باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

مەككىيە سۈرىلىرى بىلەن مەدىنىيە سۈرىلىرىنىڭ قانداق خۇسۇسىيەتلىرى بار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-03-25   

مەككىيە سۈرىلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى:

(1) ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش، پەيغەمبەرلەرگە، پەرىشتىلەرگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، قىيامەت كۈنىگە، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولىدىغان ھېساب-كىتابقا، جەننەتنىڭ نېمەتلىرى ۋە دوزاخنىڭ ئازابىنىڭ ئاللاھ تائالادىن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىش مەسىلىلىرى؛ مۇشرىكلار بىلەن ئەقلىي ۋە ئەمەلىي پاكىت-دەلىللەر ئارقىلىق مۇنازىرىلىشىشكە ئوخشاش مەزمۇنلار بايان قىلىنىدۇ؛

(2) پاكىت-دەلىللەر ۋە تەبىئەتتىكى ئالامەتلەر ئارقىلىق مۇشرىكلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى پاش قىلىنىدۇ؛

(3) ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھكام پىرىنسىپلىرىنى ۋە گۈزەل ئەخلاق ئاساسىنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق مۇشرىكلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش، يېتىم-يېسىرلارنىڭ مال-بېساتلىرىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش، قىز بالىلارنى تىرىك كۆمۈۋېتىشتەك جاھىلىيەتنىڭ يامان ئادەتلىرى ئېچىپ تاشلىنىدۇ؛

(4) پەيغەمبەر-ئەنبىيالار ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ قىسسىلىرى بايان قىلىنىپ، مۇشرىكلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى مەقسەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىكلار ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن چوقۇم غالىپ كېلىدىغانلىقى بېشارەت قىلىنىدۇ؛

(5) ئايەتتىكى سۆز-ئىبارىلەر ئىخچام، مېغىزلىق بولۇپ، كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. كۆپلىگەن ئايەتلەردە قەسەم تۈسىدىكى ئىبارىلەر قوللىنىلىپ، قەسەم قىلىنغان سۆزلەر تەكىتلىنىدۇ.

مەدىنىيە سۈرىلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى:

(1) ئەمەل-ئىبادەت، كىشىلىك مۇناسىۋەت، شەرىئەت-ئەھكام، ئائىلە تۈزۈمى، مىراس، ئاللاھ يولىدىكى كۈرەشلەر، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، تىنچلىق ۋە ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئەللەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۇرغۇزۇش دائىرىسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىدۇ؛

(2) ئەھلى كىتابلار، يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار بىلەن بولغان مۇنازىرىلەر، ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكلىرىنى ۋە ھەقىقەتتىن باش تارتقانلىقلىرىنى پاش قىلىش بايان قىلىنىدۇ؛

(3) مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى پاش قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىي ھالەتلىرى ۋە ئىچكى دۇنياسى تەھلىل قىلىنىدۇ؛

(4) ئۇزۇن سۈرىلەر مەدىنىيە سۈرىلىرى بولۇپ، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن پەرز ۋە جىنايەت جازالىرى بايان قىلىنىدۇ.

(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال- جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر