باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەسچىت-مەدرىسلەر

كۇچار قىغدۆڭ جامەسى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   

ھۈسەيىن ئىمىنھاجى

 

كۇچار ناھىيىسىدىكى قىغدۆڭ جامەسى كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، قۇرۇلۇشىنىڭ كۆركەملىكى ۋە ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ قەدىمكى نۇسخىلىرىنى مۇكەممەل، پۇختا ساقلاپ قالغانلىقى بىلەن جامائەتچىلىكنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرى.

سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، ئەمگەكچان كۇچار خەلقى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خاقانى ئابدۇرېشىت خاننىڭ ئوغلى سۇلتان خاننىڭ نامىدا ھىجرىيە 968-يىلى(مىلادىيە 1560-يىلى) كۇچار قاغاقوندى دۆڭ جامە، مەسچىت-مەدرىسىلىرىنى سالدۇرغان. ھىجرىيە 1079-يىلى(مىلادىيە 1668-يىلى) كۇچارلىق ئابدۇللاخان پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلىپ سۇلتان ئابدۇكېرىمخان نامىدا سېلىنغان ئەسلىدىكى جامەنى كېڭەيتىپ مەسچىت، جامە، مەدرىسە سالدۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن كۇچار ناھىيىسىنىڭ ئىشخالا مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ، ئۆز زامانىسىدا تونۇلغان بىلىملىك، ئوقۇمۇشلۇق، ئىخلاسمەن كۆز دوختۇرى مۇھەممەد ئىبنى شېرىپ ھاجىم ھىجرىيە 1139-يىلى(مىلادىيە 1726-يىلى) پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلىپ بۇ جامەنى ئۆز زامانىسىغا لايىقلاشتۇرۇپ كېڭەيتىپ سالدۇرغان. ئۇ سالدۇرغان كۇچار قىغدۆڭ جامەسىنىڭ مەدرىسىسىدە ئاتاقلىق تارىخچى، ئۇيغۇر ئالىمى موللا مۇسا سايرامى بىر مەزگىل دەرسمۇ ئۆتكەن.

كۇچار ۋاڭى مىلادى 1881-يىلى كۇچاردىكى ناسىر دو بېگى ھاجىم بىلەن مەبلەغ قوشۇپ، قىغدۆڭدىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ كەتكەن جامە ئورنىغا مەخسۇس جۈمە نامىزى ۋە ئادەتتىكى بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان جامە مەسچىت سالدۇرغان. بۇ جامەنىڭ مەدرىسىسى ئايرىم-ئايرىم بۆلۈملەرگە بۆلۈنگەن. مۇشۇ مەدرىسىنى پۈتتۈرگەن مەشھۇر دىنىي ئالىم ئىبراھىم قۇززات ئىبنى قۇتلۇق ھاجىم بۇ جامەنىڭ مەدرىسىسىگە مۇدەررىس بولۇپ، تالىپلارغا «ئىلمى سەرىپ»، «ئىلمى نەھۋى»دىن باشلاپ، بالداقمۇبالداق ئۆرلىتىپ ئىلمى مەنتىق، ئىلمى فارايىز، ئىلمى نۇجۇم، ئىلمى تېبابەت قاتارلىق ئىلىملەرنى، كلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن نەۋائى، لۇتفى، ئاتايى، سەككاكى، فۇزۇلى، ھۇۋەيدا، سەئىدى... قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى دەرسلىك قىلىپ ئۆتكەن. شائىر نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى، شائىر موللا بايىزىلار مۇشۇ مەدرىسىلەردە ئوقۇپ يېتىشىپ چىققان.

1925-يىلى 5-، 6-ئايلاردا بۇ جامەگە ئۇشتۇمتۇت ئوت كېتىپ كۆيۈپ كەتكەن. يۇرت چوڭلىرى كۇچار ۋاڭىغا كۆيۈپ كەتكەن جامەنىڭ ئورنىغا قايتىدىن جامە سېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ۋاڭ بۇ ئىشنى قوللاپ، بۇ جامەنى قايتا سېلىشنى بەلگىلىگەن ۋە باي، شايار قاتارلىق ناھىيىلەرنىڭ ئامباللىرىغا يارلىق ئەۋەتكەن ۋە كۇچار قىغدۆڭ جامەسىنى قايتا سېلىشقا مەلۇم ئىقتىساد كەلتۈرۈلگەن. قالغان مەبلەغ كۇچارنىڭ ئۆزىدىن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنغان. تەكلىپ قىلىنغان قەشقەرلىك ھەسەن ئاخۇن ئۇستامنىڭ لايىھىلىشىدە، ھىجرىيە 1347-يىلى(مىلادىيە 1928-يىلى) ئوتتۇرا ئاسىيا قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا ئۇزۇنلۇقى شەرقتىن غەربكە 128.30 مېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا 114 مېتىر، ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 14 مىڭ 386 كۋادرات مېتىر(21.6 مو ھېسابىدا) كېلىدىغان، 5000 ئادەم سىغىدىغان جامە قۇرۇلۇشى باشلانغان. جامەنىڭ پۈتۈن قۇرۇلۇشىغا كۆك يانتاق يېقىلغۇ قىلىپ پىشۇرۇلغان خىش ئىشلىتىلگەن. ئۇلى ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا كولىنىپ تاش، سېغىز لاي بىلەن چىڭدالغان، تاملىرىنىڭ ئۇلىغا 90 سانتىمېتىر كېلىدىغان قېلىپ ياسالغان. ئالدى بىلەن بۇ جامەنىڭ پەشتاق قۇرۇلۇشى لايىھىلەنگەن. لېيىغا گەج، سېغىز، تۇخۇم شاكىلى بىلەن ئارىلاشما لاي ياسالغان، ئۇنىڭغا تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، لاي قىلىنىپ گۈمبەزنىڭ خىشلىرىنى قويۇشقا ۋە سۇۋاقچىلىققا، پەشتاق قوپۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن. بۇ جامەنىڭ يېشىل سىرلانغان ئىككى چوڭ دەرۋازىسىنىڭ بىرىنىڭ ئىشىكى غەربكە، يەنە بىرىنىڭ ئىشىكى جەنۇبقا قارايدىغان قىلىپ ياسالغان. دەرۋازىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە نەقىشلىك گەج ئويما چىقىرىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئان ئايەتلىرى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى چىرايلىق يېزىلغان. رەڭدار بېزەك بىلەن ئۈچ مۇنار لايىھىلەنگەن، پەشتاقنىڭ ئۈستىگە چىقىدىغان ئىككى ئورۇندا پەلەمپەيلىك شوتا بولۇپ، بۇ شوتا مەخسۇس ئۈزۈم ياغىچىدىن بەكمۇ چىرايلىق ۋە مەزمۇت قىلىپ ياسالغان. پەشتاقنىڭ گۈمبەزلىرى نەقىشلىنىپ ھۆسنخەت بىلەن بېزەلگەن. بۇ جامە مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 18.30مېتىر، مۇنار بىلەن مۇنار ئارىلىقى ئون مېتىر، پەشتاقنىڭ ئېگىزلىكى 16 مېتىر، چوڭ دەرۋازىنىڭ ئېگىزلىكى 4.30 مېتىر، كەڭلىكى 3.90مېتىر. پەشتاقنىڭ گۈمبەزلىرىگە چۆرەلدۈرۈپ سەككىز دانە مېھراب شەكىللىك پەنجىرە بېكىتىلگەن. پەشتاق ئۈستىگە چىقىپ قارايدىغان بولسىڭىز كۇچارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى پۈتۈنلەي كۆرگىلى بولىدۇ. جامە ئىچكى ۋە تاشقى ئىككى يۈرۈش قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىچكى جامە شەرقتىن غەربكە 12.80 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا 19.20 مېتىر كېلىدۇ. جامەنىڭ ئاستى-ئۈستى تاختايلىق بولۇپ، تورۇسى بىلەن ئاستىنىڭ ئارىلىقى 6.50 مېتىر كېلىدۇ. تورۇسلار ھەر خىل نەقىش ۋە مەنزىرىلىك رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن ۋە چۆرەلدۈرۈلۈپ گەج بىلەن قاپارتما(ناۋا) نەقىش قىلىنغان. مەسچىتنىڭ ئالدى ۋە يان تەرىپىگە 12 دانە ئەينەكلىك چوڭ دېرىزە ئورنىتىلغان، ئالدى تەرەپتىكى چوڭ قوش قاناتلىق ئىشىكنىڭ ئىككى يېنىدا يەنە ئىككى قوش قاناتلىق ئىشىك ئورنىتىلغان. مېھرابنىڭ چۆرىسى قاپارتما نەقىشلىك بولۇپ، پارس(تەئلىق خەت نۇسخىسى) ھۆسنخەت شەكلى بىلەن’لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم‘ دېگەن كەلىمە گەج ئويما ئۈستىگە ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتا 45 سانتىمېتىر كەڭلىكتە يېزىلىپ كۆك سىر بىلەن ھەيۋەتلىك كۆركەم سىرلانغان. مېھرابنىڭ شىمالىي تەرىپىگە ئالاھىدە نەقىشلىق قىلىپ ئىشلەنگەن خۇتبە مۇنبىرى قويۇلغان. تاشقى جامە بولسا شەرقتىن غەربكە 43 مېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا 40 مېتىر، تورۇسلىرى ۋاسا جۇپلۇق بولۇپ، جەگە-ياغاچلار نەقىشلىق قىلىپ بېزەلگەن، 84 دانە ھەر خىل نەقىشلەنگەن تۈۋرۈك ئورنىتىلغان. بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئاستىغا تاشتىن ياسالغان ئۇل قويۇلغان. 12 دانە پەنجىرە ئورنىتىلغان تاشقى جامە بىلەن جامە قورۇسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان گۈل چىقىرىپ ياسالغان سالاسۇنلۇق تام بار. ھازىر بۇ ئورۇن شادىلىق سالاسۇن بىلەن ئىھاتە قىلىندى. بۇ كاتتا جامە ھىجرىيە 1351-يىلى(مىلادى 1932-يىلى) پۈتكەندىن كېيىن جامەنىڭ خاتىپلىقىغا ئابدۇۋارىس خاتىپ ئاخۇنۇم بەلگىلەندى. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى خاتىپ مەخسۇم، كۇچار مەھكىمە شەرئىنىڭ قازىسى رەئىس ئىمىن قازى ھاجىم ۋە قازى غوجام قاتارلىق پېشقەدەم مەشھۇر ئالىم ۋە ئۆلىمالار بۇ جامەنىڭ خاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1949-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى كۇچاردىكى قاتتىق يەر تەۋرەش نەتىجىسىدە جامەنىڭ گۈمبەزلىرىنىڭ گەجلىرى قومۇرۇلۇپ كەتكەن ۋە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە 2.50 مېتىر يېرىگە دەز كەتكەن.

1955-يىلى خەلقتىن يىغىلغان مەبلەغ بىلەن بىر قېتىم ئاددىي رېمونت قىلىندى. 1958-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى كۇچاردا يۈز بەرگەن تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتىدە بۇ جامە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ قونالغۇسىغا ئايلاندى. 1966-يىلى باشلانغان”مەدەنىيەت ئىنقىلابى“ بۇ جامەنى زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. كۇچار ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1976-يىلى بۇ جامەنى ”ناھىيە بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى“ قىلىپ بېكىتتى. 1982-يىلى كۇچار ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ جامەگە 15 مىڭ يۈەن خىراجەت ئاجرىتىپ رېمونت قىلدۇردى. 1988-1989-يىللىرى ھۆكۈمەت ۋە جامائەت 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىساد بىلەن يەنە بىر قېتىم چوڭ رېمونت قىلدۇردى. جامەنىڭ قورۇسىغا دەل-دەرەخلەر تىكىلىپ، يېشىللىق بەرپا قىلىندى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ”نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى“ قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 1994-يىلى بۇ يەردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىسلام دىنى مەكتىپىنىڭ كۇچار قىغدۆڭ جامەسى شۆبە مەكتىپى قۇرۇلدى. 1994-يىلى 5-ئايدا كۇچار ناھىيە بازىرىدىكى زوھۇرۇللا رەھمان 10 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ، جامەنىڭ پەشتاق ۋە گۈمبەز قىسمىنى رېمونت قىلدۇردى. 2002-يىلى 5-ئايدا كۇچار ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2 مىليون 100مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى لايىھىلىگەن، شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىدا چېرتيۇژى سىزىلغان كۇچار قىغدۆڭ جامەسىنى يەنە بىر قېتىم قايتا چوڭ رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بۇ قېتىمقى رېمونت قۇرۇلۇشىدا جامەنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي تاملىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاش، ئەسلىگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ قايتا قۇرۇش، جامەنىڭ ئۈستىنى قايتا يېپىش، بۇزۇلۇپ چىرىگەن تۈۋرۈك، لىم، جەگە، پاراموق ۋە گوسىپلىرىنى ئالماشتۇرۇش، قۇرۇلۇش ئۇلىنى مۇستەھكەملەش، جامەنىڭ يەر يۈزى خىشلىرىنى قايتا ياتقۇزۇش، ئىشىك، پەنجىرىلىرىنى رېمونت قىلىش ياكى بۇزۇلغان چىرىگەن ئورۇنلارنى باشقا ياساش، سىرچىلىق قاتارلىقلار تەلەپ قىلىندى. جامە قورۇسى ئىچىدىكى مەھكىمە شەرئى قىسمىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سەينا قىسمىنى قايتا رېمونت قىلىش قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بۇ قۇرۇلۇشنى تەلەپكە لايىق رېمونت قىلىپ پۈتتۈرۈش خىزمىتىگە مەھمۇد كاشىغەرى مەقبەرىسى، يۈسۈف خاس ھاجىپ مەقبەرىسى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى، قۇمۇل ھېيتگاھ مەسچىتى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا رەھبەرلىك قىلغان، بېشىدىن كۆپ تەجرىبە ئۆتكۈزگەن شىركەت باش ئىنژېنېرى خۇداۋەردى ئابدۇللا ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ 2003-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى زىممىسىدىكى بۇ مۈشكۈل خىزمىتىنى ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە، كۇچاردىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. ھازىر بۇ جامە ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك دىنىي پائالىيەت سورۇنى، ناھىيىمىزگە كېلىپ كېتىدىغان مېھمانلارنىڭ مۇھىم زىيارەتگاھىغا ئايلاندى.

يەنە >>سۈرەتلەر