باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەدەپ-ئەخلاق

ئىسلامىي ئەدەپ-يوسۇن دېگەن نېمە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-03-20   
ئىسلامىي ئەدەپ-ئەخلاق ‐ مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمانلار، مۇسۇلمانلار بىلەن جەمئىيەت ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىسلام شەرىئىتى ۋە ئىلمىي كالام ئاساسىدا چەكلەپ ۋە تەڭشەپ تۇرىدىغان پىرىنسىپ، شۇنداقلا ھەرىكەت ئۆلچىمى. ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، ئەخلاق بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلى بولۇپ، مۇئەييەن جەمئىيەتتىكى سىياسىي بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان پەۋقۇلئاددە ئىجتىمائىي قىممەت شەكلى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىدۇر. خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، ئەخلاقنى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ھەرىكەت مىزانى، كىشىلەر ساپاسىنىڭ مېغىزلىق شەرھى، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىكنىڭ ۋاسىتىلىك بايانى دېيىشكە بولىدۇ. قائىدە-يوسۇن ئىنسانلارنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرتىپىنى ساقلاش ۋە مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇش ئېھتىياجى ۋەجىدىن تۇرغۇزۇپ چىقىلغان بىر تۈرلۈك ھەرىكەت ئۆلچىمى بولۇپ، ئەدەپ ۋە ئېھتىرام تۈسىدىكى تاشقى قىياپەت شەكلىدىمۇ، ئەخلاقىي ساپا تۈسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەنىۋى ھەرىكەت شەكلىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئىسلام ئەخلاق پىرىنسىپى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەت ئۆلچىمى بولۇپ، چوڭقۇر ئىدىيەۋىلىككە ئىگە. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ »قۇرئان كەرىم« ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئەمرى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىمەتچىلىك ئەقىدىسى تەكىتلىنىدۇ. »قۇرئان كەرىم«دە مۇنداق دېيىلىدۇ: {سەن بىزنى ئىنئامىڭغا ئېرىشكەن، غەزىپىڭگە ئۇچرىمىغان، يولۇڭدىن ئازمىغان كىشىلەرنىڭ توغرا يولىغا باشلىغىن} {”فاتىھە“ سۈرىسى، (1-سۈرە، 6-، 7-ئايەتلەر)}. بۇنىڭ مەنىسى مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمىتى بىلەن ھەر زامان ئەخلاق ئېڭىنى پۇختىلاپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدىكى يولى، ئورنى ۋە ھەرىكىتىنى رۇسلاپ تۇرمىقى لازىمدۇر، دېگەنلىك بولىدۇ.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئىسلامىي ئەدەپ-يوسۇن ھەققىدە سۇئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر