باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەدەپ-ئەخلاق

مۇئمىنلەرگە خاس بولغان گۈزەل پەزىلەتلەر(2)

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-08-18   
ئادىل ھاجى كېرىم
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
مۇئمىن ئەتىر ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ
 
ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە باشقىلارغا پايدا يەتكۈزىدىغان مۇئمىن مۇسۇلماننى پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم يەنە ئەتىر ساتقۇچىغا ئوخشىتىدۇ: ”مۇئمىن ئەتىر ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولساڭ ساڭا پايدىسى يېتىدۇ، بىللە يول يۈرسەڭ ساڭا پايدىسى يېتىدۇ، بىللە ئىش قىلساڭ يەنىلا ساڭا پايدىسى يېتىدۇ“(تەبرانى رىۋايەت قىلغان).
مۇئمىن مۇسۇلماننىڭ ياراملىق بىر ئىنسان بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن باشقىلار زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۆز تەلىملىرىدە ھەقىقىي مۇئمىن مۇسۇلمان باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئىخلاس ۋە ئىشەنچنى تىكلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: ”سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن ئادەم كامىل مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ جانلىرى ۋە ماللىرىغا ئەمىنلىك ئېلىپ كەلگەن ئادەم مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلغان، ئىنسان ھاياتىدا قىبلىنامە دەپ قارىلىدىغان، شۇنداقلا، تارىختىن بۇيان پۈتۈن دىنىي ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەمدە ئورۇن ئالغان ”سەن باشقىلارنىڭ ساڭا قارىتىپ قىلغان ناشايان سۆزلىرىنى ياقتۇرمىغىنىڭدەك، سەنمۇ باشقىلارغا ئۇنداق سۆز قىلما“ ياكى ”ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلىنىشنى ئۈمىد قىلساڭ، سەنمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلىدە بولغىن“ دېگەن شەكىللەردە كەلگەن مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆزلەردە پەزىلەتلىك ئىنسان ئۆلچىمى روشەن كۆرسىتىپ بېرىلگەن، بۇ ھەقتە ھەدىس شەرىفتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ”سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىگە نېمىنى ياخشى كۆرسە قېرىندىشىغىمۇ شۇنى ياخشى كۆرمىگىچە ھەقىقىي مۇئمىن ھېسابلانمايدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئەقىل-ئىدراكلىق بولۇش، سەزگۈر بولۇش، ئۆزىنى زىيان، ناشايان ئىشلاردىن يىراق تۇتۇش مۇئمىننىڭ يەنە بىر ئايرىم خىسلەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. ”مۇئمىننىڭ پاراسىتىگە دىققەت قىل، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن قارايدۇ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) دەپ تەلىم بەرگەن رەسۇلۇللاھ مۇئمىننىڭ ھەممە ئىشتا تەدبىرلىك، ھوشيار ۋە ئېھتىياتچان بولۇشىنى ئۈندەيدۇ. يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ”مۇئمىن ئادەم چايان چاققان تۆشۈككە ئىككىنچى قېتىم قول سالمايدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دېيىش ئارقىلىق مۇسۇلماننىڭ سەۋەنلىك بىلەن قىلىپ سالغان خاتالىقنى ئىككىنچى قېتىم تەكرارلىمايدىغانلىقى ۋە ئەينى سەۋەب بىلەن ئىككى قېتىم ئۈستى-ئۈستىگە ئالدانمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
 
مۇئمىن يېشىل زىرائەتكە ئوخشايدۇ
 
بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دەيدۇ: ”مۇئمىن يېشىل زىرائەتكە ئوخشايدۇ، شامال ئۇنى دائىم ئېگىپ تۇرىدۇ(ئەمما ئۇ پەقەت يىقىلمايدۇ)، شامال توختىغاندا ئۇ يەنە ئۆز ھالىغا قايتىپ تىك تۇرىدۇ. مۇئمىنمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، ئۇمۇ دائىم سىناق بالالىرى ۋە كېسەل-مۇسىبەتلىرى سەۋەبىدىن ئېگىلىدۇ(ئەمما پەقەت يىقىلمايدۇ)“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
 
مۇئمىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ساپ ئالتۇنغا ئوخشايدۇ
 
بالايىئاپەتكە ۋە مۇسىبەتكە سەۋر قىلىش، ئېغىرچىلىق يەتكەن كۈنلەردە ئىمانىدا بەرقارار بولۇپ تۇرالىشى مۇئمىننىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىدىن بولغاچقا، بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ مۇئمىننى يەنە قىممەتلىك ئالتۇنغا ئوخشىتىدۇ، چۈنكى ئالتۇننى قىزىق ئوتقا سالغاندىمۇ ئەسلى ھالىتىنى يوقاتمايدۇ، بۇ خۇددى مۇئمىننىڭ ھەرقانداق قاتتىقچىلىقتىمۇ ئىمانىنى پاك ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ: ”مېنىڭ جېنىم ئۇنىڭ ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مۇئمىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ساپ ئالتۇنغا ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا كۆرەك پۈۋلىسەڭ، ئۇ قىزىرىپ تېخىمۇ گۈزەل، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ئەگەر ۋەزنىگە(يەنى مىزانغا) سالساڭ، قىلچە كەملىمەيدۇ“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
 
مۇئمىن ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ
 
مۇئمىنگە ياخشىلىقنىڭ ۋە گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى بولغان ھەسەل ھەرىسى تەمسىل قىلىنغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دەيدۇ: ”مۇئمىن ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇ گۈزەل نەرسىلەرنى يەيدۇ، گۈزەل نەرسىلەرنى قالدۇرىدۇ(يەنى ھەسەل چىقىرىدۇ)، گۈزەل يەرلەرگە قونىدۇ، نازۇك يەرلەرگە قونسىمۇ ئۇنى سۇندۇرۇپ ئۇشتۇۋەتمەيدۇ“(ھاكىم رىۋايەت قىلغان). ھەدىستە ئېيتىلغاندەك، مۇئمىن مۇسۇلمان ھەسەل ھەرىسى بىلەن ئىككى نۇقتىدا ئوخشايدۇ: ئۇلار يېگەن يېمەكلىرى بىلەن قىلغان ئەمەللىرىنىڭ پاك بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ؛ ھەسەل ھەرىسى دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل ياپراق-چېچەكلىرىدىن ئوزۇق ئالىدۇ، زىرائەت ۋە مېۋىلەر ھەسەل ھەرىسىنىڭ تۈرتكىسىدە چېچەكلەپ مول مېۋە بېرىدۇ، مۇئمىنمۇ ئاللاھنىڭ رىزىقلاندۇرغان پاكىز ۋە ھالال نېمەتلىرىدىن ئوزۇق ئالىدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا(يەنى ئاللاھنىڭ ھەددى-ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 172-ئايەت}.
مۇئمىن مۇسۇلمان يەنە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە نائىل بولۇش يولىدا ھارماي-تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ”كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ئېرىشكەن رىزقى ئەڭ ياخشى رىزىق ھېسابلىنىدۇ“ دەيدۇ(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ھەسەل ھەرىسى پاك-پاكىز نەرسىلەردىن ئوخشاش پاكىزلىقتىكى، كىشىگە شىپا قىلىدىغان ھەسەل چىقىرىپ بەرگەنگە ئوخشاش، مۇئمىنمۇ پاك ۋە ساغلام شەخسلەرنىڭ نەمۇنىسى بولۇشقا ئەرزىيدۇ. مۇئمىننىڭ ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ئېرىشكەن رىزقى ئۆزى ئۈچۈن ۋە باشقىلار ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ۋە ئەھمىيەتلىك. بۇ خۇددى ھەسەلنىڭ ئىنسانغا كۆپ پايدىسى يېتىدىغانلىقى، نېمەت ۋە شىپانىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىگە ئوخشايدۇ.
ھەسەل ھەرىسى ئىشلەپچىقارغان ھەسەل دەرەخقە ياكى ئۆسۈملۈككە زىيان يەتكۈزمىگىنىدەك، مۇئمىنمۇ يەر يۈزىدە خەلىپە بولۇپ ئۇنى گۈللەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغانىكەن، بۇ ئامانەتنى لايىقىدا ئوبدان ئادا قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ھەتتاكى يول ئۈستىدە كىشىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشنىمۇ ئىماننىڭ بىر شاخچىسى دەپ تەكىتلەيدۇ.
ئىماندا مۇستەھكەم، بەرقارار بولۇشقا توسالغۇ بولىدىغان نەرسە بەندىنىڭ سەۋەنلىك بىلەن قىلىپ سالىدىغان گۇناھلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”مۇئمىن مۇسۇلمان گۇناھلارنى گەدىنىگە يۈكلەنگەن تاغدەك ئېغىر كۆرىدۇ. فاجىر-پاسىقلار(يەنى گۇناھقا سەل قارايدىغانلار) بولسا گۇناھلارنى خۇددى بۇرنىغا قونغان ۋە قوغلىغاندا قاچىدىغان چىۋىندەك كۆرىدۇ“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىس شەرىفتە مۇئمىننىڭ گۇناھقا بولغان قارىشى تەسۋىرلىنىپ، مۇئمىننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش مەشغۇلاتلىرىدا قىلىپ سالىدىغان گۇناھ ۋە خاتالىقلارنى تەۋبە-ئىستىغپار بىلەن يۇيۇشى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا ھەرقانداق گۇناھ-مەئسىيەت مۇئمىنگە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بولىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم يەنە مۇئمىن بىلەن ئىمان ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئوخشىتىپ دىققىتىمىزگە سۇنۇپ مۇنداق دەيدۇ: ”مۇئمىن ئارغامچا بىلەن بىر يەرگە باغلاپ قويۇلغان ئاتقا ئوخشايدۇ، ئۇ ئات ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاخىرى يەنە باغلانغان يېرىگە قايتىدۇ. مۇئمىنمۇ شۇنداق، ئۇ سەۋەنلىك بىلەن خاتا ئىشلارنى قىلىپ سالىدۇ، ئاخىرى يەنە ئىمانىغا قايتىدۇ“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). بۇ يەردە ”ئىمانىغا قايتىدۇ“ دېگەنلىك، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بىر بەندىنىڭ سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان گۇناھىغا تەۋبە قىلىشى، ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ۋە ئىمانىنى پاكلاپ تۇرۇشى كېرەكلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ھاسىل كالام، ئەگەر مۇئمىن مۇسۇلمان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ: ”ئەگەر ياخشى ئىشلىرىڭ سېنى خوش قىلىپ، يامان قىلمىشلىرىڭ كۆڭلۈڭگە غەش قىلسا، سەن مۇئمىندۇرسەن“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان) دېگەن تەلىمىنى دىلىدا چىن ئىخلاسى بىلەن ساقلىسا، ئۇ ھالدا، ئۇ مۇئمىن مۇسۇلمان جۈملىسىدىن بولالايدۇ.
ئاخىرىدا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ دۇئاسى بىزگە يېتەكچى بولغۇسى: ”ئى پەرۋەردىگار! بىزنى ياخشىلىق قىلغىنىمىزدا خوش بولىدىغان، سەۋەنلىكتىن خاتالىق قىلىپ قالغىنىمىزدا مەغپىرەت تىلەيدىغان ئىتائەتمەن بەندىلىرىڭدىن قىلغىن“(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
(«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»، 2013-يىل 4-سان)
يەنە >>سۈرەتلەر