باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ۋەھيىسى بىلەن ھەدىسنىڭ ۋەھيىسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-25   
 
ھەدىسمۇ ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىدۇر. ۋەھيى ئەرەب تىلىدا ”يوشۇرۇن خەۋەر بېرىش“دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىستىلاھى مەنىسى بولسا ئاللاھنىڭ يوشۇرۇن ھالدا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە شەرىئەتنى ۋە باشقا بىلىملەرنى بىلدۈرۈشىدۇر.
ۋەھيىنىڭ ئاساسلىق ئۈچ خىل شەكلى بار:
بىرىنچى، پەيغەمبەر ئويغاق ياكى ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىدا مەزمۇنى ئۇنىڭ قەلبىگە تاشلانغان، پەيغەمبەر بۇ بىلىملەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىگە چىن پۈتكەن ۋەھيى.
ئىككىنچى، پەردىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئاللاھ بىلەن پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىشىشى. بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھيىنى قوبۇل قىلىشىغا ئەينىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندىكى، ’ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس   توۋا ۋادىسىداسەن. مەن سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدىم، سەن ۋەھيىگە قۇلاق سالغىن‘﴾ {سۈرە ”تاھا“، 11~13-ئايەتلەر}.
ئۈچىنچى، پەيغەمبەرنىڭ ئويغاق ھالىتىدە ياكى چۈشىدە ئاللاھ تائالا پەرىشتە ئارقىلىق پەيغەمبىرىگە ئۇقتۇرماقچى بولغان ئىلىمنى بىلدۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەزىدە جىبرىئىلنىڭ ھەقىقىي تۇرقىنى كۆرەتتى، بەزىدە جىبرىئىل ئادەمنىڭ سۈرىتىدە پەيدا بولاتتى، بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرەلمەيتتى، پەقەت ئۇ يېقىنلاشقان ۋاقىتتا ئۈزۈلمەستىن چىققان قوڭغۇراق ئاۋازىنىلا ئاڭلايتتى.
 ۋەھيىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ خىل نازىل بولۇش شەكلى «قۇرئان كەرىم»دە ئېنىق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھنىڭ بىرەر ئىنسانغا بىۋاسىتە گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت ئىلھام ئارقىلىق، ياكى پەردە ئارقىسىدىن، ياكى بىرەر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىقلا گەپ قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىدىن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾ {سۈرە ”شۇرا“، 51-ئايەت}.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھيى ئىككى خىلدۇر. بىر خىلى تىلاۋەت قىلىنىدىغان ۋەھيى، يەنى «قۇرئان كەرىم»، يەنە بىر خىلى تىلاۋەت قىلىنمايدىغان ۋەھيى، يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. يۇقىرىقى ئىككى خىل ۋەھيى ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئاساسلىق پەرق بار:
 بىرىنچى، «قۇرئان كەرىم» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈنلەي ئويغاق ھالىتىدە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق نازىل قىلىنغان ۋەھيىدۇر. «قۇرئان كەرىم» ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدە ۋەھيى قىلىنغان ياكى باشقا شەكىلدە ۋەھيى قىلىنغان بىرمۇ ئايەت يوق. بۇ نۇقتا ھەدىس بىلەن ئوخشىمايدۇ، چۈنكى بەزى ھەدىسلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جىبرىئىل ئارقىلىق ۋەھيى قىلىنغان، بەزى ھەدىسلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئويغاق ۋاقىتتا ئاللاھ ۋەھيى قىلغان، يەنە بەزى ھەدىسلەر ئۇنىڭ چۈشىدە ۋەھيى قىلىنغان. ھەدىسلەر مۇشۇنداق بىرقانچە شەكىلدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلىنغانلىقتىن ھەدىستىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ۋەھيى قايسى شەكىلدە نازىل بولسۇن، ۋەھيى قوبۇل قىلغان پەيغەمبەرلەر بۇ بىلىملەرنىڭ ئاللاھنىڭ تەلىماتى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتكەندۇر.
بەزى ئالىملار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋەھيىنىڭ نازىل قىلىنىش مەسىلىسىدە ئۆزى مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرالايتتى، شۇڭا بەزى ھەدىسلەر ئاللاھنىڭ ۋەھيىسى ئەمەس دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا قارىتا ئىسلام ئالىملىرى مۇنداق جاۋاب بەرگەن: ”مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمىمۇ ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىگە بويسۇناتتى، شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇستەقىل چىقارغان ھۆكۈم توغرا بولسا ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەيىبلىمەيدۇ ياكى ۋەھيى نازىل قىلىپ ھۆكۈمنى توغرىلىمايدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ۋەھيىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىللىگىنىدۇر. ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمى خاتا بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ خاتا ھالەتتە تارقىلىشىغا يول قويمايدۇ، ئەكسىچە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەسكەرتىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ ھەمدە خاتالىقىنى توغرىلايدۇ. شۇڭا، ئاللاھ توغرىلىقىنى دەلىللەپ بەرگەندىن كېيىنكى ھەدىس مەيلى ئۇ روشەن نازىل قىلىنغان بولسۇن ياكى توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان بولسۇن يەنىلا ۋەھيى ھېسابلىنىدۇ“.
ئىككىنچى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ تىلى ۋە مەزمۇنىنىڭ ھەممىسى ئاللاھ نازىل قىلغان ۋەھيى بولۇپ، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم پەقەت بۇ ۋەھيىنى قوبۇل قىلغان ۋە يەتكۈزگەن، ئۇنىڭ بىر ھەرپىنىمۇ ئۆزگەرتمىگەن، ئەمما ھەدىس بولسا ئاللاھ ئۇنىڭ مەنىسى ۋە مەزمۇنىنى نازىل قىلغان ۋەھيى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆز تىلى بىلەن، يەنى مەزمۇنىنى ئىپادىلىگەن. مىسالەن: ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىسلام ئۈممىتىگە نامازدا چوقۇم سۈرە فاتىھەنى ئوقۇشى لازىملىقىنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ”سۈرە فاتىھەنى ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ نامىزى ناماز ئەمەس“ياكى ”ئۇممۇل كىتاب (يەنى سۈرە فاتىھە) ئوقۇلمىغان ناماز كامىل ناماز ئەمەس“دېگەنىدى.
شۇ سەۋەبتىن، بىز نۇرغۇن ھەدىسلەردە بىرقانچە رىۋايەتنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دېگەن بىر سۆزنىڭ مەزمۇنىنى رىۋايەت قىلغانلىقىنى، لېكىن رىۋايەتچىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىشلىتىلگەن سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقايمىز. ”ئىخلاس“ سۈرىسىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى مىسالغا ئالساق، بەزى ھەدىسلەردە ”كىم ’ئىخلاس‘سۈرىسىنى ئوقۇسا، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇغانغا باراۋەر“ دېيىلسە، يەنە بەزى ھەدىسلەردە مۇنداق دېيىلگەن: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە: ’سىلەر بىر يەرگە يىغىلىڭلار، مەن سىلەرگە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇپ بېرەي‘ دېدى، ساھابىلەر يىغىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ’ئىخلاس‘سۈرىسىنى ئوقۇپ بەردى“.
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئەرەب تىلىنى پۇختا ئىگىلىگەن، فىقھەنى ۋە ئۇنىڭ مەقسىتىنى ياخشى بىلگەن ئالىملار ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى رىۋايەت قىلسا بولىدۇ. گەرچە سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
ئۈچىنچى، 2-نۇقتىدىكى ئوخشىماسلىقلار سەۋەبىدىن «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇش ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ھەدىسنى ئوقۇش ئىبادەت ئەمەس.
تۆتىنچى، «قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى. جىنلار ۋە ئىنسانلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىر ئايىتىنىمۇ مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ، ئەمما ھەدىس ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى ئەمەس.
بەشىنچى، «قۇرئان كەرىم» تولۇق ھالدا ئۈزۈلمەي رىۋايەت قىلىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تارقىلىپ كەلگەن. ئۇ ”فاتىھە“ سۈرىسى بىلەن باشلىنىپ ”ناس“ سۈرىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ بارلىق تېكىستى شەك-شۈبھىسىز ۋە مۇتلەق ئىشەنچلىكتۇر. ئەمما، ھەدىس ئىچىدە بەزى ھەدىسلەرنىڭ تېكىستىلا مۇتلەق ئىشەنچلىكتۇر، يەنى بىر قىسىم ھەدىسلەرلا ئۈزۈلمەي رىۋايەت قىلىنغان مۇتەۋاتىر ھەدىستۇر.
ھەدىس ئىچىدە ھەدىس قۇددۇسىمۇ بار. بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ھەدىس ھەققىدىكى ساۋاتلار ئاساسەن ھەدىس قۇددۇسىغا مۇناسىۋەتلىك، لېكىن ھەدىس بىلەن ھەدىس قۇددۇسى ئوتتۇرىسىدا پەرق بار، ھەدىس قۇددۇسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستۇر. مىسالەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇددۇسىدا مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ’مەن ھەقىقەتەن زۇلۇمنى ئۆزۈمگە ھارام قىلدىم، شۇڭا ئۆزئارا زۇلۇم قىلىشماڭلار‘“. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ‘كىم مېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمغا دەخل-تەرۇز قىلىدىكەن مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىمەن’ “.
ئاللاھ بەزى ۋەھيىنى تىلاۋەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بەزى ۋەھيىنى تىلاۋەت قىلىشقا بۇيرۇمىغان. ئۇنىڭدىكى ھېكمەت شۇكى، ئاللاھ بەزى ۋەھيىنى ئاللاھقا قىلىنغان ئىبادەت قىلىپ، بۇ ۋەھيىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئىپادىلەپ، مۆمىنلەرگە بولغان چەكلىمىنى ۋە جاھىل-تەرسالارغا قىلىنغان سىناقنى كۈچەيتكەن. ئارقىدىنلا ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامىي ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر يۈكنى يېنىكلەتكەن. ئەگەر بارلىق ۋەھيى تىلاۋەت قىلىش ۋە يەتكۈزگەن ۋاقىتتا ئەسلىي تېكىستىنىڭ جۈملە، سۆز ۋە ھەرپلىرىگە قەدەر رىئايە قىلىش ۋاجىپ بولسا ئىدى، بۇ ئىنتايىن ئېغىر ۋە مۈشكۈل مەسئۇلىيەت بولاتتى. ئەگەر بارلىق ۋەھيى ھەدىسكە ئوخشاش مەزمۇنىنى رىۋايەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسا، كىشىلەرنىڭ «قۇرئان»دىن گۇمانلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا، ئاللاھ «قۇرئان كەرىم» ئارقىلىق ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرىنى قوغدىغان بولسا، ھەدىسنى ئىسلامنى چۈشىنىش ۋە ئىسلامنىڭ قائىدە-ئەھكاملىرىنى قوغداشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ، ئىسلام ئۈممىتىگە ھەق يولدا مېڭىشنىڭ ئاسان ۋە قولاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر