باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

”ھەدىس قۇددۇسى“ دېگەن نېمە؟ ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىمۇ ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىمۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-13   
”ھەدىس قۇددۇسى“ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھتىن قىلغان رىۋايىتىدۇر، لېكىن ئۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايىتى ئەمەس.
ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ”ھەدىس قۇددۇسى“غا بەرگەن تەبىرىدىن شۇنى بايقايمىزكى، ئۇلار بىردەك ھەدىس قۇددۇسىنىڭ مەزمۇنى ئاللاھتىن كەلگەن دەپ قارىغان، ئەمما ھەدىس قۇددۇسىنىڭ سۆز-ئىبارىسى ئاللاھنىڭ كالامى (سۆزى) مۇ ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىمۇ دېگەن نۇقتىدا ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت.
بىر قىسىم ئىسلام ئالىملىرى ”ھەدىس قۇددۇسىنىڭ سۆز-ئىبارىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، مەزمۇنى بولسا ئاللاھتىن كەلگەن“ دەپ قاراريدۇ.
يەنە بىر قىسىم ئالىملار ھەدىس قۇددۇسىنىڭ سۆز-ئىبارىسى ئاللاھنىڭ بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەقەت ئاللاھنىڭ كالامىنى يەتكۈزگەن دەپ قارايدۇ. بۇ ئالىملار مەزكۇر نۇقتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى دەلىللەرنى كەلتۈرگەن:
ھەدىس قۇددۇسى ئاللاھنىڭ سۆزى بولغانلىقتىن ئۇ ”مۇقەددەس ھەدىس“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنى رىۋايەت قىلغاندا بىردەك ”ئاللاھ مۇنداق دېگەن“ ياكى”ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى پەرۋەردىگارىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ “ دەپ باشلىنىدۇ.
گەرچە ھەدىس قۇددۇسىنىڭ سۆز-ئىبارىلىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ تېكىستىگە ئوخشاش رىقابەت ئېلان قىلىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلار ئۇنى ئوقۇغاننى بىر تۈرلۈك ئىبادەت دەپ قارىمىسىمۇ، بىراق ھەدىس قۇددۇسىدا ئاللاھ بىرىنچى شەخس شەكلىدە رىۋايەت قىلىنىدۇ، شۇڭا بۇنداق رىۋايەت قىلىنغان سۆز-ئىبارىلەر ئاللاھنىڭ كالامىدۇر.
مىسالەن: ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”ئى بەندىلىرىم! ھەقىقەتەن مەن زۇلۇمنى ھارام قىلدىم، زۇلۇمنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى چەكلەنگەن ئىش قىلدىم، شۇڭا زۇلۇم قىلىشماڭلار؛ ئى بەندىلىرىم! مەن ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلار ئازغۇنلۇق ئىچىدە،   شۇڭا مەندىن ھىدايەت تىلەڭلەر، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن؛ ئى بەندىلىرىم! مەن رىزىق بەرگەنلەردىن باشقىڭلار ئاچلىق ئىچىدە،   مەندىن رىزىق تىلەڭلەر، سىلەرگە رىزىق بېرىمەن؛ ئى بەندىلىرىم! مەن كىيىم بەرگەنلەردىن باشقىڭلار يالىڭاچ، شۇڭا مەندىن كىيىم سوراڭلار، سىلەرگە كىيىم بېرىمەن؛ ئى بەندىلىرىم! سىلەر ھەقىقەتەن كېچە-كۈندۈز گۇناھ قىلىسىلەر، ۋەھالەنكى مەن سىلەرنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىمەن، مەندىن مەغپىرەت تىلەڭلەر، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمەن؛ ئى بەندىلىرىم! سىلەر ماڭا ھېچقانداق پايدا ۋە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر؛ ئى بەندىلىرىم! سىلەر ئىنسانلار ۋە جىنلار بىرلىشىپ، ئاراڭلاردىكى ئەڭ تەقۋادار كىشىنىڭ قەلبىدەك بولۇپ كەتسەڭلارمۇ مېنىڭ سەلتەنىتىمگە ھېچنېمىنى زىيادە قىلىپ بېرەلمەيسىلەر؛ ئى بەندىلىرىم! سىلەر ئىنسان ۋە جىنلار بىرلىشىپ ئەڭ ئەسكى ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولۇپ كەتسەڭلارمۇ مېنىڭ سەلتەنىتىمدىن ھېچنېمىنى كېمەيتىۋېتەلمەيسىلەر؛ ئى بەندىلىرىم! سىلەر ئىنسان ۋە جىنلار ھەممىڭلار بىرلىشىپ مەندىن ئوخشاش نەرسىنى تىلىسەڭلار، مەن ھەر بىرىڭلارغا تىلىگەن نەرسەڭلەرنى بەرسەممۇ ئىگىدارلىقىمدىكى نەرسىدىن قىلچىلىك كېمەيمەيدۇ، ئۇ چەكسىز دېڭىزنىڭ بىر تامچىسىچىلىكمۇ ئەمەس؛ ئى بەندىلىرىم! ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ھېسابلاپ قويىمەن، ئاندىن ئۇنىڭ مۇكاپات-جازاسىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن، ئەمەلىنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرگەن كىشىلەر ئاللاھقا ھەمدە-سانا ئېيتسۇن، ئەمەلىنىڭ جازاسىنى كۆرگەن كىشىلەر مەندىن ئەمەس ئۆزىدىن ئاغرىنسۇن! “.
ھەدىس قۇددۇسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغان ئاللاھنىڭ سۆزى، ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بولغان بولسا ئىدى، ھەدىسكە ئوخشاش ھەدىسنىڭ سەنەد*ى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇلىشىپلا توختايتتى. ۋاھالەنكى، ھەدىس قۇددۇسى” رەسۇلۇللاھ پەرۋەردىگارىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ“ياكى ”رەسۇلۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن“دېگەن شەكىل بىلەن رىۋايەت قىلىنىدۇ.
بىراق كۆپ ساندىكى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ھەدىس قۇددۇسىنىڭ سۆز-ئىبارىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ، مەزمۇنى بولسا ئاللاھتىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، ھەدىس قۇددۇسى قۇرئانغا ئوخشاش مۇقەددەسلىك شەرتىنى ھازىرلىمىغان. بىز قۇرئاننىڭ دەخلى-تەرۇز قىلغىلى بولمايدىغان مۇقەددەسلىكى ھەققىدە فىقھىدا جۇنۇپ ئادەم ۋە ھەيزدار، ناپاسدار ئاياللارغا ئوخشاش ناپاك ئادەملەرنىڭ قۇرئاننى تۇتۇشى ۋە ئوقۇشىغا دائىر ئېنىق ھۆكۈملەرنى كۆرەلەيمىز، شۇنداقلار تاھارەتسىز ئادەمنىڭ قۇرئاننى تۇتۇشى ھەققىدىمۇ نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى ئۇچرىتىمىز.
ئىككىنچى، ھەدىس قۇددۇسىنىڭ سۆز-ئىبارىلىرى ئاللاھنىڭ كالامى بولىدىغان بولسا، ئالىملار بىردەك ھەدىس قۇددۇسىنى رىۋايەت قىلغاندا ئۇنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنىلا رىۋايەت قىلىشقا يول قويمىغان بولاتتى. چۈنكى، ھەدىس قۇددۇسى ئاللاھنىڭ كالامى بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنىلا ئەمەس، بىر سۆزنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماستىن پۈتۈن ۋە مۇكەممەل رىۋايەت قىلىشقا توغرا كېلەتتى.
ئۈچىنچى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئاننى يېزىپ خاتىرىلەشكە ئوخشاش ھەدىس قۇددۇسىنى يېزىپ خاتىرىلەشكە بۇيرۇمىغان، ئۇنداق بولمىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان بىلەن ھەدىس قۇددۇسىنى پەرقلەندۈرمىگەن بولاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇرئاننى يېزىپ خاتىرىلەشكە بۇيرۇغان، لېكىن ھەدىس قۇددۇسىنى قۇرئانغا ئوخشاش يېزىپ خاتىرىلەشكە بۇيرۇمىغان. ئەگەر ھەدىس قۇددۇسى ئاللاھنىڭ كالامى بولسا ئۇنى قۇرئاندىن پەرقلەندۈرۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئىككىلىسى ئاللاھنىڭ كالامى بولسا نېمىشقا پەرقلەندۈرۈلۈپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ؟
تۆتىنچى، ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان كەرىم»نى نازىل قىلىپ ئىنسانىيەتنى يېتەكلەشتىن سىرت، «قۇرئان كەرىم»نى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلار ۋە جىنلارغا رىقابەت ئېلان قىلىدىغان مۆجىزىسى قىلغان. «قۇرئان كەرىم»نىڭ رىقابەت ئېلان قىلىشىنىڭ زۆرۈر شەرتى ئۇنىڭ سۆز-ئىبارىلىرىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىدۇر. بۇ نۇقتا ھەدىس قۇددۇسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ھەدىس قۇددۇسى پەقەت مۇسۇلمانلاردىن تۇرمۇشتا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى، تەتبىقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ ھېچقانداق رىقابەت ئېلان قىلىشتەك خاسلىققا ئىگە ئەمەس.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر