باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

ھەدىس قۇددۇسى بىلەن ھەدىسنىڭ قانداق پەرقى بار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-15   
ھەممىگە مەلۇمكى، ھەدىس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جىمى سۆزى، ھەرىكىتى، سۈكۈتى ھەمدە ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە قىياپىتى ھەققىدىكى تەسۋىر-باياندۇر. ھەدىس بىلەن ھەدىس قۇددۇسىنىڭ ئاساسلىق پەرقى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، تىلىدىكى پەرق.
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىسلام ئالىملىرى بىردەك ھەدىس قۇددۇسىنىڭ مەزمۇنى ئاللاھتىن كەلگەن، يەنى ئۇ ئاللاھنىڭ روشەن ۋە مەخپىي ۋەھيىسى دەپ قارايدۇ. ئۇ ئاللاھ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ئوچۇق ۋەھيىنىمۇ، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلھام ۋە چۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن ۋەھيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.
ئەمما، ھەدىس ئاللاھ مەزمۇنىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلىپ بەرگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆزىنىڭ سۆز-ئىبارىسى ئارقىلىق ئىپادىلەپ مۇستەقىل ھۆكۈم چىقارغان ۋە ئاللاھ تائالا مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋەھيىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ھەرگىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خاتا ئىشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇستەقىل چىقارغان ھۆكۈمىنى توغرىلاش ھەققىدە ۋەھيى چۈشمىگەن ئەھۋالدا، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ ھۆكۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىنى ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچى، مەزمۇندىكى پەرق.
ھەدىس قۇددۇسى ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىنى، ئۇلۇغلۇقىنى، چەكسىز سەلتەنىتىنى بايان قىلىش، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان مېھرىبانلىقى ۋە شەپقىتىنى ئىپادىلەش، ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلغان زور پەزلى-ئىنئامى ۋە ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ قويۇشنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان. شۇڭا، ھەدىس قۇددۇسى ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ بەندىلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئۈمىد ئىشىكىنى ئاچىدۇ. ئۇنىڭ قەلبنى پاكلاش، ئىش-ھەرىكەتنى توغرىلاش، نەپسىنى پاكلاش، بولۇپمۇ كىشىلەرنى ياخشىلىق قىلىشقا، يامانلىقتىن يىراقلىشىشقا يېتەكلەشتە ئالاھىدە رولى بار.
ئىككىنچى سوئالدىكى نەقىل ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇددۇسى بولۇپ، ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكى ۋە ئۇلۇغلۇقى بايان قىلىنغان، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئىنتايىن شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئىكەنلىكى ئىپادىلىگەن ھەدىس قۇددۇسىنىڭ مىسالىدۇر.
ئاللاھنىڭ چەكسىز ھوقۇقى، ئىنسانىيەتكە قىلغان پەزلى-ئىنئامىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ھەدىس قۇددۇسىنىڭ مىسالى بولسا ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ’مەن جەننەتتە سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، خىيالغىمۇ كەلتۈرەلمەيدىغان نېمەتلەرنى تەييارلىدىم‘ “.
ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنداق دېگەن: ” ئەگەر سىلەر خالىساڭلار «قۇرئان كەرىم» نىڭ مۇنۇ ئايىتىنى ئوقۇپ بېقىڭلار: ﴿ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ﴾ {سۈرە ”سەجدە“، 17-ئايەت}“.
 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر