باش بەت > دىن ۋە ھايات > ئەدەپ-ئەخلاق

ئىسلام دىنى ئەركانلىرى بىلەن ئەخلاقنىڭ تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   

قەمەرىددىن ئەھمەد

 

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئىسلام دىنى ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر دىن. ئەگەر ئەخلاق بولمىسا ئىسلام ئەقىدىسىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالادىن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى نازىل بولغاندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈنلەي ھاياتىنى ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ كۆرسىتىپ بەرگەن ھەق يولدىكى ئىسلام دىنى، ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ بەخت-سائادىتى، كۆڭۈللۈك، تىنچ-ئامان ھايات كەچۈرۈپ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىشى ئۈچۈن بېغىشلىغان. ئۇ پەقەت ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىنىپ، شۇ ئىنسانلار ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر، يولباشچى بولۇپ، ھەر جەھەتتىن ئۆزىنىڭ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى دائىم تەكىتلەپ تۇرغان. ”ئۇ رېئال تۇرمۇشتىكى ئادەم، ئۇ ئۆيلەنگەن، ئاتا بولغان، سودىگەرچىلىك قىلغان، پادا باققان، ئۇرۇشقا قاتناشقان، كېسەل بولغان“.①شۇ جەرياندا ئۇ ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي غۇرۇرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلغان ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىگە گۈزەل ئەخلاقنىڭ مەردلىك، كەمتەرلىك، شىجائەتلىك، راستچىللىق ۋە ئادالەتپەرۋەرلىك قاتارلىق سۈپەتلىرىنى ئاتا قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى بولۇشقا لايىقتۇر.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، كىشىلەرنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە ھەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشقا، تائەت-ئىبادەت ئارقىلىق ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ”ئۇ ئىجتىمائىي ئەخلاق قائىدە-تۈزۈملىرىگە ۋە شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت مىزانلىرىغا ئاساس سالغان②. ئۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتتە، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئاياللارنى قەدىرلەش ۋە موھتاجلارغا سەدىقە بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئاياللارنى كەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىدىغان قىلمىشلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چەكلىگەن. ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە ئورتاق كۆيۈنۈشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى، ھالىغا يېتىشى قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن. كىشىلەرنى مۇناسىۋەتتە ئادىل بولۇش، راستچىل بولۇش، ئىقتىسادچىل بولۇپ ئىسراپچىلىق قىلماسلىققا بۇيرۇغان. كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە خائىنلىق قىلىشىنى ھارام دەپ ھۆكۈم قىلغان. مانا بۇلار بىر ئائىلىدە بولۇشقا تېگىشىلىك بولغان زۆرۈر ئەخلاق ئامىللىرى بولۇپ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ۋە ھەربىر ئائىلىدە يەنىلا ئۆز قەدىر قىممىتىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.

كىتاب-ژۇرناللاردا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئىسلام دىنى ئەخلاقىغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپات ۋە ھېكمەتلىك ئىبارىلەر«قۇرئان كەرىم» ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەلگىلەپ بەرگەن ياكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز ھاياتىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەن ھەقىقەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىنىپ، يەنە شۇ ئىنسانلارغا پەيغەمبەر سۈپىتىدە ئەۋەتىلىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بىرىنى تەكىتلەپ:”مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم“دېگەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرمىگەن، لېكىن بىر دەۋرىدە ياشىغان زامانداش كىشىلەر ئۇنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا ئۇنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سورىغاندا، ئۇ: ”ئۇنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى“دەپ جاۋاب بەرگەن(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ سۆزىنى «قۇرئان كەرىم»دىكى سۈرە«قەلەم»(68-سۈرە)نىڭ:”سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن“ دېگەن 4-ئايىتى ئىسپاتلايدۇ.

تۆۋەندە بۈيۈك ئەخلاققا ئىگە پەيغەمبىرىمىز دەۋەت قىلغان توغرا دىننىڭ ئەركانلىرى بىلەن ئۇ ئومۇملاشتۇرماقچى بولغان ئەخلاقنىڭ تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىمىز.

1. كەلىمە شاھادەت ۋە ئەخلاق

ئىسلام دىنى ئەقىدە بىلەن ئەخلاقنى بىر-بىرىگە باغلىغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”ئى مۆمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىللە بولۇڭلار!“{سۈرە«تەۋبە»(9-سۈرە)، 119-ئايەت}.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ”ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى(ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن(چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا، ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر“{سۈرە«لوقمان»(31-سۈرە)، 17-19-ئايەتلەر}.

كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.

ئوتتۇرھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر.

يۇقىرىقى ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا ئەخلاقنى تەكىتلىگەن. ئاللاھ تائالانى بىر، پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەلچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىپ، ئۆزى ئۆتەشكە تېگىشلىك پەرز ئەمەللەرنى قىلغان مۇسۇلمان ”مۆمىن“ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەنە شۇ خىلدىكى بەندىلىرىگە: ”ئى مۆمىنلەر ئاللاھدىن قورقۇڭلار، راستچىل بۇلۇڭلار“ دەپ خىتاب قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىنسان بىلەن ئىنسان، چوڭ بىلەن كىچىك، ئەر بىلەن ئايال، دوست بىلەن دۈشمەن ھەتتا ئادەم بىلەن ھايۋان ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن چوڭ رول ئويناپ كېلىۋاتقان راستچىللىقنى تەكىتلىگەن.

ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئەخلاق بىلەن ئەقىدە-ئىماننى بىر-بىرىگە باغلىغان، ھەرگىز ئايرىۋەتمىگەن، تەڭ ئورۇنغا قويغان. ئەبىي شۇرەيىھتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ”ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ئىمان ئېيتمىدى، ئۇ ئىمان ئېيتمىدى، ئۇ ئىمان ئېيتمىدى، دېگەن، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئۇ كىم؟ دەپ سورالغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ’ئۆزىنىڭ مال-مۈلۈكلىرى ئۈستىدە قوشنىسىغا ئىشەنچ قىلالمىغان ئادەم‘ “دەپ جاۋاب بەرگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش بىلەن ئىجىتمائىي تۇرمۇشتىكى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يادروسى بولغان قوشنىلار ئارا ئۆز-ئارا ئىشىنىش ئوخشاش ئورۇنغا قويۇلغان. شۇ ئارقىلىق، ئېغىزدا ئىقرار قىلىپ تەستىقلىغان ئىماننى ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتا ئىزھار قىلىش تەكىتلەنگەن. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە:”ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:‹كىمكى ئاللاھغا ۋە قىيامەت كۈنىنىڭ راستلىقىغا ئىمان ئېيتسا ، ئۇ ياخشى گەپ قىلسۇن ياكى بولمىسا سۈكۈت قىلسۇن›“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

دېمەك ئىمان بىلەن ئەخلاق ئىنتايىن مۇستەھكەم باغلىنىشقا تېگىشلىك مۇكەممەل بىر ئامىلدۇر.

2. ناماز بىلەن ئەخلاق

مۇسۇلمانلارغا كۈندە ئۆتەشكە پەرز قىلىنغان بەش ۋاقلىق ناماز ھەرگىزمۇ بىر قائىدە-يوسۇن، ئۆرۈپ-ئادەت ۋە ياكى بىكارچىلىقتىن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت ئەمەس. مۇسۇلمانلار نامازنى ئىخلاسمەنلىك، ساپ ئەقىدىلىك ۋە توغرا نىيەت بىلەن ئۆتىگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ماھىيىتى، ساۋابى ۋە رولىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. ئەڭ ئاددىيسى ئىنسانلار تۇرمۇشىدا ”ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت“دېگەن ئەقلىيە سۆزنىڭ قەدىرىگە يېتىپ، ئۆز ۋاقتىنىڭ ناھايىتى رىتىملىك، مەنپەئەتلىك ھالدا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ. ناماز ئۆتەش توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”...نامازنى(تەئدىل ئەركان بىلەن)ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ“{سۈرە«ئەنكەبۇت»(29-سۈرە)، 45-ئايەت}.

چۈنكى ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ناماز ئوقۇغاندا خۇددى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئوقۇۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىدۇ، ئۇ قۇدرەتلىك ئاللاھغا سېغىنىپ، ئۇنىڭدىن ئۆز رىزقىنى زىيادە قىلىشنى، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيدۇ، بالا-قازا ۋە يامان ئىشلارنى ئۇنىڭ ۋە بالىچاقا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بېشىغا كەلتۈرمەسلىكىنى ھەمدە گۇناھ ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلاشنى ئىلتىجا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز تىلەكلىرىنىڭ ئاللاھ تائالادىن ئىجابەت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، ئۆزىنى يامان ئىش، يامان سۆزلەرنى قىلىشتىن توسىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياراتقۇچى ئاللاھدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇددۇسىدە مۇنداق دېگەن:”ناماز ئارقىلىق مېنىڭ ئۇلۇغلۇقىم ئۈچۈن ئۆزىنى كەمتەر تۇتقان، بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلمىغان، كۈندۈزنى مېنى ياد ئېتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، مىسكىن يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا ۋە مۇسىبەت ئازابى يەتكەن كىشىلەرگە رەھىم قىلغان كىشىلەردىن نامازنى قوبۇل قىلىمەن“.

دېمەك، توغرا نىيەت، ساپ ئەقىدە ۋە ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئوقۇلغان نامازلا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ ھەمدە شۇ ناماز ئۆتىگۈچىلەرنى يامان ئىش، يامان ھەرىكەت ۋە تېتىقسىز گەپ–سۆزلەردىن خالىي قىلىدۇ.

3. سەدىقە-زاكات بىلەن ئەخلاق

ئىسلام دىنى ئەركانلىرىدىن بىرى بولغان سەدىقە-زاكات بېرىش ئوخشاشلا ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. سەدىقە-زاكات ھەرگىزمۇ جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق باي بولغان مۇسۇلمانلاردىن باي بولغانلىق جازاسى ئۈچۈن مەجبۇرى ئېلىنىدىغان باج ئەمەس، بەلكى بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى نورماللاشتۇرىدىغان تەڭشىگۈچتۇر. ئۇ بولسا ئارىدا قېرىنداشلىق ۋە ئىناقلىق تۇيغۇلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، سەدىقە-زاكات بەرگۈچى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن باشقىلارغا سىلىق مۇئامىلىدە بولۇشقا ۋە يامان گەپ-سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى كەمسىتىدىغان قىلمىشلارنى قىلماسلىققا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا باي كىشىلەردىن سەدىقە-زاكات ئېلىشنى ۋە كەمبەغەللەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا ۋە خالىغان ھاجەتمەنلەرگە سەدىقە-زاكات بېرىشنى بۇيرۇغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن“{سۈرە«تەۋبە»(9-سۈرە)، 103-ئايەت}.

بۇ ئايەتتىكى پاكلاش ھەرگىزمۇ جىسمانىي جەھەتتىكى پاكلاش بولماستىن بەلكى روھىي ۋە ئەقىدە جەھەتتىكى پاكلاشتۇر. پۇل-مال يىغىشنى ۋە ماددىي ئاساسىنى مەنىۋى ئاساستىن مۇھىم دەپ كېلىۋاتقان بىر ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىدە تەۋە بولغان مال-دۇنيانىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى قاراپ تۇرۇپ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. بىراق ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ ئەقىدە ۋە ئەخلاق مىزانىنى ئۆلچەم قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرى بىلەن بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ۋە بىر مەسچىتتە، بىر سەپتە تۇرۇپ، بىر قىبلىگە يۈزلىنىپ بىر ئاللاھغا ئىبادەت قىلىۋاتقان، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىيىنچىلىق ئەھۋالدا قالغان قېرىنداشلىرىغا سەدىقە-زاكات بېرىپ، ئۇلارنى يۆلەشكە، ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا دەۋەت قىلىدۇ ھەمدە سەدىقە-زاكاتنى قانداق كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ھەققىدە ئەمەلىي شەرتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ۋاقتى-ۋاقتىدا سەدىقە بەرگەن ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. لېكىن پۇل-مال ۋە ماددىي بۇيۇملارنىڭ سەدىقە-زاكىتىنى بېرىش ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەدىقە بېرىشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننى سەدىقە بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەل ئەخلاق مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان. ئەبى زەررىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:”ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:‹قېرىندىشىڭنىڭ يۈزىگە قاراپ كۈلۈمسىرىشىڭ سەدىقە بەرگىنىڭ؛ ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ، يامان ئىشتىن توسۇشۇڭ سەدىقە بەرگىنىڭ؛ يولدىن ئازغان كىشىگە يول كۆرسىتىپ قويۇشۇڭ سەدىقە بەرگىنىڭ؛ كىشىلەر ماڭىدىغان يولدىن تاش، پاسكىنا نەرسە ۋە ئۇستىخانلارنى ئېلىۋېتىشىڭ سەدىقە بەرگىنىڭ؛ ئۆز نۆۋىتىڭنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىڭ سەدىقە بەرگىنىڭ؛ كۆزى كۆرمەيدىغان كىشى ئۈچۈن يول باشلاپ بېرىشىڭمۇ سەدىقە بەرگىنىڭدۇر›“(«مىشكاتۇل مەسابىھ»، ئەرەبچە، 169-بەت).

ھەرقانداق مۇسۇلمان بۇنداق ئاسان ۋە يېنىك بولغان سەدىقە بېرىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ ھەم شۇنىڭ بەدىلىگە چوڭ ساۋابقا ئېرىشەلەيدۇ. دېمەك، سەدىقە-زاكات بەرگەن ئادەم ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھەسسە قوشۇپ، ئۆزىنىڭ نىيىتىنى ساپلاپ، ئەقىدىسىنىڭ توغرا، مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايدۇ.

4. روزا تۇتۇش بىلەن ئەخلاق

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشىنى پەرز قىلدى. قارىماققا كىشىلەر بۇ بىر ئاي جەريانىدا يېمەك-ئىچمەك ۋە ۋاقىت جەھەتتىن مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچرىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، روزا تۇتۇش ئىنسان نەپسىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىنسان بىر ئاي روزا تۇتۇش ئارقىلىق، بۇنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىپ، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئەگەر ئۆز نەپسىنىڭ كونتروللۇقىدىن ئۆتۈپ كەتسە، بەزىلەرنىڭ ”ئىنسان سۆزلىيەلەيدىغان ۋە پىكىر قىلالايدىغان ھايۋان“دېگەن تەبىرىگە ئۇيغۇنلىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزان ئېيى ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىنسانلىق ۋە مۇسۇلمانلىق خاراكتېرىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ ئۇ مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ’كىمكى روزىدار تۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى ۋە يالغان سۆز بىلەن ئىش قىلىشنى تەرك ئەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ تاماق يېمەي، سۇ ئىچمەي تۇتقان روزىسىغا ئاللاھ تائالا موھتاج ئەمەس‘ “(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

مانا مۇشۇنداق گۈزەل ئەخلاق بولغاندىن كېيىن ئاندىن روزا تۇتۇشنىڭ قەدىرىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن)ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 183-ئايەت}.

يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك ئاللاھ تائالا ”ئى مۆمىنلەر“دەپ خىتاب قىلىپ راستچىل بولۇشنى بۇيرۇغان بولسا، بۇ ئايەتتىمۇ ”ئى مۆمىنلەر“دەپ باشلاپ، گۇناھلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارغا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. دېمەك، راستچىل بولغان ئادەم ھەقىقىي مۆمىن بولىدۇ، ھەقىقىي مۆمىن روزا تۇتۇش ئارقىلىق گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالىدۇ، يەنى ھەقىقىي، راستچىل بولۇپ، ئۆزىنى، ئۆزگىنى ۋە ئاللاھنى ئالدىماي، چىن نىيەت ۋە ئىخلاسمەنلىك بىلەن تۇتقان روزا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مەقبۇل بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ قىممەتلىك، تەڭداشسىز مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە شارائىت ھازىرلىغان بولىدۇ.

5. ھەج-تاۋاپ قىلىش بىلەن ئەخلاق

ھەرقانداق مۇسۇلمانغا ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەھۋالى يار بەرسە، باشقا سەپەر شارائىتىلىرى پىشىپ يېتىلسە، ئۆمرىدە بىر قېتىم بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىش پەرزدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى، باشقا شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىپ، مال-دۇنياسىنى بۇزۇپ-چېچىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ سەپىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئاللاھ تائالانى بىر دەپ تونۇغان ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن ئەڭ ئاخىرقى ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، بالاغەتكە يەتكەن ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن بىر ئىبادەتتۇر. بۇ ئىبادەتنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئىسلام دىنىنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئەخلاقلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ پەرز توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر(يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان(يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن) زاد-راھىلە ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى زاد-راھىلە تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار“ {سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 197-ئايەت}.

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئەخلاق بىلەن ئىبادەتنى باغلاپ، ئاندىن ئۆزى ئۈچۈن تەقۋادار بولۇشقا بۇيرۇغان. دېمەك، تەقۋادار بولۇش ئۈچۈن چوقۇم گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولۇش كېرەك. گۈزەل ئەخلاق ۋە ئەدەب-قائىدە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ھەج پائالىيىتىنىڭ رولى توغرىسىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ”كىم خۇدالىق ئۈچۈن بۇ ئۆيگە(يەنى كەئبىگە) ھەجگە بېرىپ، ھەج قىلىش جەريانىدا، ھەجدە چەكلەنگەن ئىشلارنى ۋە گۇناھلارنى قىلماي، ھەجنى تاماملاپ قايتسا، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان بوۋاق بالىدەك گۇناھىدىن پاك بولۇپ قايتقان بولىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

گۈزەل ئەخلاق بولسا، ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇپ تۇرالىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: ”مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغانىدىم: ’ھەقىقىي مۆمىن ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ھەر كېچىسى تەھەججۇد نەپلە نامىزى ئۆتەيدىغان ۋە كۈندۈزى نەپلە روزا تۇتىدىغان كىشىلەرنىڭ دەرىجىسىگە يېتەلەيدۇ‘ “(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

مانا بۇ ھەدىستىن ھەرقانداق بىر مۆمىن مۇسۇلمان گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇپ، پەرزلەرنى ئادا قىلىپ كېتەلىسىلا، ئۇ خۇددى ھەر كېچىنى ناماز ئۆتەش بىلەن، كۈندۈزنى نەپلە روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخلىس كىشىنىڭ ئېرىشكەن ساۋابىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.

جەمئىيەتتە ئەخلاقسىزلىق، ناچار ئىللەت ۋە قىلمىشلار بارغانچە يامراپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ئىللەتلەرنى يوقىتىشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى زادى قەيەردە؟ ئىسلام دىنىدا بەلگىلەنگەن ئەخلاق مىزانلىرى مانا بۇنىڭغا تولۇق جاۋاب بېرەلەيدۇ. ئەگەر ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۆزىنى ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ تەلىپىگە يەتكۈزەلىسە، جەمئىيەتتىكى ناچار ئىللەت بىراقلا يوقالغان بولاتتى.

ئاللاھ تائالا ئۆزىگە قىلىنغان ئىبادەتنىڭ توغرا، مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق شۇ ئۆزگەرمەس مىزاننى بېكىتكەن. شۇڭا ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناۋاتقان ئەمما گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە مىجەز خۇلقىدىن ئىسلام دىنىنىڭ پۇرىقى كەلمەيدىغان ئاتالمىش مۇسۇلمانلار ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىشنى ئۆزىدە ئېلىپ بېرىشى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق مىزانىغا ماسلىشىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: ”ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ“{سۈرە«رەئد»(13-سۈرە)، 11-ئايەت}.

دېمەك، ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان پەقەت ئىسلام دىنى بەلگىلەپ بەرگەن ئەخلاق مىزانى بويىچە ياشاپ ئۇنى قوغداپ ۋە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كېتەلىسىلا، ئۇ ھەرقانداق جەمئىيەتتە تىنچ-ئامان، خاتىرجەم، پاراۋان ياشىيالايدۇ ھەمدە جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلالايدۇ، ھەرگىزمۇ يەرشارى ئۈچۈن زىيادە بىر يۈك بولۇپ قالمايدۇ.

ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2000-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.)

يەنە >>سۈرەتلەر