باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

ھەدىس قۇددۇسى بىلەن «قۇرئان كەرىم» ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرقلەر بار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-15   
 
ھەدىس قۇددۇسىنىڭ سۆز-ئىبارىسى ئاللاھتىن كەلگەن دەيدىغان ئالىملارمۇ ھەدىس قۇددۇسى بىلەن «قۇرئان كەرىم»نى ئارىلاشتۇرۇۋەتمىگەن. ئەكسىچە ھەدىس قۇددۇسىنىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس نەبەۋى بىلەن ئوخشاشمايدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرىنى بايان قىلغان.
بىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ” فاتىھە“ سۈرىسىدىن باشلىنىپ ”ناس“ سۈرىسىدە ئاخىرلاشقان كىتابقا خاتىرىلەنگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سۆز-ئىبارىلىرىنىڭ رىقابەت ئېلان قىلىش خۇسۇسىيىتىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئىبادەت قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. «قۇرئان كەرىم» قىلچىلىك ئۈزۈلۈپ قالماستىن ئۇلىنىپ رىۋايەت قىلىنغان، «قۇرئان كەرىم» ئەڭ قىسقا ئايەت بىلەن ئىنسان ۋە جىنلارغا رىقابەت ئېلان قىلغان، بىراق ئىنسانلار بىلەن جىنلار «قۇرئان كەرىم»نىڭكىدەك ئايەتتىن بىرەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە ئاجىز كەلگەن.
«قۇرئان كەرىم» ھەدىس قۇددۇسىدىن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە نۇقتىدا پەرقلىنىدۇ:
بىرىنچى، «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ ئۆزى قوغداشقا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك مۆجىزە بولۇپ، ئۆزگەرتىلمەيدۇ، كېمەيتكىلى ياكى قوشقىلى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئۆزىمىز نازىل قىلغان ئىكەنمىز، ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆزىمىز قوغدايمىز﴾ {سۈرە ”ھىجر“، 9-ئايەت}.
ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»نى قوغدىغاچقا مۇسۇلمانلارنىڭ قۇدرەت تېپىشى ياكى ئاجىزلىشىشى ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. ئاللاھ مەلۇم بىر ئىشنى ئىرادە قىلسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا قادىردۇر، ئۇنىڭ ھۆكمىنى ھېچنېمە توسۇپ قالالمايدۇ. ﴿ئاللاھ (خالىغان) ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇنى (بۇنى) ئۇقمايدۇ﴾ {سۈرە ”يۇسۇف“، 21-ئايەت}.
بۇ يەردە ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، ئاللاھ تائالا نېمە ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم»نىلا قوغداپ، «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل»نى قوغدىمايدۇ؟ ئاللاھ تائالا نېمە ئۈچۈن «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل»نى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۇ كىتابلار چۈشۈرۈلگەن كىشىلەر (يەھۇدىي ۋە ناسارالار)نىڭ ئۆزىگە تاپشۇرغان؟ ئاقىۋەت ئۇ كىشىلەر ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئورۇندىماي بۇ كىتابلارنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلىشىگە ۋە بۇرمىلىنىشىغا سەۋەبچى بولمىدىمۇ؟ ئەجەبا «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل»نى ئاللاھ نازىل قىلمىغانمۇ؟ بۇ كىتابلارنىمۇ ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى توغرا يولغا ۋە يېگانە بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان ئەمەسمۇ؟ ئاللاھنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىلا قوغدىشى مۇسۇلمانلارغا يان باسقانلىق ئەمەسمۇ؟ ياكى بۇنداق گەپ-سۆزلەر بىمەنە بولسا، «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل» ئەزەلدىن ئۆزگەرتىلمىگەن ۋە بۇرمىلانمىغانمۇ؟
بۇ مەسىلىگە قارىتا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ جاۋابى شۇكى، ئاللاھ ئەۋەتكەن ھەربىر پەيغەمبەرگە مۆجىزە ۋە يېتەكچى كىتاب-دەستۇر بەرگەن. مۆجىزە شۇ پەيغەمبەرنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش رولىنى ئۆتىگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ھەربىر پەيغەمبەرگە كىشىلەرنى قايىل قىلالايدىغان مۆجىزە بېرىلگەن، ماڭا بېرىلگەن مۆجىزە ئاللاھ ماڭا نازىل قىلغان «قۇرئان كەرىم»دۇر، مەن قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەر ئىچىدىكى ئەگەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ پەيغەمبەر بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن“.
كىتاب-دەستۇر ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش رولىنى ئۆتىگەن.
ئاللاھ ھەربىر پەيغەمبەرگە بېرىلگەن مۆجىزىنى قوغدىغان. چۈنكى، پەيغەمبەرنىڭ مۆجىزىسى قوغدالمىغاندا، كىشىلەر ئاللاھ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولاتتى. ۋاھالەنكى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشى كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى ئىنكار قىلىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن بىر بۆلۈك كىشىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا، ئاللاھ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە بەرگەن مۆجىزىنى قوغدىغان.
كىتابلارغا كەلسەك، ئۇنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئاللاھ مۇنۇ ئايەتتە ئېيتقىنىدەك ھەربىر كىتاب نازىل قىلىنغان ئۈممەتكە تاپشۇرغان: ﴿بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا)تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا ھىدايەت ۋە نۇر بار، ئىتائەتمەن پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، يەھۇدىيلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇيرۇلغان ئاللاھنىڭ كىتابى (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلاتتى، ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىۋېتىشتىن) ساقلاشقا نازارەتچى ئىدى﴾ {سۈرە”مائىدە“، 44-ئايەت}.
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يەھۇدىيلارنى «تەۋرات»نى ئۆزگەرتىش ۋە بۇرمىلاشتىن توسىغان، بىراق ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قۇلاق سالماستىن بۇ دۇنيادىكى ۋاقىتلىق مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇنى ئۆزگەرتكەن. «ئىنجىل»مۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە كىتاب بىلەن مۆجىزە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېرىلگەن. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى ئۇنىڭ ھاسىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتاب ئۆزگەرتىلىشتىن ئىلگىرىكى «تەۋرات» ئىدى. تۇغما ئەمالارنى ۋە بەرەس كېسىلىنى داۋالاش ھەمدە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈش ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى ئىدى، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتاب (ئۆزگەرتىلىشتىن ئىلگىرىكى) «ئىنجىل» ئىدى.
دېمەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە مۆجىزە ۋە كىتاب ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېرىلگەنىدى. لېكىن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلىنغان مۆجىزىمۇ «قۇرئان كەرىم»، نازىل قىلىنغان كىتابمۇ «قۇرئان كەرىم» ئىدى.
يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئاللاھ ھەربىر پەيغەمبەرگە نازىل قىلغان كىتابدىن سىرت، ئاتا قىلغان مۆجىزىنى قوغدىغان. لېكىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن مۆجىزە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆزىدۇر، شۇڭا ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا «قۇرئان كەرىم» نىمۇ قوغدىغان.
شۇڭا، بەزى مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەلىماتىدىن چەتنەپ، ئاممىۋى ۋە شەخسىي تۇرمۇشتا «قۇرئان كەرىم»نى چەتكە تاشلاپ قويغان ياكى دەھرىيلىك يولىنى دىن يولىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋالغان، نەتىجىدە خىلمۇخىل ئازاب ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، مۆجىزە بولغان «قۇرئان كەرىم»نى ساقلاش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىلىرى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بارماقتا.
شەك-شۈبھىسىزكى، ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە بىزگە يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۇلارغا نازىل قىلىنغان كىتابلارنى ئۆزگەرتكەنلىكى ۋە بۇرمىلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) يەھۇدىيلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتىۋەتكەن تۇرسا، يەنە ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟﴾ {سۈرە ”بەقەرە“، 75-ئايەت}.
ئاللاھ يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ كىتابنى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئاز پۇلغا (يەنى دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئەتىگە) سېتىۋېتىش ئۈچۈن، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۆز قولى بىلەن يېزىۋالغان نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!﴾ {سۈرە ”بەقەرە“، 79-ئايەت}.
ئىككىنچى، «قۇرئان كەرىم»دىكى ھەربىر ھەرپ ۋە سۆز، شۇنداقلا ئايەت ۋە سۈرىلەر باشتىن-ئاخىرغىچە ئەسلىي تەرتىپى بويىچە قىلچىلىك ئۆزگەرتىلمەي ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۈزۈلمەستىن رىۋايەت قىلىنىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ساھابىلەر قۇرئاننى قوبۇل قىلغان، ساھابىلەردىن تابىئىنلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن، تابىئىنلاردىن تەبىئىي تابىئىنلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە يادلىغان. شۇڭا، «قۇرئان كەرىم» ئەۋلادمۇئەۋلاد رىۋايەت قىلىنغان، قىلچىلىكمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىغان مۇتەۋاتىر* رىۋايەتتۇر. شۇ سەۋەبدىن «قۇرئان كەرىم»گە قىلچىلىك شەك-شۈبھە ئارىلاشمىغاندۇر. بىراق، ھەدىس قۇددىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاھاد رىۋايەتتۇر.
ئۈچىنچى، «قۇرئان كەرىم»نى رىۋايەت قىلىشقا سەنەد كەتمەيدۇ، رىۋايەتچىلەرنىڭ كىملىكىنى سوراشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، چۈنكى «قۇرئان كەرىم» مۇتەۋاتىردۇر. لېكىن، ھەدىس قۇددۇسى ھەدىس كەبى ئىسناد ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئىسناددىكى ھەربىر رىۋايەتچى ھەدىس رىۋايەتچىسىگە قويۇلغان شەرتكە ئۇيغۇن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
تۆتىنچى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ سۆز-ئىبارىسى بولسۇن، مەنىسى بولسۇن، ھەممىسى ئاللاھتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئويغاق ھالەتتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدىن قوبۇل قىلغان ۋەھيىدۇر. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام روشەن ۋەھيىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىۋاسىتە بىلدۈرگەن. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى ئوچۇق ئەرەب تىلىدا ئېلىپ كېلىپ سېنىڭ قەلبىڭگە چۈشۈردى﴾ {سۈرە ”شۇئەرا“، 192~195-ئايەتلەر}.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نى يەتكۈزۈش ۋە چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿سارقىۋاتقان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (مۇھەممەد) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى. ئۇ ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۆزىگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ﴾ {سۈرە ”نەجم“، 1~4-ئايەتلەر}.
ئاللاھ يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگەندە، بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلار: ‘بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن’ دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا) ‘مەن ئۇنى ئۆزەمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەمەل قىلىمەن؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن’ دېگىن؛ ‘ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلسا سىلەرگە ئۇ (قۇرئان) نى ئوقۇپ بەرمەس ئىدىم، ئاللاھمۇ ئۇنى سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئاراڭلاردا ئۇزاق ۋاقىت تۇردۇم، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟’ دېگىن» {سۈرە ”يۇنۇس“، 15~16-ئايەتلەر}.
شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نى پەقەت قوبۇل قىلغان ۋە يادلىغان. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا قۇرئاننى ئوقۇتىمىز، ئاندىن سەن ئاللاھ ئۇنتۇلدۇرغاندىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن﴾ {سۈرە ”ئەئلا“، 6-ئايەت}. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نى كىشىلەرگە يەتكۈزگەن. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن﴾ {سۈرە ”مائىدە“، 67-ئايەت}. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان كەرىم»نى چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار تەپەككۇر قىلسۇن دەپ نازىل قىلدۇق﴾ {سۈرە ”نەھل“، 44-ئايەت}.
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى «قۇرئان كەرىم» بىلەن ھەدىس قۇددۇسىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدىغان تەرەپلىرىدۇر. ھەدىس قۇددۇسى سۆز-ئىبارىلىرىنىڭ ئاللاھتىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى ھەققىدە ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت. ئۇنى ئاللاھنىڭ روشەن ۋەھيىسى دېيىشكىمۇ، ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىلھام ۋە پىكىر دېيىشكىمۇ بولىدۇ. لېكىن «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان روشەن ۋەھيىدۇر.
«قۇرئان كەرىم»نى رىۋايەت قىلغاندا سۆز ۋە جۈملىلەر ئەسلىي شەكلىدە رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى رىۋايەت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، بىرەر ھەرپنىمۇ ئالماشتۇرۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ. لېكىن، ھەدىس قۇددۇسىنى رىۋايەت قىلغاندا مۇئەييەن شەرتلەر ئاساسىدا ئۇنىڭ مەزمۇنىنى رىۋايەت قىلىشقا بولىدۇ.
«قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت قىلىش ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلىق بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ساۋاب ئاتا قىلىدۇ، ھەربىر ھەرپنى ئوقۇغاندا ئۇنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر ساۋابقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى ئاللاھنىڭ كالامىدىن بىر ھەرپنى ئوقۇيدىكەن، ئون ھەسسە ساۋابقا ئېرىشىدۇ، مەن ئەلىف، لام، مىم نى بىر ھەرپ دېمەكچى ئەمەسمەن، بەلكى ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر“.
بۇ ھەم ھەدىس قۇددۇسىنىڭ «قۇرئان كەرىم»گە ئوخشىمايدىغان بىر تەرىپىدۇر. ھەدىس قۇددۇسىنى ئوقۇش ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ، خۇددى دىنىي بىلىم ئۆگىنىشنىڭ ساۋابى بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ساۋابى ئوخشىمىغاندەك، ھەدىس قۇددۇسىنى ئوقۇغاننىڭ ساۋابى بىلەن قۇرئان ئوقۇغاننىڭ ساۋابىمۇ ئوخشىمايدۇ.
قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇيالايدىغان ئادەم ناماز ئوقۇغاندا ئۇنى ئوقۇسىلا نامىزى ئادا بولىدۇ، ئەمما نامازدا ھەدىس قۇددۇسىنى ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس، ئەگەر نامازدا قۇرئان ئايىتىنى ئوقۇشنىڭ ئورنىغا ھەدىس قۇددۇسى ئوقۇلسا ناماز ئادا بولمايدۇ.
«قۇرئان»نىڭ خاس ئىسمى − «قۇرئان كەرىم»دۇر. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر جۈملە ”ئايەت“دەپ ئاتىلىدۇ. ۋاھالەنكى، ھەدىس قۇددۇسىنى «قۇرئان كەرىم»، ئۇنىڭ جۈملىلىرىنى ”ئايەت“دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ، ئۇنى پەقەت «ھەدىس قۇددۇسى» دېيىشكىلا بولىدۇ.
«قۇرئان كەرىم» ئاللاھقىلا مەنسۇپتۇر، ھەدىس قۇددۇسى بولسا ئاللاھقا تەۋە بولسىمۇ ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە تەۋە بولسىمۇ بولىدۇ. ھەدىس قۇددۇسىنى رىۋايەت قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رىۋايەت قىلىپ: ”ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن...“ دەيدۇ. ھەدىس قۇددۇسىنى ئاللاھقا ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەۋە بولسا بولىدۇ دېيىشتىكى سەۋەب شۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ”رەسۇلۇللاھ پەرۋەردىگارىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن...“ گە ئوخشاش ئاللاھقا ۋاكالىتەن يەتكۈزگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىس قۇددۇسىنى رىۋايەت قىلىش ئۇسلۇبى بىلەن رىۋايەت قىلغان.
كىمكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەممىسىنى ياكى ئىچىدىكى بىرەر ئايەتنى ئىنكار قىلىدىكەن دىندىن چىقىدۇ. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم» سۆز-ئىبارىلىرى مۇكەممەل مۇتەۋاتىر رىۋايەتتۇر. لېكىن، مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن ھەدىس قۇددۇسىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى دىندىن چىقتى دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ.
گەرچە زاھىرى مەزھىپىدىكى ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ھەزمىلەر جۇنۇپ كىشىلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تۇتۇشى دۇرۇس، دېگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق فەقىھ ئالىملار جۇنۇپلار، ھەيزدار ۋە ناپاسدار ئاياللارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تۇتۇشىنى چەكلىگەن. ئەمما، بارلىق ئىسلام ئالىملىرى بىردەك ئۇنداق ئاياللارنىڭ ھەدىس قۇددۇسىنى تۇتۇشى دۇرۇس دەپ قارىغان.
گەرچە ساھابە ئىبنى ئابباس، بۇخارى، تەبەرانى، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ھەزمىلەر جۇنۇپلار، ھەيزدار ۋە ناپاسدار ئاياللارنىڭ قۇرئاننى ئوقۇشى دۇرۇس دېگەن بولسىمۇ، زور كۆپ ساندىكى فەقىھ ئالىملار ئۇلارنىڭ قۇرئاننى ئوقۇشىنى چەكلىگەن. ئەمما، ئۇلارنىڭ ھەدىس قۇددۇسىنى ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلغان.
ئىبنى ئابباس، شەئبى، ئىبنى ھەزمى ۋە ھەممادلار تاھارەتسىز كىشىلەرنىڭ قۇرئاننى تۇتۇشىنى دۇرۇس دېگەن بولسىمۇ، كۆپ ساندىكى فەقىھ ئالىملار دۇرۇس ئەمەس دېگەن. قۇرئاننى تۇتماستىن تىلاۋەت قىلىشنى بارلىق ئالىملار دۇرۇس دەپ قارىغان. بارلىق ئالىملار تاھارەتسىز كىشىلەرنىڭ ھەدىس قۇددۇسىنى تۇتۇشى دۇرۇس دېگەن.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر