قاغىلىق جامەسى سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان بولۇپ، جامە ئالدىدىكى كەڭرى بازار تارىخلاردىن بىرى قاغىلىقنىڭ سودا ۋە دىنىي مەركىزى بولۇپ كەلگەن قەدىمىي رەستە. بۇ رەستىدىكى كىشىلەرنىڭ پائالىيەت مەنزىرىلىرى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتى بىلەن ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەن ئاجايىپ گۈزەل مۇھىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
قاغىلىق جامەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى قاغىلىقنىڭ سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە بازار بولۇپ شەكىللىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ جامە 466 يىللىق تارىخقا ئىگە، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى جامە ۋە بازارنىڭ ئورنى ساي ياقىسىدىكى كەنتتە بولۇپ، بۇ يەر يەكەن بىلەن خوتەن ئارىلىقىدىكى قونالغۇ بولغان.
سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئابدۇرېشىتخان تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۆز دۆلىتىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىرگە، مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى، سۇ ئىنشائاتى، قاتناش ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. سۇلتان ئابدۇرېشىتخان قاغىلىقتا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە سەمەرقەندتە ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلغان سايراملىق خوجا مۇھەممەت شېرىپ دېگەن مۇتەپەككۇر ئالىم ھىندىستان ئارقىلىق قاغىلىققا كەلگەن، بۇ كىشى ئۆز زامانىسىنىڭ مۇتەپەككۇرلىرىدىن بولۇپ، سۇلتان ئابدۇرېشتخاننىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن مەسلىھەتتە بولغان. قاغىلىق خوتەن بىلەن يەكەن ئارىلىقىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغاچقا، ئۇ كىشى بۇ جايغا مەسچىت ۋە لەڭگەر سېلىشنى تەكلىپ بەرگەن. بۇنى خانلىق توغرا تاپقاندىن كېيىن، ھىجرىيە 943-يىلى(مىلادىيە 1536-يىلى) ھازىرقى جامەنىڭ دەسلەپكى ھۇلى سېلىنغان، مەسچىتنىڭ تاملىرى سېلىنىۋاتقان مەزگىلدە كۈن ئولتۇرۇشتىكى قىبلە تام ئارقىمۇئارقا ئۈچ قېتىم ئۆرۈلۈپ كېتىپ، قايتا سالسىمۇ توختىمىغان. كېيىن بۇ تام ئورنىنىڭ بىر يېرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكى سېزىلىپ، سۇلتان ئابدۇرېشىتخان بىلەن خوجا مۇھەممەت شېرىپ بۇ يەرنى ئېچىشقا بۇيرۇغان، يەر كولىنىپ ئىككى-ئۈچ مېتىر ئېچىلىشىغا يەرنىڭ تېگىدىن بىر كۈپ ئالتۇن، بىر چۆيۈن بۇت ۋە بىر كىشىنىڭ جەسىتى چىققان، سۇلتان ئابدۇرېشىتخان شۇ مەيداندىلا بىر كۈپ ئالتۇننى مەسچىت قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن يارلىق يېزىپ مۆھۈر بېسىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن مەسچىت قۇرۇلۇشى باشقىدىن پىلانلىنىپ، ئىچكىرى-تاشقىرى مەسچىت ۋە كەڭرى سەينالىق جامەگە ئۆزگەرتىلگەن. يەرنىڭ تېگىدىن چىققان كىشى ھورمۇز شەھرىدىن كەلگەن موللا خوجا ئەھمىدى ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، جامەنىڭ جەنۇب يېقىغا مازارەت ياسىلىپ دەپنە قىلىنغان. چۆيۈن بۇتتا ئىككى چوڭ داش قازان قۇيدۇرۇلغان①، جامەنىڭ ئىچىگە توققۇز ئېغىز ھۇجرا چىقىرىلىپ ياسالغان، بىر كۈپ ئالتۇننىڭ جامە قۇرۇلۇشىدىن ئاشقان قىسمىغا جامەنىڭ ئىككى كىلومېتىر شەرقىدىن ئاتمىش تۆت پاتمان(4650 مو) يەر ئېلىنىپ، جامەنىڭ ۋەخپىسى قىلىنغان②.
ھىجرىيە 1290-يىلى(مىلادىيە 1883-يىلى) ئۆز زامانىسىنىڭ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىدىن مۇتۇللا ئەلىماخۇنۈمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قاغىلىق جامەسى بىر قېتىم رېمونت قىلىنىپ، جامەنىڭ شىمالىي تەرىپىگە كەڭرى سەينالىق مەدرىسىخانا چىقىرىلغان. بۇ يەر تالىپلار ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن سىرت، جۈمە كۈنلىرى ئاخۇنۇملار دەۋا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قازىخانىمۇ بولغان.
1936-يىلىغا كەلگەندە، قاغىلىقتا ھاكىم بولۇپ تۇرغان ھاجى شەنجاڭ دېگەن خۇيزۇ كىشى بۇ جامەنى بىر قېتىم چوڭ رېمونت قىلدۇرۇپ، جامەنىڭ ئەسلىدىكى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسىنى شىمالغا قىلىپ ئۆزگەرتىپ، جامەگە دەھلىز ئارقىلىق كىرىدىغان قىلغان. دەرۋازىنىڭ ئىككى يېقىغا 18 مېتىر ئېگىزلىكتە مۇنار چىقىرىپ ياسىتىپ، ھۇجرىلارنى دېرىزىلىك قىلىپ، ئالدىغا پېشايۋان ياپتۇرغان. ئارىدىن يىرىم ئەسىر ئۆتۈپ 1986-يىلىغا كەلگەندە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپى ۋە جامەنى شەھەر قۇرۇلۇش مۇھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىئانە قىلىشى بىلەن 373 مىڭ 799 يۈەن ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملار توپلىنىپ، بەش يىل ئىشلەش ئارقىلىق جامە كېڭەيتىلىپ ئومۇمىي يۈزلۈك رېمونت قىلىنىپ ياسالدى. جامە دەرۋازىسىنىڭ ئالدى كەڭرى مەيدان قىلىنىپ ئاسفالتلاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرىغا گۈللۈك قىلىندى. مەيداننىڭ شەرق، غەرب تەرەپلىرىگە ئىككى قەۋەتلىك سودا دۇكانلىرى چىقىرىلدى. جامە دەرۋازىسى 24 مېتىر ئېگىزلىكتە مۇنار گۈمبەزلىك قىلىپ ياسالدى، جامە ئىچىدىكى ھۇجرىلار 16 گە كۆپەيتىلىپ، ھۇجرىلارنىڭ ئالدىدىن باشقا شەرقىي شىمالىي تەرەپلەرگىمۇ بېتون لەمپە چىقىرىلىپ، ئەتراپىغا تۆمۈر رىشاتكىلار ئورنىتىلىپ سەينا قىلىندى. جامەنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى يان ئىشىكلىرىگە نەقىش گۈللۈك تۆمۈر دەرۋازا ئورنىتىلدى. ئىچكىرى-تاشقىرى مەسچىتلەرنىڭ تورۇس، ئىشىك، تۈۋرۈكلىرىنىڭ گۈل نەقىشلىرى قايتا سىرلىنىپ، توك ۋە تۇرۇبا ئورنىتىلىپ، مۇستەھەپخانا چىقىرىلدى.
جامەنىڭ يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن مۇنار ۋە دەرۋازا بىنالىرىغا پىششىق خىشلار بىر-بىرىگە ماھىرلىق بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ گۈل چىقىرىلغان، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئېگىزلىكى بەش مېتىر كېلىدىغان دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن رەڭلىك ھەلدە ئۇيغۇر خەتتاتچىلىقىنىڭ يۇقىرى سەنئىتى بىلەن قۇرئان ئايەتلىرى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئويۇلغان. دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىن دەھلىز نامايان بولىدۇ. دەھلىزنىڭ ئۇدۇل تېمىغا مېھراب شەكىلدە چىرايلىق گۈل نەقىشلەنگەن تۆمۈر رۇجەك ئورنىتىلغان. جامە سەيناسىغا كىرمەي تۇرۇپمۇ رۇجەكتىن جامەنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، دەھلىز ئىچىدە ئىككى كىچىك ئىشىك ۋە ئىككى چوڭ ئەگمە ئىشىك بار. كىچىك ئىشىكتىن ئەگمە پەشتاقلار ئارقىلىق ئۈستىدىكى زال ئۆيگە ۋە ئۈستىدىكى گۈمبەز ئىچىگە چىققىلى بولىدۇ. گۈمبەزنىڭ كۈن يورۇش تەرىپىگە ئىككى قۇر دېرىزە ئورنىتىلغان، شۇڭا گۈمبەزنىڭ ئىچى يورۇق ھەم ئازادە. ئىككى ئەگىم ئارقىلىق جامە ئىچىگە كىرگىلى ھەم يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەن پەشتاق ئارقىلىق جامە سەيناسىنىڭ شەرق، شىمال، جەنۇب ياقىلىرىغا سوزۇلغان تۆمۈر رىشاتكىلىق سەيناغا چىققىلى بولىدۇ. جامەنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 4762 كۋادرات مېتىر (7.15مو) ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1437 كۋادرات مېتىر، جامە ئىچىدە 16 ئېغىز ھۇجرا، سىرتىدا 23 دۇكان بار، مەسچىت بىلەن سەينانى ئۇزۇن كەتكەن ئۈچ باسقۇچلۇق گۈللۈك پەشتاق ۋە تۆمۈر رىشاتكا ئايرىپ تۇرىدۇ، سەينانىڭ تېگى سېمونتلاشتۇرۇلغان. مەسچىت ئىچىگە زىلچا گىلەملەر سېلىنغان، مەسچىتنىڭ تورۇسلىرى ۋە تۈۋرۈكلەرگە ھەرخىل نەقىشلەر ۋە قاپارتما گۈللەر چىقىرىلغان، سېمونت تۈۋرۈكلۈك بېتون لەمپە جامە ئىچىگە ئاجايىپ ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ، پۈتۈن جامەدە ئىچكىرى، تاشقىرى مەسچىت ۋە سەينانى قوشسا بىرلا ۋاقىتتا 10 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. جامەنىڭ قۇرۇلمىسى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن.
قاغىلىق جامەسى پۈتۈن ناھىيىنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆزنەك ئورۇن. مەسچىتتە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملار ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن، ياشانغان، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلاردىن تەركىب تاپقان. قاغىلىق جامەسى ناھىيە بويىچە قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلدى. (دىلشات ئابلىز)