باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەدەپ-ئەخلاق

مۇئمىنلەرگە خاس بولغان گۈزەل پەزىلەتلەر(1)

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-18   
ئادىل ھاجى كېرىم
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
ئىمام بۇخارى ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: بىر كۈنى ئون ساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ مەجلىسىدە ئىدى، شۇ ۋاقىتتا ئۇ زاتقا خورمىنىڭ چېچىكى كەلتۈرۈلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتراپىدىكى ساھابىلەرگە: ”ماڭا ياپراقلىرى(قىشمۇياز) تۆكۈلمەيدىغان، مېۋە بېرىشتىن توختاپ قالمايدىغان، سايىسى يوقالمايدىغان، مەنپەئەتى كېسىلمەيدىغان، ھەرۋاقىت مېۋە بېرىدىغان، مۇسۇلماننىڭ تەبىئىتىگە ئوخشايدىغان بىر دەرەخنى ئېيتىپ بېرىڭلار!“ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ساھابە كىراملار ھەر خىل دەرەخلەرنى خىيال قىلىپ باقتى، ئەمما ئۇلار رەسۇلۇللاھ مۇئمىنگە ئوخشاتقان دەرەخنى تېپىپ چىقالمىدى، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرغان ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرنىڭ كۆڭلىگە خورما دەرىخى كەچتى، لېكىن ئۇ چۇڭلارنىڭ ئالدىدا گەپ قىلىشتىن ئەيمەندى، چۈنكى ئۇ ئون ساھابىلەرنىڭ ئونىنچىسى، يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياشراقى ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”ئەسلىدە مېنىڭ كۆڭلۈمگە ئۇ چوقۇم خورما دەرىخى دېگەن ئوي كەچكەنىدى. دادام(ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بىلەن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ گەپ قىلماي شۈك تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار ھېچنېمە دېمەي تۇرغان يەردە ئاۋۋال گەپ قىلىشنى لايىق كۆرمىدىم“. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ”ئۇ خورما دەرىخىدۇر“ دېدى. بىز قايتىش يولىدا، مەن دادامغا: ”ئى دادا! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ خورما دەرىخى ئىكەنلىكى كۆڭلۈمدىن كەچكەنىدى“ دېدىم. دادام: ”باياتىن نېمىشقا دېمىدىڭ؟“ دەپ سورىدى. مەن: ”سىلەر(چوڭلار)نىڭ گەپ قىلمىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ گەپ قىلىشنى ياقتۇرمىدىم“ دېدىم. دادام: ”ئۇنىڭ خورما دەرىخى ئىكەنلىكىنى دېگەن بولساڭ، مەن ئۈچۈن مۇنداق، مۇنداق ئىشلاردىن ياخشىراق ئىدى“ دېدى. ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرنىڭ دادىسىغا ۋە دادىسىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتى، ئۇنى، بۇ ئىككى زاتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ گەپ قىلىشتىن توسقانىدى ھەم شۇنداق قىلىشتىن ئۇيالغانىدى. دادىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ئىشتىن كېيىن ئوغلى ئابدۇللاغا ئېيتقان، ئاتىلىق مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان رىغبەت سۆزى ئۇنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.
 
مۇئمىن خورما دەرىخىگە ئوخشايدۇ
 
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىماننى ۋە ئىماننىڭ تىل بىلەن ئىقرار قىلىنىدىغان كەلىمە تەۋھىد(كەلىمە تەييىبە)نى گۈزەل بىر دەرەخقە تەمسىل قىلىش بىلەن بىرگە، ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولغان ناشايان قىلمىشلارنى ناچار دەرەخقە تەمسىل قىلىدۇ: ”ئاللاھنىڭ مۇنداق بىر تەمسىل كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ كەلىمە تەييىبە(يەنى ياخشى سۆز، ئىمان كەلىمىسى) يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىدا بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان. پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ۋاقتى–ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل دەرەخقە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ۋەز–نەسىھەت ئالسۇن دەپ، ئۇلارغا نۇرغۇن تەمسىللەرنى كەلتۈرىدۇ. يامان سۆز(يەنى كۇفرى كەلىمىسى) زېمىندىن قومۇرۇپ تاشلانغان، ھېچقانداق قارارى يوق ناچار دەرەخقە ئوخشايدۇ“{سۈرە«ئىبراھىم»(14-سۈرە)، 2426-ئايەتلەر}. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە چىن ئىخلاس بىلەن بولغان ئىماننى، يەنى كەلىمە تەۋھىدنى يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىدا بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان، شۇنداقلا ۋاقتى-ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل دەرەخكە ئوخشاتقاندەك، پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەممۇ سادىق، پاك مۇئمىننى خورما دەرىخىگە ئوخشىتىدۇ. مۇئمىن بىلەن خورما دەرىخى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق شۇ يەردىكى، خورما دەرىخىنىڭ يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىغا قانچىكى يىلتىز تارتقان بولسا، مۇئمىننىڭ ئىمانىمۇ شۇ دەرىجىدە ساغلام يىلتىز تارتقان.
خورما دەرىخىنىڭ يىلتىزى بۇ دەرەخنىڭ غولى، شېرىن مېۋىسى، شاخلىرى ۋە ياپراقلىرىنىڭ مەزمۇت بولۇشىغا سەۋەب بولغاندەك، مۇئمىننىڭ ئىمانىمۇ ئۇنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرى ۋە گۈزەل سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا سەۋەب بولغان.
يىلتىز دەرەخنى ھەرقانداق توسقۇنلۇقتىن خالىي قىلالىغاندەك، ھەقىقىي چىن ئىخلاس بىلەن بولغان ئىمانمۇ مۇئمىننى ھاياتىي دۇنيادا ھەم ئاخىرەتتە پاك ساقلاپ، ئۇنى ساغلام ھايات يولىغا يېتەكلەيدۇ. يىلتىزغا كەلگەن زىيانلىق دەرەخقە تەسىر قىلغىنىدەك، ئىمانغا كەلگەن زىيانلىقمۇ ئىخلاسمەن مۇئمىن بولۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئىمان شەك-شۈبھە، شېرىكلىك ۋە ئىنكارلىققا ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتتىن ئادا-جۇدا بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.
يۇقىرىقى ئايەتتە ئاللاھنى ئىنكار قىلىش مەنىسىدە كەلگەن ھەرتۈرلۈك يامان سۆز-ھەرىكەت خۇددى يىلتىزى قومۇرۇپ تاشلانغان ناچار دەرەخكە ئوخشىتىلغان، يىلتىزى قومۇرۇپ تاشلانغان دەرەخ شامالدا ئۇچۇپ يۈرىدىغان قامغاققا ئوخشاپ قالغاندەك، سەمىمىي ئىخلاسقا ئىگە بولالمىغان ئىنسانمۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەسرەت-نادامەتتە قېلىشى مۇقەررەر ھادىسە. شۇڭا دەرەخنىڭ ساغلام پەرۋىش قىلىنىشى يىلتىزنى تەقەززا قىلغاندەك، مۇئمىنمۇ مۇئمىنلىك سالاھىيىتى بىلەن ئىماننى، ئىمان مۇئمىنلىكنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”بەزىلەر ئاللاھقا شەك-شۈبھە بىلەن(يەنى تۇراقسىز ھالدا) ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ(بۇنداق ئادەم مۇناپىق بولۇپ، ئاللاھقا دىلى بىلەن ئەمەس، پەقەت تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر“{سۈرە «ھەج»(22-سۈرە)، 11-ئايەت}.
مۇئمىن بىر تەرەپتىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىماننىڭ يىلتىزىدىن ئوزۇق ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىمان بىلەن يالغۇز ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا مۇشەررەپ بولۇشقا سەئيى قىلىدۇ، تىرىشىدۇ. خورما دەرىخىنىڭ يىلتىزى يەرگە قانچىكى ساغلام پېتىپ كەتكەن بولسا ئۇنىڭ پەرۋىش قىلىشى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەرەخنىڭ بويى ئۇزۇنلاپ يۈكسەلگەنسېرى يەر يۈزىدىكى كىر-نىجاسەتتىن ۋە ھالاكەتكە يۈزلىنىشتىن شۇنچە دەرىجە خالاس بولىدۇ، شېرىن مېۋىسى ئىشەنچ ئىچىدە موللىشىدۇ ۋە ھوسۇل بېرىدۇ. مۇئمىنمۇ چىن ئىخلاسى بىلەن بولغان ئىمانىنى ۋە دۇرۇس نىيىتىنى مەھكەم تۇتقاندا پەرۋەردىگارىغا تېخىمۇ چىن دىلى بىلەن يېقىنلىشىشقا ئەمەل-سەئيى قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا مۇشەررەپ بولۇش يولىدا يولۇققان مۈشكۈلاتلارغا تېز پۈكمەيدۇ، تېخىمۇ تىرىشىدۇ، ناشايان ئىستەكلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئالىي مەقامغا ۋە يۈكسەك غايىگە ئىنتىلىدۇ، دۇرۇس نىيىتى ۋە ئۇلۇغ غايىسىنى ئىستىقامەت قىلىش يولى بىلەن تولۇقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن سۆز-ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئىمانى ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىدۇ.
يىلتىزى ۋە شاخلىرى مەزمۇت بولغان دەرەخنىڭ چىرايلىق ۋە شېرىن مېۋە بېرىشى تەبىئىي، مېۋە سەۋرچانلىق بىلەن پەرۋىش قىلىنىپ ئۆسكەن دەرەختىن كەلگەن ھوسۇلدۇر. چىن ئىخلاسقا ۋە سەمىمىي نىيەتكە ساھىب بولغان مۇئمىن بولۇش ئۈچۈنمۇ سالىھ، ياخشى ئەمەللەرنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، چۈنكى ياخشى ئەمەل ئىمان دەرىخىنىڭ مېۋىسى ۋە مۇئمىننىڭ چىن ئىخلاس بىلەن بولغان ئىمانىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى. ئىمان مۇئمىننىڭ دىلىدا چوڭقۇر ئورۇن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە ھەرىكىتىگە مەزمۇت ئۇل سېلىنغان بولىدۇ، مۇئمىننىڭ بۇ تۈرلۈك ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىپادىلىرى مۇئمىننىڭ ”سالىھ ئەمەللىرى“ بىلەن پۈتۈن سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىمان دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن يەنە بىرى، ئۇنىڭ ئىبادەتلىرىدۇر. ئىماننىڭ ”سالىھ ئەمەل“ بىلەن باغلىنىشى مۇئمىننىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بەندىچىلىك ئېڭىغا ئىگە بولغان بىر مۇسۇلمان ھاياتىنى ئاللاھقا بولغان سۆيگۈ ۋە ئىتائەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەجگە ئوخشاش ئىسلامنىڭ پەرز-ئەركانلىرىدىن بولغان ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشتىن سىرت، يەنە ئاللاھقا زىكرى-تەسبىھ ئېيتىش، قۇرئان ئوقۇش، قۇربانلىق قىلىش ۋە سەدىقە-ئېھسان قىلىشقا ئوخشاش ئۆزىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىدۇ. پەرز ۋە نەپلە ئەمەل-ئىبادەتلەر ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىپ، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولۇشقا تىرىشىدۇ.
گۈزەل ئەخلاقمۇ ئىمان دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىندۇر. مۇئمىننىڭ ئىمانى بىلەن ئەخلاقى ئارىسىدا شۇنداق بىر باغلىنىش باركى، بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مەشھۇر بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ”مۇئمىنلەردىن ئىمانى ئەڭ كامىل بولغانلىرى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىدۇر“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). بۇ يەردە رەسۇلۇللاھ مۇئمىنگە تەبىر بەرگەندە مۇئمىندە گۈزەل ئەخلاقنىڭ بولۇشىنى مەركەزلىك بايان قىلغان، رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىملىرى بويىچە: ”ياخشى ئەمەلنى قىلغاندا خوش بولغان، يامان ئىشنى قىلغاندا قايغۇرغان ئادەم كامىل مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇسۇلمانلارنى يامان ئەخلاقتىن قەتئىي توسىدۇ: ”مۇئمىن ئادەم كىشىلەرگە تىل تەگكۈزمەيدۇ، كىشىلەرنى تىللىمايدۇ، يامان سۆز قىلمايدۇ ۋە سۈرەن سالمايدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). رەسۇلۇللاھ يەنە بىر ھەدىستە گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئۆزىنى زىننەتلىگەن مۇئمىنلەرنىڭ مول مۇكاپاتقا مۇشەررەپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ: ”مۇئمىن گۈزەل ئەخلاقى ئارقىلىق(كۈندۈزلىرىنى) روزا تۇتۇش بىلەن، (كېچىلىرىنى) ناماز ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ مەرتىۋىسىگە يېتىدۇ“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).
ھەدىستە خورما دەرىخىنىڭ شېرىن مېۋىسى بىلەن مۇئمىن ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ”خورمىنىڭ ھەرۋاقىت مېۋە بېرىپ تۇرىدىغانلىقى“ بىلەن تەسۋىرلىنىپ، خورما دەرىخىنىڭ بەرىكەتلىك دەرەخ ئىكەنلىكى شەرھلىنىدۇ. خورما دەرىخى پەقەت مېۋىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە سايىسىدىن، ياغىچىدىن، ياپراقلىرىدىن، شاخلىرىدىن ھەتتا ئۇرۇقىدىنمۇ مەنپەئەت بېرىدىغان بەرىكەتلىك دەرەخ. مۇئمىنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى كىشىگە بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ، مۇئمىن مۇسۇلمان سۆزى، ھەرىكىتى ۋە ئەمەللىرى بىلەن، ئىمانى ۋە ئىبادىتى بىلەن، قىسقىسى، پۈتۈن ھاياتى بىلەن كىشىگە پايدا ۋە بەرىكەت يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغان كىشىدۇر.
خورما دەرىخى بىلەن مۇئمىن ئارىسىدا تەمسىل قىلىنغان يەنە بىر ئوخشىتىش خورمىنىڭ ياپراقلىرى بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ. ھەدىستە بىلدۈرۈلگەن مەزمۇندىن ئايانكى، خورما دەرىخىنىڭ ياپراقلىرى ھېچ ۋاقىت تۆكۈلمەيدۇ، ھەمىشە يېشىل تۇرىدۇ. تۆت پەسىل ئۆزگىرىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ياپراقلىرى شاخلىرىدىن چۈشمەيدۇ، توزىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆز يېشىللىقىنى ھەمىشە ساقلاپ بەرقارار، مەزمۇت تۇرالىشى مۇئمىنگە ئوخشايدۇ، چۈنكى مۇئمىن مۇسۇلمانمۇ قانداقلىكى ئەھۋالغا يولۇقۇشتىن قەتئىي نەزەر، ئىمانىدا ھەرزامان بەرقارار بولۇپ تۇرالايدۇ، بېشىغا كەلگەن ھەرتۈرلۈك بالايىئاپەت ئۇنى تەۋرىتەلمەيدۇ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”مەن مۇئمىن بەندىنىڭ ئىشلىرىدىن ھەيرانمەن، ئۇنىڭ ھەممىلا ئىشى ياخشىدۇر، لېكىن مۇئمىنلەردىن باشقىلار ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر مۇئمىنگە باياشاتلىق يەتسە، شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭغا ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا قاتتىقچىلىق يەتسە سەۋر قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

(«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»، 2013-يىل 4-سان)

يەنە >>سۈرەتلەر