلەرنى) ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق. پەرۋەردىگارىڭ ساڭا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ياردەمچىدۇر ﴾{سۈرە ”فۇرقان“، 31-ئايەت} “.
ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن مۆمىنلەر بىر-بىرگە ياردەملىشىپ ئىسلامىي جەمئىيەتنى قۇرۇپ، ئۈلگىلىك ئىسلام ئۈممىتىنى بەرپا قىلىپ، دۇنياغا ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ۋەزىپە ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمدەمدە بولغان، ئۆزئارا ئىتتىپاقلاشقان، ھەممەيلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ھەربىر ئادەم تېگىشلىك ھەسسە قوشقان. ئىلىمى بارلار ئىلىمىنى سەرپ قىلغان، پۇلى بارلار پۇل-مالىنى سەرپ قىلغان، مەنسەپدارلار نوپۇزى بىلەن كۈچ چىقارغان...ھەربىر ئادەم تاقىتى ۋە قۇربىتىنىڭ يېتىشىچە تىرىشقان ۋە كۈچ چىقارغان.
ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ تاقىتىگە قاراپ مەسئۇلىيەت يۈكلىگەن. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر-بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ. ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ﴾ { سۈرە ”تەۋبە“، 71-ئايەت }.
4) ھەدىس كۆرسەتمىلىرىنىڭ قوللىنىشچانلىقى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى قولاي يولدۇر. ئۇ ئىنسانلارنى قاناتلىق پەرىشتە دەپ قارىماستىن ئۇلارنى يەيدىغان، ئىچىدىغان، بازارلاردا ماڭىدىغان ئادەمزات دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ تۇيغۇسى، ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ۋە زۆرۈر ئېھتىياجلىرى بار؛ ئۇلار مەنىۋى ھېسسىياتقا ئىگە بولۇپ، ئالىيجانابلىققا ئىنتىلىدۇ؛ ئۇلار گەرچە لايدىن يارىتىلغان بولسىمۇ، ئۇلاردا ئاللاھ پۇۋلىگەن روھ بار. شۇڭا، ئىنساننىڭ بەزىدە ئالىيجاناب بەزىدە رەزىل بولۇشى، بەزىدە جانلىنىپ بەزىدە چۈشكۈنلىشىشى، بەزىدە توغرا يولدا مېڭىپ بەزىدە خاتا يولغا كىرىپ قېلىشى، بەزىدە توغرا ئىشنى قىلىپ بەزىدە خاتالىشىشى، بەزىدە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ بەزىدە ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىبارغا ئالغان، ئالاھىدە ئەھۋالغا ئۇچرىغاندا، چەكلەنگەن بەزى ئىشلارغا يول قويغان. شۇنداقلا، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئېھتىياجىغىمۇ ئېتىبار بەرگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى زۆرۈر ئېھتىياج بولۇش شەرتى ئاستىدا ئەسلىدىنلا مەنئى قىلىنغان بەزى ئىشلارغا يول قويغان. ئىسلام شەرىئىتى مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ يىپەك كىيىملەرنى كىيىشىنى ھارام قىلغان بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تېرە كېسىلى بار ئىككى ئادەمنىڭ يىپەك كىيىم كىيىشىگە يول قويغىنىغا ئوخشاش مىساللار ئۇنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئىنسان گۇناھ قىلىپ سالغاندىن كېيىنكى ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئاجىز خاراكتېرىنى نەزەرگە ئالغان، تەۋبە ئىشىكىنى قەتئىي تاقىمىغان، ئەكسىچە تەۋبە ئىشىكىنى ئۇنىڭغا ئوچۇق قويۇپ، ئۇنىڭ نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىشىغا ياردەم بەرگەن، ئۈزۈل-كېسىل تەۋبە قىلىپ قايتىدىن ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى يەنە ئىنسانلار ئارىسىدىكى پەرقنىمۇ ئېتىبارغا ئالغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىلمۇخىل تۇغما ۋە يېتىلمە پەرقلىرىنىمۇ كۆزدە تۇتقان. شۇڭا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە كۆپىنچە پەرقلىق جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ ئوخشىمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقانلىقىدۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياشانغانلارغا ياشلارنىڭ مۇئامىلىسى قىلىنماسلىقى كېرەك، ئالاھىدە ئەھۋالدىكى ئادەمگە تۇرمۇشى باياشات، تاللاش ئىمكانىيىتى بار ئادەمگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنماسلىقى لازىم.
شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئوخشىمىغان ئۆرپ-ئادەتنىمۇ ئېتىبارغا ئالغان. شۇ ۋەجىدىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەبەشىلەرگە ھېيت كۈنى پەيغەمبەر مەسچىتىدە توپ ئوينىشىغا رۇخسەت قىلغان، ئۇممۇل مۆئمىنىين ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ چېدىرنىڭ كەينىدىن ئۇلارنىڭ توپ ئويۇنىنى كۆرۈشىگە يول قويغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قىز بالىلارنىڭ كېلىپ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن بىللە ئوينىشىغا رۇخسەت قىلغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئوينىشىشىغا، مۆكىمۆكىلەڭ قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناشقا رۇخسەت قىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ بەزىدە ئويۇن ئارقىلىق كەيپىياتىنى تەڭشەشكە موھتاجلىقىنى نەزەردە تۇتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ھەدىستە بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ئىنتايىن كۆپ. بۇ مىساللار بىزگە ھەدىس كۆرسەتمىسىنىڭ ئىنتايىن قوللىنىشچان ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.
5) ھەدىس كۆرسەتمىلىرىنىڭ قولايلىقى
ھەدىس كۆرسەتمىلىرىنىڭ يەنە قولاي ۋە كەڭچىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىمۇ بار. بۇ ھەدىسنىڭ قوللىنىشچانلىقى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئاللاھ ئەھلى كىتابلارغا نازىل قىلىنغان «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل»دىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا-كىشەنلەردىن ( يەنى قىيىنچىلىقلاردىن ) بوشىتىدۇ ﴾ {سۈرە ”ئەئراف“، 157-ئايەت}.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە، دىنىي جەھەتتە كىشىلەرگە ھېچقانداق تەسلىك يوق، كىشىلەر بۇ دۇنيالىق تۇرمۇشىدىمۇ ھېچقانداق قولايسىزلىققا ئۇچرىمايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزى ھەققىدە مەن ”رەھمەت ۋە يېتەكچى“دېگەن. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ﴿(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق﴾ {سۈرە ”ئەنبىيا“، 107-ئايەت} دېگەن سۆزىنىڭ تەپسىرىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ” ئاللاھ مېنى كىشىلەرنى قايغۇغا ياكى غەمگە سېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆگەتكۈچى ۋە كىشىلەرگە ئاسانلاشتۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن“.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەبۇ مۇسا ۋە مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە ئۇلارغا مۇنۇ قىسقا ۋە ئىخچام نەسىھەتنى قىلغان: ”ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىڭلار، تەسلەشتۈرمەڭلار، خۇشخەۋەر بېرىڭلار، ئۈركۈتۈۋەتمەڭلار، ھەمكارلىشىڭلار، ئىختىلاپلاشماڭلار“.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە مۇنداق دېگەن: ر”ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىڭلار، تەسلەشتۈرمەڭلار، خۇش خەۋەر بېرىڭلار، ئۈركۈتۈۋەتمەڭلا “.
ساھابىلەر مەسچىت ئىچىدە كىچىك تەرەت قىلغان ئەئرابىنى جازالىماقچى بولغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: ”مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى بولۇپ ئەۋەتىلدىم، قىيىنلاشتۇرغۇچى بولۇپ ئەۋەتىلمىدىم“.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ”ھەقىقەتەن مەن توغرا يول ۋە كەڭچىلىك بىلەن ئەۋەتىلدىم “.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: ”ئى ئىنسانلار! تاقىتىڭلار يەتكەن ئىشنى قىلىڭلار، ئاللاھ زېرىكىپ قالمايدۇ، (بەلكى) سىلەر زېرىكىپ قالىسىلەر“.
«قۇرئان»نىڭ كۆرسەتمىلىرى ھەدىسنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئاللاھ «قۇرئان»دا ئىبادەتتە ئىنسانلارغا ئاسانلىق ۋە قولايلىقنى خالايدىغانلىقىنى، ئۇلارغا تەسلىك كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ﴿ ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى سىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇشنى) خالايدۇ، ئىنسان ئاجىز يارىتىلدى ﴾ {سۈرە ”نىسا“، 28-ئايەت}.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ دىن جەھەتتە چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشنى چەكلىگەن. شۇڭا، ئىسلام دىنىدا تەركى دۇنيالىق تۈزۈمى ۋە توي قىلماي بويتاق ئۆتۈش يوق، شۇنداقلا ئىسلام خوتۇن ئېلىش، بالىلىق بولۇشنى چەكلىمىگەن، ئەكسىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇرمۇشتىن مۇۋاپىق بەھرىلىنىشكە چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: ” ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەلنى ياخشى كۆرىدۇ “، ”ئاللاھ نېمىتىنىڭ ئالامىتىنى بەندىسى ئۈستىدە كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ“.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاكىزلىق، ناماز، روزا ۋە ھەج ھەققىدە ئالاھىدە رۇخسەت ۋە كەڭچىلىكنى بەرگەن. شۇڭا، سۇ يوق يەردە تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ؛ سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇشقا بولىدۇ؛ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ ھەتتا ئىشارەت قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ؛ رامزان ئېيىدا كېسەللەر، سەپەر ئۈستىدىكىلەر، ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، كېيىن ئۇلارنىڭ تاقىتى يەتكەندە قازاسىنى قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەر سايە چۈشۈرۈپ، ئۈستىگە سۇ سېپىۋاتقان سەپەر ئۈستىدىكى روزىدار ئادەمگە مۇنداق دېگەن: ”سەپەردە روزا تۇتۇش ياخشىلىقنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس“.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: ” ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەمر-پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغاننى يامان كۆرگەندەك رۇخسەت قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئەمەل قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ “، دەرھەقىقەتكى، ” ئاللاھ رۇخسىتىنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، خۇددى ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئەمەل قىلىنىشى ۋە تەتبىقلىنىشىنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش “.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى سوھۇرلۇقنى كېچىكتۈرۈش ۋە ئىپتارنى بۇرۇن قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنگە ئوخشاش ساھابىلەرگە كۆيۈنگەنلىكتىن ئۇلارنى داۋاملىق روزا تۇتۇشتىن توسقان.
 بىر قىسىم ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەمرىبنىل ئاسنىڭ غۇسلى قىلماي، تاھارەتمۇ ئالماي تەيەممۇم قىلىپلا ئۇلارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى شىكايەت قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمرىبنىل ئاستىن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ: ” ئۇ كېچىدە ھاۋا بەكلا سوغۇق ئىدى، تۇيۇقسىز ئاللاھنىڭ ﴿سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾ {سۈرە “نىسا”، 29-ئايەت} دېگەن سۆزى ئېسىمگە كەلدى “ دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىبنىل ئاسنىڭ ئىشىغا قىلغان سۈكۈتى ئىدى.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ”بىر ساھابە ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، كېچىسى جۇنۇپ بولۇپ قالىدۇ، ئۇ باشقىلاردىن يارىدار تۇرۇپمۇ غۇسلى قىلىش كېرەكمۇ؟ دەپ سورىغاندا ئۇلار ئۇ كىشىنى غۇسلى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يارىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ئاخىردا ئۆلۈپ كېتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ‘ ئۇلار ئۇ كىشىنى ئۆلتۈردى، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇن! ئەگەر ئۇلار بىلمىسە نېمىشقا سورىمايدۇ؟ سوئال بىلمەسلىكنىڭ دورىسى ئەمەسمۇ؟’ دېگەن “.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر