باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھيى ئاساسلىق قايسى ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ؟ ئۇلار قايسى شەكىلدە نازىل قىلىنغان؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-26   
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھيى ئاساسلىقى ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.
بىرىنچى، تەلىم ۋەھيىسى. بۇ خىل ۋەھيى ئارقىلىق ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەمەل قىلىشنىڭ كونكرېت شەكلى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتكەن.
ئىككىنچى، تەكىتلەش ۋەھيىسى. بۇ خىل شەكىلدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەلۇم ئىش-ۋەقەگە ئاۋۋال ئۆزى مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ۋەھيى ئۇنى نازارەت قىلىدۇ. ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆكۈمى توغرا چىقسا، ۋەھيى ئۇنىڭ توغرىلىقىنى جەزىملەشتۈرىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ۋەھيى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەسكەرتىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتمە بېرىدۇ.
تەلىم ۋەھيىسىنىڭ بىرقانچە خىل نازىل بولۇش شەكلى بار.
بىرىنچى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشارەت ئارقىلىق ۋەھيىگە ئېرىشىشى. ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىگە ۋەھيىنى سالىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھيى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ يېتىدۇ. بۇ خىل ۋەھيى دەل ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: ﴿ئاللاھنىڭ بىرەر ئىنسانغا بىۋاسىتە گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت ئىلھام ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىن، ياكى بىرەر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىقلا گەپ قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾ {سۈرە ”شۇرا“، 51-ئايەت}.
ئىككىنچى، ئاللاھنىڭ پەردە ئارقىسىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن پاراڭلىشىشى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنى كۆرەلمەيدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ سۆز-ئىبارىلىرىنى ئاڭلىيالايدۇ ھەمدە ئۆزى بىلەن سۆزلىشىۋاتقان زاتنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھنىڭ بىرەر ئىنسانغا بىۋاسىتە گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت ئىلھام ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىن، ياكى بىرەر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىقلا گەپ قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.﴾ {سۈرە ”شۇرا“، 51-ئايەت}. پەردە ئارقىسىدىن قوبۇل قىلىش دەل ۋەھيىنىڭ ئىككىنچى شەكلىدۇر.
ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن سۆزلىشىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسرا ۋە مېراج كېچىسىدىكىدەك ئويغاق ھالىتىدە ياكى تۆۋەندىكى ھەدىستىكىدەك چۈشىدە بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”پەرۋەردىگارىم ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ماڭا ئاشكارا بولدى ھەمدە مۇنداق دېدى: ‘ئاللاھقا يېقىن پەرىشتىلەرنىڭ نېمىنى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسەن؟’ “. ئۇشبۇ ھەدىس ۋە بۇ ھەقتىكى باشقا بىر قىسىم ھەدىسلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدە پەرۋەردىگارىنى كۆرگەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن.
ئۈچىنچى، چۈش ۋەھيىسى. يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشىدە كۆرگەن ئىشلارنىڭ ۋەھيى بولۇشى. چۈنكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ۋەھيىدۇر. ئۇممۇل مۇئمىنىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”رەسۇلۇللاھقا ئەڭ ئاۋۋال ۋەھيى ئۇيقۇدىكى راست چۈش بىلەن باشلانغانىدى، ئۇ سۈبھىنىڭ نۇرىدەك ئېنىق ئىدى... “. تەبەرى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئىبنى ئابباس ”پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ۋەھيىدۇر“دېگەن.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرگەن چۈشى چىن چۈش بولۇپ، ساختا سېزىم ياكى پىكىر قالايمىقانچىلىقى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئوخشايتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشى توغرىسىدىكى ۋەقەلىكتە چۈشنىڭ ۋەھيى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىپادىلەنگەن. يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسىسىدىمۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭ چۈشىدە 11 يۇلتۇز، قۇياش ۋە ئاينىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
تۆتىنچى، پەرىشتىلەر ئارقىلىق نازىل قىلىنغان ۋەھيى. پەرىشتىنىڭ بىر ئەر سىياقىغا كىرىپ ۋەھيىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈشى.
بەزىدە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام دۇھىيەتىل كەلبى (ساھابە بولۇپ، ئىنتايىن كېلىشكەن قامەتلىك ئىدى)نىڭ سىياقىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى يەتكۈزەتتى. ۋەھيىنىڭ بۇ خىل يەتكۈزۈلۈش شەكلى ئانچە كۆپ ئەمەس، سەھىھۇل مۇسلىمدا ئۆمەر ئىبنى خەتتابتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ”بىز بىر كۈنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىز ئاق كىيىملىك بىر كىشى پەيدا بولدى، ئۇنىڭ چېچى قاپقارا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە قىلچىلىك سەپەرنىڭ ئەسىرى كۆرۈنمەيتتى، ھېچقايسىمىز ئۇنى تونۇمايتتۇق، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىزىغا تىرەپ ئولتۇردى، ئىككى قولىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يوتىسى ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ ’ئى مۇھەممەد! ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ماڭا دەپ بەرگىن! ‘دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ’ ئىسلام ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشىڭ، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، قادىر بولالىساڭ بەيتۇللاھنى ھەج-تاۋاپ قىلىشىڭ ‘ دەپ جاۋاب بەردى... مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  ’ئى ئۆمەر، سورىغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟  ‘ دەپ سورىدى، مەن ’ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ  ‘ دەپ جاۋاب بەردىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ’ئۇ دەل جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام، ئۇ كېلىپ سىلەرگە دىنىڭلارنى ئۆگەتتى  ‘دېدى“.
بەشىنچى، پەرىشتە ئارقىلىق نازىل بولغان لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرىشتىنى كۆرمەيدىغان، بەلكى بەزى ئېنىق ئالامەتلەر ئارقىلىق نازىل بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىدىغان ۋەھيى. مىسالەن: ھەسەل ھەرىسىنىڭ غۇڭۇلدىغان ئاۋازى ياكى ئارقىمۇئارقا قوڭغۇراق ئاۋازىنىڭ پەيدا بولۇپ ئارقىدىنلا پەرىشتىنىڭ ۋەھيىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈشى. ھارىس ئىبنى ھاشىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: ”ھارىس رەسۇلۇللاھتىن  ’ئى رەسۇلۇللاھ! ۋەھيى سىزگە قانداق نازىل قىلىنىدۇ؟ ‘دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق جاۋاب بەرگەن: ’بەزىدە ۋەھيى ئۈزۈلمەي چىققان قوڭغۇراق ئاۋازىدەك نازىل بولىدۇ، ماڭا بۇ خىل شەكىل بەك ئېغىر تۇيۇلىدۇ ‘  ”. ئۇممۇل مۇئمنىين ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: “مەن ئىنتايىن سوغۇق كۈندە ۋەھيىنىڭ ئۇنىڭغا نازىل بولغانلىقىنى كۆرگەن، پەرىشتە ئايرىلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ پېشانىسىدە تامچە-تامچە تەر يىغىلىپ كېتەتتى“.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى نازىل بولغاندا تارتقان مۇشەققەتلەرگە ئاللاھنىڭ ھېكمىتى يوشۇرۇنغان بولۇپ، بىرىنچىدىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇشبۇ مۇشەققەتلەر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىشىگە ۋە مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ئېرىشكەن؛ ئىككىنچىدىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشقا ئىشلارنى ئۇنتۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە زېھنى بىلەن ۋەھيىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتەتتى.
ئالتىنچى، پەرىشتە ئارقىلىق نازىل بولىدىغان، ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرىشتىنى كۆرمەيدىغان، پەرىشتىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن سۆزلەشمەيدىغان، بەلكى ئېلىپ چۈشكەن ۋەھيىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە تاشلىغان ۋەھيى. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ۋەھيىنى قەلبىمگە پۈۋلەپ’ ھېچكىم رىزقى تۈگىمىگۈچە ئۆلمەيدۇ ‘ دېدى، شۇڭا ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مال-دۇنيانى توغرا يول بىلەن تېپىڭلار“.
يەتتىنچى، پەرىشتە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىدە ( 600 تال قانىتى بار، ھەر بىر قانىتى ئۇپۇقنى توساتتى) ئاشكارا بولۇپ ئېلىپ چۈشكەن ۋەھيى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «قۇرئان كەرىم» دىكى ﴿ئۇ ئاستا-ئاستا پەسلەپ مۇھەممەدكە ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئازراق ئارىلىق قالغۇچە يېقىنلاشتى. ئاللاھ بەندىسى (مۇھەممەد)گە (جىبرىئىل ئارقىلىق ) ۋەھيىلەرنى چۈشۈردى﴾ {سۈرە ”نەجم“، 8~9-ئايەتلەر} دېگەن ئايەتنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”رەسۇلۇللاھ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە ئۇنىڭ 600 يۈز قانىتى بار ئىدى“.
ئىبنى مەسئۇدتىن قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ”رەسۇلۇللاھ جىبرىئىلنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى پەقەت ئىككى قېتىم كۆرگەن. بىرىنچى قېتىمدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارا قىلىشنى سورىغان، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇپۇقنى توسقانلىقىنى كۆرگەن، ئىككىنچى قېتىمدا، جىبرىئىل بىلەن مېراجغا چىققاندا كۆرگەن“. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى﴾. ﴿شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ بۈيۈك ئالامەتلىرىنى كۆرگەن ئىدى﴾ {سۈرە ”نەجم“، 6~7 ۋە 18-ئايەتلەر}.
يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تەلىم ۋەھيىسىنىڭ شەكىللىرى بولۇپ، پەرىشتە ئارقىلىق نازىل قىلىنغانلىرى، پەرىشتە ۋاسىتە قىلىنماستىن نازىل قىلىنغانلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئويغاق ھالىتىدە ياكى ئۇخلاۋاتقان ھالىتىدە نازىل قىلىنغانلىرى بار. ھالبۇكى، ۋەھيىنىڭ يۇقىرىدىكى شەكىللىرىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەك-شۈبھىسىز توغرا تەلىمگە ئېرىشىشى، ھەمدە بارلىق ۋەھيىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى ئېنىق بىلىشىدەك ئورتاقلىق بار.
تەكىتلەش ۋەھيىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەلۇم ئىشقا چىقارغان مۇستەقىل ھۆكۈمى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشىدۇر. ئەگەر ھۆكۈم توغرا بولسا ۋەھيى نازىل بولۇپ ئۇنى تەكىتلەيدۇ، خاتا بولسا ۋەھيى نازىل بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئاگاھلاندۇرغان ۋاقىتتىكى ۋەھيى تەلىم ۋەھيىسى بولىدۇ. دېمەك، تەكىتلەش ۋەھيىسى ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چىقارغان مۇستەقىل ھۆكۈمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ۋەھيىسىدۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى ۋە سۈكۈتى ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.
بىرىنچى، ۋەھيىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسەتمىسى بىلەن بولغانلىرى. ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى نازىل قىلىشقا باشلىغاندىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ ياكى مەلۇم ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى نازىل قىلىپ ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاخىرقىسى ئىنتايىن ئاز يۈز بەرگەن، بەدىر غازىتىدا ئەسىر ئېلىنغانلارنى بىتەرەپ قىلىش بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئاۋۋالقىسى ھەققىدىكى ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ، زور قىسمى ۋەھيى باشتىلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىۋاسىتە نازىل قىلىنغان ياكى بەزى كىشىلەر مەلۇم ئىشنى سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھيى نازىل بولغانغا قەدەر گەپ قىلماي جىم ئولتۇرغان. مىسالەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈچ بالىسى قازا قىلىپ كەتكەن ئايالنىڭ پەزىلىتىنى ئاياللارغا سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا، بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ”ئىككى بالىسى قازا قىلغان ئايال قانداق بولىدۇ؟“دەپ سورىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەپ قىلماي سۈكۈتتە ئولتۇرغان، ئۇ ئايال قايتىلاپ ئىككى قېتىم سورىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى نازىل بولغاندىلا ئۇ ئايالغا ”ئىككى بالىسى قازا قىلغانغا ئىككى ئۈلۈش ئەجىر بېرىلىدۇ“دېگەن.
ئىككىنچى، ۋەھيىنىڭ ۋاسىتىلىك بولغان كۆرسەتمىسى. يەنى ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلغان ئىشلىرى توغرا بولسا ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە تەكىتلىشىدۇر.
بۇنداق ئەھۋال ئىسلامنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنىڭ زۆرۈر ئاساسىدۇر. ئاللاھ ھەرگىز ۋەزىپە يۈكلەنگەن پەيغەمبەرنىڭ خاتا كۆرسەتمە بېرىشىگە، شۇ سەۋەبدىن مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە يول قويمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەۋەتىشنىڭ مۇھىم مەقسەتلىرىدىن بىرى ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا باھانە ۋە سەۋەب كۆرسىتىشكە ھېچقانداق ئورۇن قويماسلىق ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار، ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە ) گەپ قىلغان﴾{سۈرە ”نىسا“، 164-ئايەت}. ئۇنداقتا پەيغەمبەرنىڭ بۈيۈكلۈكى ۋە بىغۇبار (مەسۇملۇق)لىقى بولغاندىلا ئاندىن ۋەزىپىنى يەتكۈزۈشتە خاتالىق كېلىپ چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، خاتالىق كېلىپ چىققان تەقدىردىمۇ ئاللاھ چوقۇم ئەسكەرتىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ.
ئاللاھ نازىل قىلغان ۋەھيى ساھابىلەرنىڭ خاتا ئىشلىرىنى تۈزىتىپ توغرا يولنى كۆرسەتكەن ھەدىسلەر. مىسالەن: سەئد ئىبنى خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”تاڭ تېخى يورۇماستا رەسۇلۇللاھ ھۇدەيبىيەدە بامداتنى ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كېلىپ ئۇلاردىن: ’ئاللاھ نېمە دېدى، بىلەمسىلەر؟ ‘دەپ سورىدى، ساھابىلەر  ’ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ ‘دېيىشتى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: ’ئاللاھ ئېيتتىكى، مېنىڭ بەندىلىرىم مۆمىنلەر ۋە جاھىللار دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈندى. يامغۇر پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە ئىنئامى بىلەن ياغىدۇ، دېگۈچىلەر يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىپ ماڭا ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەردۇر، ئەمما يۇلتۇزلارنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، دېگۈچىلەر ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ يۇلتۇزلارغا چوقۇنغان كىشىلەردۇر‘ “. بۇ ھەدىس ۋەھيىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ساھابىلەر بىر ئىشنى خاتا قىلغان ھامان «قۇرئان كەرىم» ئۇلارنى ئاگاھلاندۇراتتى. ئۇلار مەلۇم ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورايتتى ياكى مەلۇم ئىشنى توغرا دەپ قاراپ قىلىشتىن بۇرۇن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كۆرسەتمە سورايتتى، شۇنىڭ بىلەن ۋەھيى نازىل بولۇپ ساھابىلەرنى ئەسكەرتەتتى ۋە ئاگاھلاندۇراتتى.
قىسقىسى، ھەدىس ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھيىسى. ئۇ ئىككى خىل شەكىلدە نازىل بولغان. بىرى تەلىم خاراكتېرىنى ئالغان ۋەھيى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، يەنە بىرى تەكىتلەش خاراكتېرىنى ئالغان ۋەھيىدۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا سۆز-ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ تەكىتلەش، ساھابىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇلارنىڭ توغرا دەپ قىلغان خاتا ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ياكى بىلمەسلىكتىن قىلغان خاتالىقلىرىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان ۋەھيىدۇر. شۇڭا، ھەدىس ئاللاھنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە ئاتا قىلغان ئىنئامى دېيىلىدۇ.
ئىمام شاتىبى مۇنداق دېگەن: ”رەسۇلۇللاھنىڭ بارلىق ھەدىسلىرى ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت، ھېكمەت ۋە جىمى ئىشنىڭ ئۆلچىمىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزى رىۋايەت قىلغان ياكى ئۇنىڭدىن قىلىنغان رىۋايەتلەر بولسۇن، مەيلى بىزنىڭ ئەمەل-ئىبادىتىمىزگە قارىتا قىلغان بەلگىلىمىلەر بولسۇن ۋە ياكى بولمىسۇن ئۇنىڭ ھەممىسى بىباھا سۆز-ئىبارىلەردۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆكۈم چىقىرىپ بەرگەن، مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە چەكلىگەن ھەدىسلىرى كەسكىن بەلگىلىمىدۇر. ھەدىس ئىچىدە پەرىشتە ئېلىپ چۈشكەن ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى بولسۇن ياكى پەرىشتە بىۋاسىتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە سالغان ۋەھيى بولسۇن ۋە ياكى چۈشىدە بېشارەت بېرىش ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇقتۇرغان يوشۇرۇن سىرلار ۋە ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بولسۇن، ھەممىسى ھەدىسنىڭ نازىل بولۇش شەكلىدۇر، ئۇ ئىشەنچلىك دەلىل، ئىماننىڭ ئاساسى ۋە ئەمەل-ئىبادەتنىڭ ئۆلچىمىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ مۇھاپىزىتىدە بولۇپ مەڭگۈ خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ، سۆزلىرى راست ۋە ئىشەنچلىكتۇر“.
 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر