باش بەت > دىن ۋە ھايات > ھەدىس شەرىف

ھەدىس دېگەن نېمە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-06   
 
ئىسلام ئالىملىرى ھەدىس كە تەبىر بېرىشتە ئاساسلىق ئۈچ خىل قاراشتا بولغان:
بىرىنچى قاراش: ھەدىس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جىمى سۆزى، ھەرىكىتى، سۈكۈتى ھەمدە ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە قىياپىتى ھەققىدىكى تەسۋىر-بايانلار (ھەدىس مەرفۇئ {پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىلىنغان رىۋايەت}) نى كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچى قاراش: ھەدىس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ھەرىكىتى، سۈكۈتى ھەمدە ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە قىياپىتى ھەققىدىكى تەسۋىر-بايانلاردىن سىرت، يەنە ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزى (ھەدىس مەۋقۇف {ساھابىدىن قىلىنغان رىۋايەت} ،   ھەدىس مەقتۇئ {تابىئىنلاردىن قىلىنغان رىۋايەت} ) نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈچىنچى قاراش: ھەدىس پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتىنىلا كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئىبنى ئەكفانى مۇنداق دېگەن:  ھەدىس رىۋايىتى ئىلمى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ۋە ھەرىكەتلىرىنى رىۋايەت قىلىش، سېلىشتۇرۇش ۋە خاتىرىلەشكە قارىتىلغان ئىلىمدۇر .
زور كۆپ ساندىكى مۇھەددىس ئۆلىمالار يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل قاراش ئىچىدىن، بىرىنچى خىل قاراشنى قوبۇل قىلغان.
(1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى
مىسالەن:  مەيلى قەيەردە بولۇڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى يوقىتىڭلار ھەمدە باشقىلارغا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار .
(2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرىكىتى
مىسالەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازنى قانداق ئوقۇش ۋە ھەجنى قانداق قىلىش ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:  نامازنى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار،   مەندىن ھەج پائالىيىتىنى ئۆگىنىڭلار .
(3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈكۈتى
مىسالەن: بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا كىلە يېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈكۈت قىلغان، ئۇنى يېيىشتىن چەكلىمىگەن.
(4) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى
مىسالەن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:  رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز-ئىبارىلىرى گۈزەل ۋە مۇلايىم بولۇپ، ئەزەلدىن باشقىلارغا ئازار بەرمەيتتى، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىمايتتى، يامانلىققا يامانلىق قىلمايتتى، بەلكى كەڭ قورساق ۋە ئەپۇچان ئىدى .
(5) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىياپىتى ھەققىدىكى تەسۋىر-بايانلار.
مىسالەن: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بويى ئېگىزمۇ ئەمەس پاكارمۇ ئەمەس ئىدى، تېرىسى ئاقمۇ ئەمەس قارامتۇلمۇ ئەمەس ئىدى، چېچى بۈدۈرمۇ ئەمەس تۈزمۇ ئەمەس ئىدى .
شۇڭا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جىمى سۆزى، ھەرىكىتى، سۈكۈتى ھەمدە تاشقى قىياپىتى ھەققىدىكى تەسۋىر-بايانلارنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. مەيلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ گەپ-سۆزى بولسۇن ياكى ھەرىكەت-پائالىيىتى بولسۇن، بىردەك  ھەدىس  دەپ ئاتىلىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىنىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتىنى ھەدىس  دەپ ئاتىغان. بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قىيامەت كۈنى سىزنىڭ شاپائىتىڭىز بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان ئادەم كىم؟ دەپ سورىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ’ئى ئەبۇ ھۇرەيرە، مەن سېنىڭ ھەدىسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى كۆرگىنىمدە، سەندىن بۇرۇن ھېچكىمنىڭ مەندىن بۇنداق ھەدىسنى سوراپ باقمىغانلىقى ئېسىمگە كېلىدۇ. قىيامەت كۈنى، مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان ئادەم ئىخلاسمەنلىك بىلەن چىن قەلبىدىن ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد يوق دېگەن ئادەمدۇر’ .
ئىمام سۇيۇتى مۇنداق دېگەن: ”  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتى بىۋاسىتە ‘ھەدىس’ دەپ ئاتالغاندىن باشقا، يەنە ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتىمۇ ‘ھەدىس’ دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئىككىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈردۇر، مىسالەن، بۇ ھەدىس ساھابە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلىنغان رىۋايەت دېگەنگە ئوخشاش .
ئۇنىڭدىن سىرت، مۇھەددىس ئالىملارنىڭ قارىشىچە،  ھەدىس”  دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ سۆز ئادەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى سۆزى، ھەرىكىتى ۋە سۈكۈتىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى ھەدىسلەر ئاندىن ئەمەل قىلىش شەرتىگە چۈشىدۇ.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
يەنە >>سۈرەتلەر