باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

سۈننەت دېگەن نېمە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-19   
”سۈننەت“ دېگەن سۆزنىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئەسلىي مەنىسى ”يول“ دېمەكتۇر، ئۇ توغرا يول بولۇشىمۇ ياكى خاتا يول بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ”كىم بىر ياخشى سۈننەتنى (يولنى) بەرپا قىلسا ئۇنىڭ ئەجرىگە ۋە شۇ سۈننەتكە (يولغا) ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ ئەجىرىگە ئېرىشىدۇ؛ كىمكى بىر يامان سۈننەت (يول)نى بەرپا قىلسا ئۇنىڭ گۇناھى ۋە شۇ سۈننەتكە (يولغا) ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ گۇناھى ئۇ كىشىگە بولىدۇ“.
”سۈننەت“ دېگەن بۇ ئاتالغۇغا ئوخشىمىغان ساھەدىكى ئالىملار ئوخشىمىغان ئېنىقلىما بەرگەن.
فەقىھشۇناسلار ”سۈننەت“نى بەش شەرىئەت ئەھكامىنىڭ بىرى دەپ ئىزاھلىغان. بۇ بەش ئەھكام پەرز ئەمەل-ئىبادەتلەر، ھارام قىلىنغان ئىشلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دوراپ قىلىنىدىغان سۈننەت، مەكروھ (يامان كۆرۈلىدىغان) ئىشلار ۋە مۇباھ (قىلسىمۇ قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلار)دۇر. پەرز ئەمەل-ئىبادەتلەر ئەمەل قىلسا ساۋابقا ئېرىشىدىغان، تەرك ئېتىلسە گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردۇر. ھارام قىلىنغان ئىشلار تەرك ئەتسە ساۋابقا ئېرىشىدىغان، قىلسا گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دوراپ قىلىدىغان سۈننەت بولسا قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان، ئەمەل قىلسا ساۋابقا ئېرىشىدىغان ئىشلاردۇر. مەكروھ − مەقسەتلىك ھالدا قىلىشتىن ساقلانسا ساۋابقا ئېرىشىدىغان، قىلسا گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردۇر. مۇباھ ئىشلار دېگىنىمىز قىلسىمۇ ۋە قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
مىسالەن: تاھارەت ئالغاندا ئەزالارنى تەرتىپ بىلەن يۇيۇش، ئېغىزىنى چايقاش ۋە مىسۋاك ئىشلىتىش قاتارلىقلار فەقىھ ئالىملارنىڭ قارىشىدا سۈننەت، يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دوراشتۇر.
بەزىدە فەقىھ ئالىملار فىقھى ھۆكۈم چىقىرىش مەنبەسى بولغان ھەدىسنى ”سۈننەت“دەپ ئاتىغان. ئالىملار بىردەك قوبۇل قىلغان فىقھى ھۆكۈم چىقىرىش مەنبەسى «قۇرئان كەرىم»، ھەدىس ياكى قۇرئاننى بىر توپلامغا جەملەشكە ئوخشاش ساھابىلەر ئىجتىھات قىلىپ چىقارغان ھۆكۈمنى كۆرسىتىدۇ. سۈننەتكە قارىمۇقارشى بولغىنى بىدئەتتۇر. مىسالەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئۆزىنىڭ سۈننىتىگە، توغرا يولدىكى ئادىل خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇغان. بۇ يەردىكى سۈننەت بىدئەتكە قارمۇقارشىدۇر.
 ئۇبەيدە ئىبنى سارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى، نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىزگە ئالدىنى قىلىپ نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. كىشىلەر تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلىشتى، قەلبلىرى لەرزىگە كەلدى. ئۇلار: ’ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ نەسىھەت ئۆلۈم ئالدىدىكى ۋەسىيەتتەك تۇيۇلدى، سەن بىزگە نېمىنى ۋەسىيەت قىلىسەن؟‘دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ’مەن سىلەرگە شۇنداق ۋەسىيەت قىلىمەنكى، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەبەشىلىك قۇل بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزۈڭلەردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە بويسۇنۇڭلار، مەندىن كېيىن ئىختىلاپلىشىسىلەر، تالاش-تارتىش ئۈزۈلمەيدۇ، سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە، خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلىڭلار، ھەرگىز قويۇۋەتمەڭلار، ئېغىز چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار، يېڭى شەيئىلەردىن قاتتىق ھەزەر قىلىڭلار، يېڭى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر، بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر‘“.
ئەقىدەشۇناس ئالىملار سۈننەتنى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىككىنچى ئاساسىي مەنبەسى دەپ قارايدۇ. سۈننەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن تەھقىقلەش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ھەرىكىتى ۋە سۈكۈتىدۇر. مانا بۇ، ئەقىدەشۇناس ئالىملارنىڭ نەزەرىدىكى سۈننەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى.
ھەدىسشۇناسلارنىڭ زور كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ قارىشىدا، سۈننەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ھەرىكىتى، سۈكۈتى ھەمدە ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە قىياپىتى ھەققىدىكى تەسۋىر-بايانلارنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ھاياتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈننەتنىڭ بۇ ئېنىقلىمىسى بىلەن ھەدىسنىڭ − پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ۋە ساھابە، تابىئىنلاردىن قىلىنغان بارلىق رىۋايەتنى كۆرسىتىدۇ − ئېنىقلىمىسى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، ئىمام بەيھەقىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلاردىن قىلىنغان رىۋايەتنى توپلىغان ھەدىس كىتابى «سۈننەت توپلىمى» دەپ ئاتالغان.
ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر قىسىم ئالىملار سۈننەت − مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ھەرىكىتى، سۈكۈتى ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ۋە قىياپىتى ھەققىدىكى تەسۋىر-بايانلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ھاياتىدىن ئىبارەت دېگەن قاراشنى قوللىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تەبىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىلىنغان رىۋايەت بىلەنلا چەكلىنىپ، ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن قىلىنغان رىۋايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان.
ھەدىسشۇناس ئالىملار ئىچىدە يەنە سۈننەت − مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ھەرىكىتى، سۈكۈتى ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى، قىياپىتى ھەققىدىكى تەسۋىر-بايان، دەپ قارايدىغانلارمۇ بار.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەدىسشۇناسلارنىڭ نەزەرىدىكى سۈننەتتە ئەقىدەشۇناس ئالىملارنىڭ سۈننەتكە بەرگەن تەبىرىگە قارىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىياپىتى ھەققىدىكى تەسۋىر-بايانلار، يەنى رىۋايەتچىلەرنىڭ ”مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېگىزمۇ ئەمەس، پاكارمۇ ئەمەس ئىدى“دېگەنگە ئوخشاش سۈپەتلەشلىرى ئارتۇق. بۇ خىلدىكى رىۋايەتلەر شەرىئەتتە ھۆكۈم تۇرغۇزۇشنى ئەمەس، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەسلىتىش ۋە مەدھىيەلەش، مۇسۇلمانلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشكە دەۋەت قىلىش مەقسەت قىلىدۇ. ھەدىسشۇناسلار ھەدىسنىڭ تەبىرىگە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ھەققىدىكى بايانلارنى(مىسالەن، ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىلار بىلەن بىرگە تاماق يەيتتى “، ” پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاقچاق قىلاتتى، لېكىن ئۇنىڭ گەپلىرى راست ئىدى“ دېگەنگە ئوخشاش بايانلارنى)، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ھاياتى ھەققىدىكى بايانلارنى قوشقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەتمۇ ئوخشاشلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەسلىتىش ۋە مەدھىيەلەش، مۇسۇلمانلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈندۇر.
مانا بۇ ھەدىسشۇناسلارنىڭ سۈننەتكە بەرگەن تەبىرىدۇر. شۇڭا، ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ ھەدىس توپلىمىنى ”رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ۋە ھاياتى توغرىسىدىكى ئىخچاملاشتۇرۇلغان سەھىھ مۇسنەد ھەدىسلەر توپلىمى“ دەپ ئاتىغان.
سۈننەت ۋە ھەدىس دېيىلسە ئادەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىلىنغان رىۋايەتنى كۆرسىتىدۇ. باشقا ئەھۋالدا، بۇ ساھابىلەرنىڭ ھەدىسى ياكى تۆت خەلىپەنىڭ سۈننىتى دېگەنگە ئوخشاش سۈننەت بىلەن ھەدىسنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش زۆرۈر. ئەمما، رىۋايەت ۋە خەۋەر دېگەن سۆزلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىلىنغان ياكى باشقا كىشىلەردىن قىلىنغان رىۋايەتكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر