باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەدەپ-ئەخلاق

ئىسلامىي ئەدەپ-يوسۇن قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-03-20   
ئىسلام ئەخلاق پىرىنسىپىنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنى ناھايىتى كەڭرى بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىنى تۇتماق، ئاتا-ئانىغا ۋاپادارلىق قىلماق، ۋەتەننى سۆيۈپ دىنغا ئىشتىياق باغلىماق، ئىخلاس بىلەن ساۋاپلىق قىلماق، بەندىلەرنى گۇناھتىن توسماق، تىنچلىقنى قوغدىماق قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ. ئىسلامىي ئەخلاق مىزانى ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي تۇرمۇشى قاتارلىق بىر پۈتۈن ھاياتىنى ئوبيېكت قىلغان. شۇڭا، ئىسلامىيەتتە ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلامىي ئەخلاق مىزانىغا ھەرقاچان، ھەر زامان ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەدەپ-يوسۇنى ئىسلامىي ئىمان-ئېتىقادنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ؛ مۇسۇلمانلار ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرمەك، مالائىكىلەرگە ئىمان كەلتۈرمەك، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرمەك، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرمەك، تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرمەك ۋە ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرمەكتىن ئىبارەت تۈپ ئېتىقادنى شەرت قىلغان ئاساستا، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەدەپ-يوسۇن ئۆلچەملىرى ئارقىلىق ئاڭلىق چەكلەپ تۇرۇشى لازىم.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئىسلامىي ئەدەپ-يوسۇن ھەققىدە سۇئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
يەنە >>سۈرەتلەر