باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

مەككىيە سۈرىلىرى دېگەن نېمە؟ مەدىنىيە سۈرىلىرى دېگەنچۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-26   

بۇ ھەقتە ئۆلىمالار ئۈچ خىل قاراشنى تۇتقان.

(1) مەككە شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا نازىل بولغان سۈرە-ئايەتلەر مەككىيە سۈرىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. مەدىنە شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا نازىل بولغان سۈرە-ئايەتلەر مەدىنىيە سۈرىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

(2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنەگە ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن نازىل بولغان سۈرە-ئايەتلەر مەككىيە سۈرىلىرى دېيىلىدۇ. مەدىنەگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن نازىل بولغان سۈرە-ئايەتلەر مەدىنىيە سۈرىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

(3) ئەقىدە-ئىمان ھەققىدە نازىل بولغان ئايەتلەر مەككىيە سۈرىلىرى دېيىلىدۇ، شەرىئەت ئەھكاملىرى زىكرى قىلىنغان ئايەتلەر مەدىنىيە سۈرىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر