باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

سۈننەت بىلەن ھەدىسنىڭ پەرقى بارمۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-20   
زور كۆپ ساندىكى ھەدىسشۇناسلارنىڭ قارىشىدا، سۈننەت ۋە ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى ۋە سۈكۈتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە تاشقى قىياپىتى ھەققىدىكى تەسۋىر-بايانلارنى ھەمدە ساھابىلەرنىڭ ۋە تابىئىنلارنىڭ بارلىق سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ يەردە تىلغان ئېلىنغان ”بارلىق“ دېگەن سۆز سەھىھ ۋە سەھىھ ئەمەس ھەدىسلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، زەئىپ ۋە توقۇلما ھەدىسمۇ، ھەتتا خاتا ھەدىسمۇ شەكىل جەھەتتىن ھەدىس بولۇپ، ئاشۇ ”بارلىق“ دېگەن سۆزنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى دېگەن »قۇرئان كەرىم«دىن باشقا بارلىق سۆز-ئىبارىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىس قۇددۇسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ساھابىلەرنىڭ ”مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.... “ دەپ رىۋايەت قىلغان ئېنىق سۆزلىرىنى ھەمدە ئالەمنىڭ يارىتىلىشى، قەبرىدىكى سوئال-سوراق ۋە قىيامەت كۈنىگە ئالاقىدار بولغان ساھابىنىڭ ئۆزى چىقارغان ئەقلى يەكۈنى بولمىغانلىقى ئېنىق بولغان سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن مەزكۇر ساھابە بۇرۇن ئىسرائىلىيات قىسسىلىرىنى رىۋايەت قىلمىغانلىقى ئېنىق بولغان بولۇشى شەرت. ساھابىلەرنىڭ بۇنداق سۆز-ئىبارىلىرى ئادەتتە ”ساھابىلەرنىڭ ھەدىسى“ دەپ ئاتىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ھەرىكىتى دېگىنىمىز، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ياكى ئىنكار قىلغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىشلارنىڭ مىسالى ئىنتايىن كۆپ ۋە روشەن بولۇپ، ساھابىلەرنىڭ ”رەسۇلۇللاھ ئەزەلدىن ئاياللارنى ئۇرمايتتى، قۇللارنىمۇ ئۇرۇپ باقمىغانىدى“ دېگەنگە ئوخشاش رىۋايەتلىرى ئىنكار قىلغان ئىشلارنىڭ مىسالىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ھەرىكىتى يۇقىرىقى ھەدىستىكىگە ئوخشاش ئېنىق بولۇشى ياكى ساھابىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئالدىنقى شەرت شۇكى، ساھابىنىڭ بۇ ئىش-ھەرىكىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۈن تۇتۇلۇش نامىزىنىڭ ھەربىر رەكىتىدە ئۈچ قېتىم رۇكۇ قىلغىنىغا ئوخشاش ئىنسان ئەقلى بىلەن مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرالمايدىغان ئىش بولۇشى كېرەك. بۇ مىسالدىكىدەك ئىشنى ساھابىلەر پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنىغا ئاساسلىنىپ ئاندىن ئېلىپ بارىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈكۈتى دېگىنىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىنىڭ قىلغان مەلۇم ئىشىنى بىلىپ تۇرۇپ توسىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مىسالەن: جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”بۇرۇن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا «قۇرئان كەرىم» چۈشۈۋاتقان بولسىمۇ بىز يەنىلا ئەزلى قىلاتتۇق“. لېكىن بۇ ئىش ساھابىلەر ئارىسىدا كۆپچىلىك بىلىدىغان، ئاشكارا ئىش بولۇشى ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلگەن، ساھابىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى سورىغان ئىشلاردۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلەش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەڭگى، چېچى، تەن شەكلىگە ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاشقى قىياپىتىنى سۈپەتلەش بولۇپ، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆز-ئىبارىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ھەدىسشۇناسلارنىڭ ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرىنى ئىستىلاھى* مەنىدىكى سۈننەت ۋە ھەدىسنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، زور كۆپ ساندىكى ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەمسۆھبەت بولۇش جەريانى، ئۇلار ئۇچرىغان ھادىسىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تۇرۇۋاتقان شارائىتقا بولغان چۈشەنچىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھالبۇكى، تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرىنى ھەدىس دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇلارنىڭ ساھابىلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىسلام روھىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانلىقىدۇر. بارلىق ھەدىسلەر تەھقىقلەش ئارقىلىق قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى بېكىتىلىدۇ، شۇڭا رىۋايەتچىگە قويۇلغان شەرتنى ئاساس قىلىپ ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرى ھەدىس دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، رىۋايەت سەنەدى شەكلىدىن قارىغاندىمۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ھەدىس دەپ ئاتاشتا ھېچقانداق توسالغۇ يوق.
ئادەتتە، سۈننەت كۆپىنچە ئەھۋالدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن قىلىنغان رىۋايەتنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىلىنغان رىۋايەتنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ساھابىلەر ۋە تابىئىنلاردىن قىلىنغان رىۋايەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، بەزى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىلىنغان رىۋايەتلا سۈننەت ۋە ھەدىس دەپ ئاتالغاندىن سىرت، ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن قىلىنغان رىۋايەتلەرنى بۇ ساھابىنىڭ ھەدىسى ياكى بۇ تۆت خەلىپىنىڭ سۈننىتى دېگەنگە ئوخشاش پەرقلەندۈرۈش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى ھەدىسشۇناسلار سۈننەت پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن قىلىنغان رىۋايەت، دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن قىلىنغان رىۋايەتنىلا ئايرىم توپلاپ ”سۈننەت“دەپ ئاتىغان. ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، تىرمىزى، ئىبنى ماجە قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر، ئۇلار ھەدىس كىتابلىرىنى «ھەدىسلەر توپلىمى» دەپ ئاتىماستىن «سۈننەتلەر توپلىمى» دەپ ئاتىغان.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
يەنە >>سۈرەتلەر