باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەسچىت-مەدرىسلەر

شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى مەسچىت

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27   

ما پىنيەن

مىلادىيە 622-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ئىسلام دىنى تارىخىدىكى تۇنجى مەسچىت—مەسچىدىي قۇببەنى سالدۇرغانىدى. مانا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەسچىت مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇيدىغان ۋە دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇنغا ئايلاندى. ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ئومۇمەن مۇسۇلمانلار ياشاپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان جايلارنىڭ ھەممىسىدە مەسچىتلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگىنىگە مىڭ يىلدىن ئاشتى، مەسچىتنىڭ شىنجاڭدا پەيدا بولۇشى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرىشى ئاساسىي جەھەتتىن بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭدا ئەڭ بالدۇر سېلىنغان مەسچىتكە مىڭ يىلدىن ئاشتى. نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىت قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسى بولۇپ، مىلادى 15-ئەسىردە سېلىنغان. روشەنكى، ھېيتگاھ جامەسى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىت ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ مەسچىت ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرگەن چاغدىكى مەسچىت ھېسابلانمايدۇ، ئەلۋەتتە شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى مەسچىتمۇ ھېسابلانمايدۇ. ئۇنداقتا، شىنجـاڭ تارىخىدىكى ئەڭ بالدۇر سېلىنغان مەسچىت قايسى؟ ئۇنى كىم، قايسى ۋاقىتتا، قەيەرگە سالدۇرغان؟ بۇ مەسچىت چوقۇم ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن ۋاقتىنى دەلىللەپ بېرەلەيدىغان شاھىت بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، مەن شىنجاڭ ئىسلام دىنى تارىخىنى يېزىشقا تۇتۇش قىلغان چاغلىرىمدا بۇ مەسىلىگە بەك باش قاتۇرغانىدىم. بىر قانچە يىللار تىرىشىش ئارقىلىق تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ بۇ مەسىلىگە ئاخىر جاۋاب تاپتىم.

13-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشى قەشقەرىيە خان جەمەتى كۈتۈپخانىسىدىن تاپقان 11-ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق ئەرەب لۇغەتشۇناسىنىڭ ئەسىرى «سۇخھاھ»نىڭ قول يازما نۇسخىسىغا ئاساسەن، پارسچە ئىزاھلىق لۇغەت— «سۇرراھ لۇغىتى»نى تەرجىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ. كېيىنكى بىر مەزگىلگە كەلگەندە قەشقەردىكى دىنىي ساھە زاتلىرىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن «‹سۇرراھ لۇغىتى›نىڭ تولۇقلىمىسى»نى يېزىپ چىقىدۇ. «تولۇقلىما»نىڭ مەزمۇنىغا شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى بەزى خاندانلىقلارنىڭ تارىخىدىن پارچىلار، جايلاردىكى داڭلىق دىنىي داھىيلار ھەققىدىكى رىۋايەتلەر، شۇنىڭدەك بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ يول، قۇرۇلۇش، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ لۇغەتكە شىنجاڭدىكى تۇنجى مەسچىتنىڭ سېلىنىش جەريانىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق بىر قىزىقارلىق رىۋايەتمۇ سۆزلەنگەن:

9-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ تەۋەسىدە ئىككى كۈچلۈك ھاكىمىيەت باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بىرى بۇددا ۋە مانىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قاراخانىيلار خانلىقى، يەنە بىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان سامانىيلار سۇلالىسى بولۇپ، دەسلەپكى چاغلاردا بۇ ئىككى تەرەپ ھۆكۈمرانلىرى ئوتتۇرىسىدا خەت-ئالاقىلەر ئۈزۈلمەي، ئالاقە خېلى قويۇق بولىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە سامانىيلار سۇلالىسى بارغانچە كۈچىيىپ، قاراخانىيلار سۇلالىسىغا جىھاد نامى بىلەن توختىماي جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىدە بارا-بارا يامانلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 3-ئەۋلاد خانى ئوغۇلچاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىللەرگە كەلگەندە، ئوغۇلچاق سامانىيلار سۇلالىسى بىلەن باردى-كەلدى ئالاقىسىنى ئۈزىدۇ ھەمدە پەرمان چۈشۈرۈپ، قاراخانىيلار خاندانلىقى تەۋەسىدە ئىسلام دىنىنى تارقىتىشنى، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ. مىلادى 893-يىلى سامانىيلار سۇلالىسى قاراخانىيلار دۆلىتىگە يەنە بىر قېتىم جىھاد قىلىپ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 2-پايتەختى تالاس(ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جامبۇل شەھىرى)نى بېسىۋالىدۇ؛ ئوغۇلچاقنىڭ خوتۇنى ۋە 15مىڭ لەشكىرىنى ئەسىرگە چۈشۈرىدۇ ھەم بۇنىڭ ئىچىدىكى 10مىڭ لەشكەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئوغۇلچاق پايتەختنى قەشقەرگە يۆتكەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي سامانىيلار پادىشاھلىقىدا ئىچكى ماجىرا يۈز بېرىدۇ، بۇ ئىچكى ماجىرادا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان شاھزادە ناسىر ئىبنى مەنسۇر(رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنىدىغان ئەبۇ ناسىر سامانىينى كۆرسىتىدۇ) سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، قاراخانىيلار خانلىقىغا قېچىپ بېرىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەيدۇ. ئىسلام دىنىغا ئەزەلدىن ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ كەلگەن ئوغۇلچاق سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى ماجىراسىدىن پايدىلىنىپ بۇ كونا رەقىبىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، بۇ مۇسۇلمان شاھزادىنى كاتتا زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا:”سىز بۇ يەرنى ئۆز ئۆيىڭىزدەك بىلىڭ، ئىنىڭىز سىزگە رەھىمسىزلىك قىلغان بولسا، مەن سىزگە دوستلارچە مۇئامىلە قىلىمەن“ دەيدۇ. ئوغۇلچاق ئۇنى ئاتۇشنىڭ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەيدۇ.

شاھزادە ئەبۇ ناسىر ئاتۇشنىڭ ئەمەلدارى بولغاندىن كېيىن، ئاتۇش ئوتتۇرا ئاسىيا سودىگەرلىرى توپلىنىدىغان جايغا ئايلىنىدۇ، كارۋانلار بۇخارا ۋە سەمەرقەنتلەردىن بۇ يەرگە كۈندىلىك بۇيۇملار ۋە رەخت-گەزماللارنى توپ-توپى بىلەن ئەپكېلىپ توشقۇزىۋېتىدۇ. بۇ مۇسۇلمان سودىگەرلەر ئاتۇشقا سودا بۇيۇملىرىنى ئەپكېلىپلا قالماي، بەلكى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. شاھزادە ئەبۇ ناسىر ۋە مۇسۇلمان سودىگەرلەر ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئاتۇشقا بىر مەسچىت سېلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ. بۇ نىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شاھزادە ئەبۇ ناسىر ئوغۇلچاققا ئۇ ياخشى كۆرىدىغان تاۋار-دۇردۇندىن تىكىلگەن كىيىم-كېچەك، قۇم شېكەر قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغات سۈپىتىدە پات-پات ئەۋەتىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۈچىنىڭ بارىچە ياخشىچاق بولىدۇ، شاھزادە ئەبۇ ناسىر ئاخىر ئوغۇلچاقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شاھزادە ئەبۇ ناسىر پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، بىر مەسچىت سېلىپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە ئوغۇلچاقتىن بىر پارچە كالا تېرىسى چوڭلۇقىدىكى يەرنى بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوغۇلچاق ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا:”ساڭا قايسى يەر لازىم بولسا شۇ يەرنى لازىم قىلىۋەر“ دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن شاھزادە ئەبۇ ناسىر ئۆزىنىڭ ”كالا تېرىسى پىلانى“نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇ بىر كالىنى سويۇپ، ئۇنىڭ تېرىسىنى ئىنچىكە تىلىپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ ئۇزۇن تانا ياسايدۇ ۋە بۇ تانا بىلەن ئاتۇشتىكى ياخشى بىر پارچە يەرنى تام سالغاندەك ئوراپ كۆرۈپ، شۇ جايغا بىر مەسچىت سالدۇرىدۇ. ئوغۇلچاق بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، بىراق شاھزادە ئەبۇ ناسىرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە غەيرىتىدىن ھەيران بولىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە بۇ يەردە ئوغۇلچاق ۋە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر ئىش يۈز بېرىدۇ: ئوغۇلچاقنىڭ جىيەن ئوغلى سۇتۇق بۇغراخان شاھزادە ئەبۇ ناسىرنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولىدۇ ۋە ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشى قىلىپ، ئوغۇلچاقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاراخانىيلار خانلىقى مەملىكىتىمىز تارىخىدا تۇنجى يەرلىك ئىسلام ھاكىمىيىتى بولۇپ قالىدۇ.

شاھزادە ئەبۇ ناسىر”كالا تېرىسى پىلانى“نى ئىشقا سېلىپ سالدۇرغان بۇ مەسچىت شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى مەسچىت ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسچىت تاكى جامال قارشى ياشاۋاتقان دەۋرلەرگە كەلگەنگە قەدەر ”ئاتۇش جامەسى“ دەپ ئاتىلىپ، نامى تەرەپ-تەرەپلەرگە تارقالغانىدى.

(«ھىدايەت گۇلزارى»، 2-توم)

يەنە >>سۈرەتلەر