باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

مەخسۇس ھەدىس قۇددۇسى توپلانغان كىتابلار قايسى؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-17   
 
ھەدىس كىتابلىرىغا قارىغاندا مەخسۇس ھەدىس قۇددۇسى توپلانغان كىتابلار ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبى ھەدىس قۇددۇسى مەزمۇن جەھەتتىن ئاساسلىق ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى، بۈيۈكلۈكى، چەكسىز سەلتەنىتى ۋە ئىنسانلارغا قىلغان پەزلى-ئىنئامى ۋە شەپقىتىنى ئىپادىلەشنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان. لېكىن، ھەدىس، ھەدىس قۇددۇسىغا قارىغاندا چېتىلىدىغان ساھەسى تېخىمۇ كەڭ، مەزمۇنى تېخىمۇ ئومۇمىيۈزلۈكتۇر. ھەدىسنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەپسىرى ۋە ئىزاھاتى، دېيىشكە بولىدۇ، ھەدىس ئەڭ ئىخچام ئۇسۇلدا «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىرلىگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ھەدىس مۇسۇلمانلارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئەدەپ-ئەخلاق، قائىدە-يوسۇن ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەرگە دائىر مەسىلىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. شۇڭا، ھەدىس تۇتىشىدىغان ساھە ھەدىس قۇددۇسىنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ.
ھەدىس قۇددۇسى ھەدىسكە ئوخشاش ھەرقايسى ھەدىس كىتابلىرى، مۇسنەد، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى، ھەدىسلەر توپلىمى ۋە ھەدىس قامۇسلىرىدا توپلىنىپ ساقلانغان بولسىمۇ، بەزى ھەدىس ئالىملىرى ھەدىس قۇددۇسىنى مۇستەقىل ئايرىم توپلاپ كىتاب قىلغان. مەخسۇس ھەدىس قۇددۇسى خاتىرىلەنگەن ئاساسلىق كىتابلار تۆۋەندىكىچە:
1) ئىمام ئەبۇ ئابدۇللا تايى (ھىجرىيە 638-يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ «ھەدىس قۇددۇسى چىرىغى» ناملىق كىتابى. بۇ كىتابتا جەمئىي 101 ھەدىس قۇددۇسى خاتىرىلەنگەن.
2) موللا ئەلى قارى(ھىجرىيە 1016-يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ «قىرىق ھەدىس قۇددۇسى» ناملىق كىتابى. بۇ توپلامدا نۇرغۇن ھەدىس قۇددۇسى ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان قىرىق ھەدىس قۇددۇسى خاتىرىلەنگەن.
3) مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد مەدىينى(ھىجرىيە 1200-يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ «ھەدىس قۇددۇسى جەۋھەرلىرى» ناملىق كىتابى. بۇ كىتابتا 874 ھەدىس قۇددۇسى خاتىرىلەنگەن. بۇ ھەدىسلەر ئىمام سۇيۇتىنىڭ «ھەدىسلەر توپلىمى» دېگەن كىتابىدىن تەكشۈرۈش ۋە تەھقىقلەش ئارقىلىق تاللاپ چىقىلغان.
4) مىسىر ئىسلام ئىشلىرى ئالىي كېڭىشى تۈزگەن «ھەدىس قۇددۇسى توپلىمى». بۇ توپلامنى مۇھەممەد ئەھمەد ئەبۇ نۇر باش بولۇپ تۈزگەن بولۇپ، سەنەدى ئوخشىمىغانلىقتىن تېكىستى تەكرار رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنى قوشقاندا جەمئىي 400 ھەدىس قۇددۇسى خاتىرىلەنگەن. بۇ ھەدىس قۇددۇسى «سەھىھۇل بۇخارى»، «سەھىھۇل مۇسلىم»، «سۈنەن ئەبۇ داۋۇد»، «سۈنەن تىرمىزى»، «سۈنەن نەسەئى»، «سۈنەن ئىبنى ماجە» ۋە ئىمام مالىكنىڭ «مۇئەتتا» قاتارلىق ھەدىس كىتابلىرىدىن تاللاپ ئېلىنغان.
بۇ ھەدىسلەرنى شەرھلەشتە تۆۋەندىكى شەرھ كىتابلار ئاساس قىلىنغان:
(1) قەستەلانى (ھىجرىيە 1517-يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ «سەھىھۇل بۇخارى»غا يازغان شەرھىسى.
(2) ئىمام نەۋەۋى (ھىجرىيە 1277-يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ «سەھىھۇل مۇسلىم»غا يازغان شەرھىسى.
(3) باشقا تەپسىر ۋە ئەرەب تىلى ھەققىدىكى ئەسەرلەر.
كىتابخاننى ئەسكەرتىپ قويۇش لازىمكى، ھەدىس قۇددۇسى ئىچىدە سەھىھلىرىمۇ، ھەسەنلىرىمۇ ۋە زەئىپلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ دەرىجىسى ھەدىس قوبۇل قىلىشتا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە ئۆلچەملەرگە قانچىلىك ئۇيغۇن بولۇشىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر ھەدىس قۇددۇسى سەھىھ ھەدىس ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولسا ”سەھىھ“ دېيىلىدۇ، سەھىھ ھەدىس ئۆلچىمىنى تولۇق ھازىرلىمىغان ياكى سەھىھ ھەدىس ئۆلچىمىدىن تۆۋەنرەك بولسا ”ھەسەن“ دېيىلىدۇ، ھەسەن ھەدىس ئۆلچىمىدىن تۆۋەن ئۆلچەمگىمۇ چۈشمەيدىغان ھەدىسلەر ”زەئىپ“ دېيىلىدۇ. گەرچە دەرىجىسى ئوخشىمىسىمۇ، بۇ ھەدىسلەر ھازىرلىغان شەرتلەر ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقنىڭ زۆرۈر شەرتىدۇر.
زەئىپ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى بىر دەرىجىدە بولماستىن نۇرغۇن قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ ھىپزى قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىز بولۇشى سەۋەبىدىن زەئىپ بولغان ھەدىس بىلەن ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ يالغانچىلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن زەئىپ بولغان ھەدىسنى بىر دەرىجىدە قويغىلى بولمايدۇ.
شۇڭا، ھەدىس قۇددۇسى ھەدىس قوبۇل قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلسىلا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى ۋە تەتبىقلىشى زۆرۈر.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
يەنە >>سۈرەتلەر