باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > مەسچىت-مەدرىسلەر

مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27   

1961-يىلى قۇرۇلغان مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىدىكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى بىر مىليون كۇۋادرات مېتىر بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قارايدىغان، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھىنىڭ ئەمرى-پەرمانى بىلەن قۇرۇلغان، ئىسلام مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىش ۋە تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق ئىسلام ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر.

مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىسلام ئىلىملىرىنى دۇنياغا تونۇتۇش، ئىسلام دىنى ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى مۇقىملاش ۋە راۋاج تاپقۇزۇش، ئىسلام ئىلمى تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىش، ئىسلامىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلدۇرۇش، ئىلىم ئەھلىلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش، ئىسلام مەدەنىيەت مىراسلىرىنى توپلاش ۋە تەتقىق قىلىش، خەلقئارادىكى ئىلمىي تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى”مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي كېڭىشى“ بولۇپ، ئۇ ئۇنىۋېرسىتېت رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەشھۇر ئۇلىمالار ۋە ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ، مەزكۇر كېڭەشنىڭ قارىمىقىدا يەنە ئۇنىۋېرسىتېت ئىشلىرى ھەيئىتى، ئىسلام دەۋەت ئىشلىرى ھەيئىتى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە ھەيئىتى قاتارلىق ھەيئەتلەر بار، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھازىرقى رەئىسى دوكتۇر مۇھەممەد ئىبنى ئەلى فەراج ئۇقلا.

ھازىرقى مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرئان كەرىم ۋە ئىسلام ئىلىملىرى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى، ھەدىس ۋە ئىسلام ئىلىملىرى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى، ئىسلام شەرىئىتى ئىنستىتۇتى، ئىسلام ئاساسلىرى ئىنستىتۇتى ۋە ئەرەب تىل-ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەت جەمى 5 ئىنستىتۇتتىن تەركىپ تاپقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسلام شەرىئىتى ئىنستىتۇتىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ. ئەرەب تىل-ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىنىڭ قارىمىقىدا يەنە ئەرەبچە تىل مەكتىپى بار، مەككە مۇكەررەمەدىكى ھەدىس شەرىف دارىلفۇنۇنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھەدىس ۋە ئىسلام ئىلىملىرى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تەۋەلىكىدە قۇرۇلغان. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قارىمىقىدا يەنە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بار بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فاكولتېتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلماقچى بولغان، ئەمما ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام ئىلىملىرىدىن مۇكەممەل تەلىم ئالمىغان تالىپلار ئالدى بىلەن مەزكۇر مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپلىرىدا تەلىم ئالىدۇ، ئاندىن نەتىجىلىرىگە قاراپ فاكۇلتېتلارغا تەقسىم قىلىنىدۇ، ئۇندىن باشقا مەدىنە ئۇنىۋېرسىتېتىدا يەنە مەخسۇس ھەدىس شەرىف ئۆگىنىدىغان دارىلفۇنۇن قۇرۇلغان.

مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھازىر 7مىڭغا يېقىن تالىپ ئوقۇيدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق تالىپلار2600 بولۇپ، 139دۆلەتتىن كەلگەن چەتئەللىك مۇسۇلمان تالىپلارنىڭ سانى 4450كە يېتىدۇ، چەت ئەلدىن كەلگەن تالىپلار ئاساسلىقى ئەرەب تىل-ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى، ئىسلام ئاساسلىرى ئىنستىتۇتى، قۇرئان كەرىم ۋە ئىسلام ئىلىملىرى ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئىنستىتۇتلاردا تەلىم ئالىدۇ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى، شۇنداقلا مەككە مۇكەررەمەدىكى ھەدىس شەرىف دارىلفۇنۇنىدا ئاساسلىقى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق تالىپلار ئوقۇيدۇ. ئۇنىۋېرسىتېت ھەر ئايدا تالىپلارغا مۇئەييەن مىقتاردا تۇرمۇش پۇلى تارقىتىدۇ، ئاز مىقتاردا ھەق ئېلىنىپ ئۈچ ۋاق تاماق بىلەن تەمىنلىنىدۇ، داۋالىنىش ھەقسىز كۆرۈلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇنىۋېرسىتېت يەنە تالىپلارغا يىلدا بىر قېتىم كىتاپ ئېلىش پۇلى تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا يەنە ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ. ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇدەررىسلەر 466 نەپەر بولۇپ، ئاساسلىقى سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق مۇدەررىسلەر، ئۇندىن باشقا يەنە مىسىر، سۇرىيە، سۇدان ۋە ھىندىستاندىن تەكلىپ قىلىنغان مۇدەررىسلەرمۇ بار. مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆپلىگەن ئىختىساس ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، بۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئابدۇللا ئىبنى ئابدۇل مۇھسىن تۈركى ۋە پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ مەشھۇر قارىسى شەيخ ھافىز ئىبنى ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان خۇزەيفى قاتارلىقلار بار. مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا يەنە تالىپلار ۋە مۇدەررىسلەر ئۈچۈن تەييارلانغان كۇتۇپخانا بار بولۇپ، ناھايىتى كۆپ دىنىي ۋە ئىلمىي كىتابلار ساقلانغان، ھازىر مەزكۇر كۇتۇپخانىدا 360مىڭدىن ئارتۇق ئەرەبچە كىتابلار ۋە 91مىڭدىن ئارتۇق ئىنگىلىزچە كىتابلار بار. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت يەنە «مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى» ناملىق ئايلىق ژۇرنالنى نەشر قىلىپ تارقىتىدۇ. (ئادىل ھاجى كېرىم)

(«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىدىن)

يەنە >>سۈرەتلەر