باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەسچىت-مەدرىسلەر

مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27   

مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى مالايسىيادىكى داڭلىق ئىسلام ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇپلا قالماي، يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى خەلقئارالىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت مالايسىيانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى دوكتور ماھادىرنىڭ تەشەببۇسى ئاستىدا، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بېنگال، مىسىر، لىۋىيە، مالدىۋى، پاكىستان، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ئىبارەت سەككىز دۆلەت ۋە ئىسلام يىغىنلىرى تەشكىلاتى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمگە ئاساسەن 1983-يىلى رەسمىي قۇرۇلۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرىيەت ھەيئىتى تەسىس قىلىنغان. ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇلغاندىن كېيىن باشقا ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئىسلام دۇنياسى ۋە ئاسىيا قىتئەسىدىكى مۇسۇلمان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان ئىسلام ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ بىرى بولۇپ شۆھرەت قازانغان. ھازىر بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا مالايسىيا، مالدىۋى، ھىندونېزىيە، گامبىيە، نىگېرىيە، برۇنېي، فىلىپپىن، جۇڭگو، كورېيە، ياپونىيە، تايلاند، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق 102 دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار تەلىم ئالىدۇ. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 2006-يىللىق ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باكالاۋرلىق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى جەمئىي 18مىڭ800 بولۇپ، باكالاۋرلىق ئۇنۋان ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان مالايسىيالىق ئوقۇغۇچىلار 14مىڭ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار 1800، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلار ئىچىدە مالايسىيالىقلاردىن 2050كىشى، چەت ئەللىكلەردىن 958كىشى بار، ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇدەررىسلەرنىڭ سانى 1047 بولۇپ، ئۇلار 43 دۆلەتتىن تەكلىپ قىلىنغانىكەن. ئۇنىۋېرسىتېت 10 ئىنستىتۇتتىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇلار قانۇن ۋە شەرىئەت ئىلمى ئىنستىتۇتى، ئىقتىساد ئىنستىتۇتى، ئىسلام ئىلىملىرى ئىنستىتۇتى، ئانتروپولوگىيە ئىنستىتۇتى، تېبابەتچىلىك، ئىنژېنېرلىق، بىناكارلىق، تەبىئى پەن، مائارىپ، دورىگەرلىك ئىنستىتۇتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ 10ئىنستىتۇت قارمىقىدا يەنە 48 فاكۇلتېت بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە 29 كەسىپكە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى، 28 كەسىپكە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى، 8 كەسىپكە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ. قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىف، فىقھە ۋە ئەقىدە ئىلىملىرى ئەرەب تىلىدا تەلىم بېرىلىدۇ، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىنى ئەرەبچە تىلدا يېزىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ھازىر خەلقئارالىق ئالىي مەكتەپلەر ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى، ئىسلام دۇنياسى ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى.

مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىسلام ئىلىملىرى ۋە ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىسلام دىنى ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى مۇقىملاش ۋە راۋاج تاپقۇزۇش، ئىسلام ئىلمى تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالغا يۈكسىلىش روھىنى تىكلەش، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەت ئۈچۈن ئىنتىلىدىغان دىنىي ۋە ئىلمىي بىلىم ئەھلىلىرىنى تەربىيىلەپ، پەزىلەتلىك بولغان، تەلىم-تەربىيە، تەتقىقات، نەشرىيات، مەمۇرىيەت ئىشلىرىدا يېتىشكەن زاتلارنى يېتىشتۈرۈش، خەلقئارادىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلىدۇ.

مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچ مەكتەپ رايونىدىن تەشكىل تاپقان، بىرىنچى مەكتەپ رايونىغا تېبابەتچىلىك، تەبىئى پەن ۋە دورىگەرلىك كەسىپتىكى ئىنستىتۇتلار، ئىككىنچى مەكتەپ رايونىغا تەييارلىق كۇرسلار جايلاشقان، ئۈچىنچى مەكتەپ رايونى پايتەخت كۇئالالۇمپۇرنىڭ چەت ياقىسىدىكى جۇمباك رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ مەركىزىي مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ مۇھىتى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، ئەتراپى ئورمانلىق تاغلار بىلەن ئورالغان. بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى 1993-يىلى باشلىنىپ 1999-يىلى 3-ئايدا تاماملانغان، مەكتەپنىڭ كەڭ-كۇشادە، پاك-پاكىز مۇھىتى كىشىگە راھەت بېغىشلايدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇنىۋېرسال مەمۇرىيەت بىناسى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى مەركىزى، سۇلتان ئەھمەد شاھ جامە مەسچىتى، ئىلمى تەتقىقات مەركىزى، كۇتۇپخانا، تەنھەرىكەت مەيدانى ۋە ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىنا قىلىنغان ئون نەچچە ياتاق بىناسى قاتارلىق مۇئەسسەسەلەر بار.

ھازىر بۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق ئورنىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن دەرسلىكلەرنى ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە ئىككى خىل تىلدا ئۆگىتىۋاتىدۇ. دىنىي ئىنستىتۇتلار ئىسلام ئىلىملىرى، ئىسلام ئەقىدىسى، شەرىئىتى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىق دەرسلەرنى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلىدۇ، باشقا كەسىپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىن سىرت، يەنە ئىسلام ئىلىملىرىنىمۇ ئۆگىنىدۇ.

مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەلا نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى ۋە ئۆز تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە، ئۇ قۇرئان ۋە ھەدىسدىكى مول بولغان ئىلىم-بىلىم خەزىنىلىرىنى ھازىرقى زامان ئىلىملىرى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىلىم بايلىقىنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك بولۇشى، شۇنداقلا شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ راۋاج تېپىشىغا زور تۆھپە قوشماقتا. (ئادىل ھاجى كېرىم)

(«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىدىن)

يەنە >>سۈرەتلەر