باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

نېمە ئۈچۈن ھەدىسنىمۇ ئاللاھنىڭ ۋەھيىسى دەيمىز؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-24   
ھەدىسمۇ ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھيىدۇر. چۈنكى:
بىرىنچى، ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى﴾ {سۈرە ”نىسا“، 113-ئايەت}.
بۇ ئايەتتىكى ”ھېكمەت“ دېگەن سۆز ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ. ئىمام شافىئىي نۇرغۇن ئىشەنچلىك ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھنىڭ ’كىتاب‘دېگەن سۆزى «قۇرئان»نى، ’ھېكمەت‘ دېگەن سۆزى مۇپەسسىرلەردىن ئاڭلىغىنىمدەك رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىنى كۆرسىتىدۇ“.
 ئىككىنچى، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى قۇرئان بىلەن سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى﴾ {سۈرە ”ئال ئىمران“، 164-ئايەت}.
ئۈچىنچى، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ ئىلگىرى ئوچۇق گۇمراھلىقتا تۇرۇۋاتقان ساۋاتسىزلارغا ( يەنى ئەرەبلەرگە) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، ئۇلارنى گۇناھلاردىن پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا قۇرئاننى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى﴾ {سۈرە ”جۇمۇئە“، 2-ئايەت}.
يۇقىرىقى ئايەتلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان» ۋە ھەدىسنى ۋەھيى قىلغان ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنى ئۈممىتىگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان. بۇ ئايەتتىكى ”ھېكمەت“ دېگەن سۆزنى ”ھەدىس“ دەپ تەپسىر قىلغان رىۋايەتنى ئىمام شافىئىي ئۆزى ئېتىراپ قىلىدىغان نۇرغۇن مۇپەسسىر ئالىملاردىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رىۋايىتى بىۋاسىتە ھەسەن ۋە قەتادەلەر بىلەن تۇتىشىدۇ.
شۇنىڭدەك نۇرغۇن ھەدىسلەرمۇ ھەدىسنىڭ ۋەھيى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ:
1) مەكھۇل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ ماڭا «قۇرئان كەرىم»نى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېكمەتنى ئىنئام قىلدى“.
2) مىقداد ئىبنى مەئدىكەرەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقەتەن ماڭا كىتاب ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى بېرىلدى“.
3) ھەسەن ئىبنى ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ”جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئېلىپ چۈشكەن ھەدىس خۇددى ئۇ ئېلىپ چۈشكەن «قۇرئان»غا ئوخشايدۇ“.
4) ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ”قەھەتچىلىك بولغان شۇ يىلدا بىر ئادەم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ’ئى رەسۇلۇللاھ! بىزگە تاۋارلارنىڭ باھاسىنى بەلگىلەپ بەرسەڭ‘ دېگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ’ ئاللاھ مېنى ئۇ بۇيرۇمىغان نەرسىنى سىلەرگە بەلگىلەپ بېرىشىمگە ئەمر قىلمىغان، سىلەر ئاللاھتىن پەزلى-مەرھەمەت سوراڭلار‘ “.
يۇقىرىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ھەدىس، ھەدىسنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئىنئام ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرسە، ئۈچىنچى ھەدىس ھەدىسنىڭ ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھيىسى ۋە بۇيرۇقى ئىكەنلىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى ئويدۇرۇپ چىقارمىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. تۆتىنچى ھەدىس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئىش كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قاراشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ قىياسەن ھۆكۈمى ياكى شەخسىي قارىشى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھيىسى ۋە كۆرسەتمىسىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ نۇقتىدا بارلىق ئۈممىتىدىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىدە ئېنىق ئىپادىلەنگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سېنى كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. خىيانەتكارلارغا بولۇشمىغىن﴾ {سۈرە”نىسا“، 105-ئايەت}.
شۇڭا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”سىلەر كۆپ سوراشتىن ساقلىنىڭلار! ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: ’سېنى كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ...‘ دېگەن، ھەرگىزمۇ ’سېنى كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزۈڭنىڭ ئويلىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ...‘ دېمىگەن“.
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ”ئى خالايىق! رەسۇلۇللاھنىڭ قارىشى ھېكمەتلىكتۇر، توغرىدۇر، چۈنكى ئاللاھ ھەقىقەتنى ئۆز پەيغەمبىرىگە بىلدۈرگەن، ئەمما بىزنىڭ قارىشىمىز پەقەت پەرەز ۋە قىياسىي ھۆكۈمدۇر“.
 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر