باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەسچىت-مەدرىسلەر

كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   

مەمەتئەيسا قۇربان

كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى مىلادىيە 1200-يىللىرى بىنا قىلىنغان بولۇپ، 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئومۇمىي كۆلىمى 13مىڭ 449 كۋادرات مېتىر، بۇنىڭدىن خانىقا قۇرۇلۇشى كۆلىمى 3مىڭ 60 كۋادرات مېتىر، نامازگاھنىڭ تاشقى سەيناسى 10مىڭ 439كۇۋادرات مېتىر. جامەنىڭ خانىقاسى 11 ئارا، 153چوڭ تۈۋرۈكتىن قۇرۇلغان بولۇپ، كۆلەم جەھەتتە شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ جامە ھېسابلانغان قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىدىنمۇ چوڭ. ئادەتتە جۈمە نامىزىغا 4 مىڭدىن 6مىڭغىچە، روزا ھېيت، قۇربان ھېيتلاردا 10 مىڭدىن 12مىڭغىچە ئېتىقادچى ئامما كېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. كىرىيە جامەسى بىنا قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە يەتتە قېتىم كېڭەيتىلگەن ھەم رېمونت قىلىنغان. ھىجىرىيە 1075-يىلى(مىلادىيە 1665-يىلى) كېرىيىدىكى مۆتىۋەر دىنىي زاتلاردىن موللا تىيىپ ئاخۇنۇم، موللا غوجىلاق ئاخۇنۇم، ئەيساق ئاخۇنۇم قاتارلىق كىشىلەر كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ رېمونت قىلىش توغرىسىدا يەكەندىكى ئابدۇللاخانغا بىر پارچە تەكلىپ سۇنىدۇ. بۇ تەكلىپ خان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، يەكەندىن مەخسۇس ئۇستىلار ئەۋەتىلىدۇ ھەم جامە ئەتراپىدىكى ئاھالىلارنى كۆچۈرۈپ يەرلىك مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە تايىنىپ جامەنى 2-قېتىم كېڭەيتىپ رېمونت قىلىپ چىقىدۇ. يەكەندىن 10 تۈپ چىنار دەرىخىنى يۆتكەپ كېلىپ، جامەنىڭ سەيناسىغا سالىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇ جامەنى بىر مەزگىل ”چىناباغ(چىنار باغ) جامەسى“ دەپمۇ ئاتاشقان. ئاشۇ چىنار دەرەخلىرىدىن تۆت-بەش تۈپى تېخى يېقىنقى زامانلارغىچە بار ئىدى. كېيىن ئۈچ-تۆت قېتىم كېڭەيتىپ رېمونت قىلغاندا قۇرۇلۇشقا تاقىشىپ قېلىپ كېسىۋېتىلگەن.

ئاشۇ مەزگىللەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن تەسەۋۋۇپچىلاردىن يەھيا خوجا سوپى ئاللايار ھەزرىتىم ئون نەچچە كىشىنى باشلاپ كېرىيىگە كېلىپ، كېرىيىنىڭ ئارال كەنتىدە ئولتۇراقلىشىپ ئىشانلىق تەرغىباتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، كېرىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ تەسىر بىلەن بۇ ھېيتگاھ جامەسى ھويلىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە چوڭ خانىقا ۋە تىلاۋەتخانا ئۆيلەرنى سالىدۇ. بۇنىڭغا ئۇلاپلا مەھەممەترېھىم ئەلەم، ئەسلەم قازى دېگەن شەرىئەت ئۆلىمالىرى ئۇلارغا دەلمۇدەل قارشى تۇرۇپ جامەنىڭ غەربىي تېمىغا يۆلەپ مەھكىمە شەرئى— قازىخانا سالىدۇ. كېيىن جامەنى 3-قېتىم كېڭەيتىپ قۇرۇلۇش قىلغاندا يۇقىرىقى ھەر ئىككى قۇرۇلۇش چېقىپ تاشلىنىدۇ.

1947-يىلى ھاكىم ئىسمائىلخان كېرىيە تەۋەسىدىكى مۇنەۋۋەر دىنىي زاتلار ۋە ھەر قايسى يېزا بەگلىرىنى يىغىپ شەخسەن ئۆزى كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش توغرىسىدا كېڭىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”جامەيىمىز سېلىنغىنىغا 8-7 يۈز يىل بولدى. ئارىلىقتا بىر قانچە قېتىم رېمونت قىلىنغان بولسىمۇ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر قىسىم جايلىرى يىقىلىپ چۈشۈپ، كۆرۈمسىز ھالەتكە كېلىپ قالدى، ساق قالغان جايلىرىمۇ خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەر قايسىلىرى يۇرتىمىزنىڭ مۆتىۋەر ئۆلىمالىرى ھەم بايلىرى. ئەھۋالنى كۆرۈشۈپ تۇرۇپلا. جامە مۇشۇنداق خەتەرلىك ھالدا تۇرامدۇ ياكى رېمونت قىلىش كېرەكمۇ؟ كونىلاردا ’كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ‘ دېگەن گەپ بار. ئالىمادىس مەسچىت بىر كۈنى تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشسە نەچچە مىڭ جامائەتنىڭ ھالى نېمە بولىدۇ؟ بۇنىڭغا كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە مەن ھاكىم بولغاندىكىن چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، لېكىن ھەر قايسىلىرىمۇ سىرتتا قېلىشمايلا، بۇ ھەقتە ھەر قايسىلىرىنىڭ خالىس مەسلىھەتلىرىنى ئاڭلىغۇم بار...“. ھاكىمنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن مەجلىس ئەھلى بىردەك پىكىر قىلىپ، جامەنى چوڭ رېمونت قىلىشقا قوشۇلىدۇ. كېڭەشتىن كېيىن ھاكىم ئىسمائىلخان 2-قېتىملىق يىغىن ئېچىپ جامەنىڭ كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، مەبلىغى ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىك مەسىلىلىرىنى بېكىتىپ چىقىدۇ. ھاكىم باشچىلىقىدا چوڭ جامە قۇرۇلۇشى تەمىرات(قۇرۇلۇش) ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ خادىمى باھاۋىدىن دېگەن كىشى مەسئۇل قىلىنىدۇ. 1947-يىلى 10-ئايدا ئىش باشلىنىپ، 1949-يىلى ئازادلىق ھارپىسىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە بۇ جامە ساپ مىللىي قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بويىچە كېڭەيتىپ رېمونت قىلىنىدۇ. 1985-1988-يىللىرى 6-قېتىم رېمونت قىلىنغاندا ئەسلىي ھالىتى ساقلاپ قېلىنغان. 1997-يىلدىن 1998-يىلغىچە شىمالىي دەرۋازا تاقا قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، 227كۋادرات مېتىر كۆلەمدە تاقا ئىشلەندى. بۇ 7-قېتىملىق كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي تاقىنىڭ ئېگىزلىكى 24 مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۈچ قەۋەتلىك ئۆي، ئۆينىڭ ئۈستىدە توققۇز قوقاتقۇ ۋە بىر چوڭ گۈمبەز بار. قۇرۇلۇشنىڭ ئۇسلۇبى ئاتۇشتىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاجايىپ نەپىس ھەم چىرايلىق ئىشلەنگەن. بۇ قۇرۇلۇشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى 80مىڭ يۈەن مەبلەغ بەردى، قالغان 500مىڭ يۈەننى كېرىيىدىكى جامائەتلەر ئىئانە قىلدى. بۇ جامە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئاسارە-ئەتىقە ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

يەنە >>سۈرەتلەر