باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

ھەدىس، رىۋايەت ۋە ئەسەرنىڭ پەرقى قايسىلار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-21   
 
ئەرەب تىلىدا ”ھەدىس“نىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار. بىرى ”يېڭى“ بولۇپ، ئۇ ”كونا“ بىلەن قارمۇقارشى مەنىدە. يەنە بىر مەنىسى كىشىلەر قىلىشىدىغان ”گەپ-سۆز“دۇر.
مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا ھەدىس ئۈچ خىل ئۇقۇمنى ئىپادىلىگەن.
بىرىنچى خىل ئۇقۇم: ھەدىس−مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى، سۈكۈتى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى تەسۋىر-بايان ھەمدە ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەدىس تەھقىقلىگۈچى ئالىملار ۋە ھەدىسشۇناسلارنىڭ قارىشىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرىنى رىۋايەت قىلغان ۋە تەھقىقلىگەن ئالىملاردۇر.
ئىككىنچى خىل ئۇقۇم: ھەدىس−پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى، سۈكۈتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى تەسۋىرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇقۇمدا ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزى ساقىت قىلىنغان.
ئۈچىنچى ئۇقۇم: ھەدىس−پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ئىش-ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئېنىقلىمىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈكۈتى ۋە ئۇنى سۈپەتلەش ھەمدە ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزى ساقىت قىلىنغان. ئەلۋەتتە، كۆپ ساندىكى ئالىملار بۇ خىل قاراشنى قوللىمىغان.
”رىۋايەت“نىڭ ئەرەب تىلىدىكى لۇغەت مەنىسى ــ راست ياكى يالغان بولسۇن كىشىلەر ئارىسىدا ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان گەپ-سۆزلەردۇر. ھەدىس ئىلمىدە ”رىۋايەت“كە ئۈچ خىل تەبىر بېرىلگەن. بىرىنچى ئېنىقلىما ھەدىسكە بېرىلگەن بىرىنچى ئېنىقلىما بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ”رىۋايەت“مۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى، سۈكۈتى، ئۇنى سۈپەتلەشنى ھەمدە ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، ”رىۋايەت“كە بېرىلگەن ئەڭ قايىل قىلارلىق ئېنىقلىمىدۇر.
ئىككىنچى، رىۋايەت−ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ، ھەتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى، ئۇلاردىن قىلىنغان رىۋايەت ۋە ئادەتتىكى خەۋەرلەرنىمۇ كۆرسەتمەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ”رىۋايەت“ ۋە ”ھەدىس“ ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ئىككى سۆزدۇر.
ئۈچىنچى، رىۋايەت−مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلار ھەمدە باشقا كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ”رىۋايەت“نىڭ مەنىسى ”ھەدىس“نىڭ مەنىسىدىنمۇ كەڭرى.
”ئەسەر“نىڭ ئەرەب تىلىدىكى لۇغەت مەنىسى ئادەملەرنىڭ ماڭغاندا يەردە قالدۇرغان ئىزىدۇر.
ئۇنىڭ ئىستىلاھى مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، ھەدىسشۇناسلارنىڭ قارىشىدا رەسۇلۇللاھ ۋە باشقا كىشىلەردىن قىلىنغان رىۋايەتنىڭ ھەممىسى ”ئەسەر“ دەپ ئاتىلىدۇ. ئەسەر−مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن قىلىنغان رىۋايەتنى، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلاردىن رىۋايەت قىلىنغان سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئەبۇ جەئفەر تاھاۋى ئۆزىنىڭ «ئەسەرلەرنىڭ مەنىسىنى شەرھلەش» دېگەن كىتابىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرىنى شەرھلەپ چىققان.
ئىككىنچى، خوراسان ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ”ئەسەر“ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا كىشىلەردىن قىلىنغان رىۋايەتنى، يەنى باشقا كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خوراسانلىق فەقىھ ئالىم ئەبۇل قاسىم فەۋرانى مۇنداق دېگەن: ”فەقىھ ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھەدىس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن قىلىنغان رىۋايەتتۇر، ئەمما ئەسەر ساھابىلەردىن قىلىنغان رىۋايەتنى كۆرسىتىدۇ“. بۇ قاراشتا ئەسەر ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن. بەيھەقى ئۆزىنىڭ ھەدىس توپلىمىنى «سۈننەت ۋە ئەسەرنى تونۇش» دەپ ئاتىغانلىقىدىنمۇ بۇ خىل قاراشنى قوللىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
كېيىنكى ئالىملار ئارىسىدا خېلى كۆپ قىسمى ھەدىسنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن قىلىنغان رىۋايەتنى ”ھەدىس“، ساھابىلەردىن قىلىنغان رىۋايەتنى ”ئەسەر“ دەپ ئاتىغان. چۈنكى، ئەسەر−ئەرەب تىلىدا بۇرۇنقىلاردىن ساقلىنىپ قالغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.
دىققەت قىلىش كېرەككى، يۇقىرىدىكى ئىختىلاپلار پەقەت ئىسىم ۋە ئاتالغۇ جەھەتتىكى ئىختىلاپ بولۇپ، سۆز مەنىسى ئىپادىلىگەن ئوبيېكتنىڭ بىردەك بولۇش بولماسلىقى مۇھىم ھالقىدۇر. قويۇلغان ئىسىم ئوخشاش بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئاتالغۇلار ئوتتۇرىسىدىمۇ ئېنىق چەك-چېگرا يوق، چۈنكى ئاتالغۇنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەشتە مۇتلەق قاراش يوق.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
يەنە >>سۈرەتلەر