باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

قۇرئاننىڭ يەتتە ھەرپ بىلەن نازىل بولۇشىدىكى ھېكمەتنى بىلەمسىز؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-25   

ئۇنىڭ ھېكمىتى تۆۋەندىكىچە:

(1) قۇرئاننىڭ يەتتە ھەرپ بىلەن نازىل بولۇشىدىكى ھېكمەت  ـــ ئىسلام ئۈممىتىگە، خۇسۇسەن ساۋاتسىز بولغان ئەرەبلەرگە قۇرئان ئوقۇشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىدى. ئەرەبلەر ھەر خىل قەبىلىلەردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ شېۋىسى بار ئىدى. ھەممىسى ئەرەب بولسىمۇ، ئىپادىلەش شەكىللىرىدە پەرق مەۋجۇت ئىدى، ئەگەر »قۇرئان كەرىم« بىر ھەرپ بىلەن نازىل بولغان بولسا، ئۇلارغا قىرائەت قىلىش ۋە يادقا ئېلىش مۇشەققەت كېلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى، شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان چۈشەنگەچكە، ئاللاھ تائالا ئۇ زاتقا بىر ھەرپ بىلەن ئۇقۇشقا بۇيرۇغاندا: ”مەن ساۋاتسىز بىر مىللەتكە ئەۋەتىلدىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كىتاب ئوقۇيالمايدىغان، خەت يازالمايدىغانلار بار“، دەپ مۇراجىئەت قىلىپ، يەتتە ھەرپكە ئاپارغان.

(2) قۇرئاننىڭ ئەرەب تىلىدا كۆرسەتكەن مۆجىزىسى نامايان بولىدۇ. ھەربىر ئەرەب قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ لەھجە-شېۋىسى بىلەن قۇرئاننى ئوقۇشى، رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئاننىڭ پاساھەتى بىلەن ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ ئۆز تىل بايلىقلىرى بىلەنمۇ قۇرئاننىڭ ئايىتىگە ئوخشاش بىرەر ئايەتنىمۇ يېزىپ چىقالمايدىغانلىقى قۇرئاننىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

(3) قۇرئاننىڭ ئىپادىلىگەن مەنىلىرى ۋە ئەھكاملىرى ئۈستىدىكى مۆجىزىلىرى گەۋدىلىنىدۇ. بىرەر سۆزنىڭ ئوقۇلۇش يوللىرىدىكى ئۆزگىرىشتىن سۆزنىڭ مەنىسىدىنمۇ بەلگىلىك ئەھكاملار قىياس قىلىنىپ چىقىلىدۇ. شۇڭا، فەقىھ ئۆلىمالار فىقھىي ئەھكاملارنى چىقىرىشتا يەتتە ھەرپ بىلەن ئوقۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىدۇ.

 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر