باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان، ئۇنداقتا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى قۇرئاندا نېمە ئۈچۈن پەقەت بەش قېتىملا تىلغا ئېلىنغان؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-02-02   

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق نازىل قىلغان، شۇڭا كۆپلىگەن سۈرە-ئايەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارىتىلىپ نازىل قىلىنغان، ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى »قۇرئان كەرىم«دە پەقەت بەش قېتىم زىكرى قىلىنغان. ئىلگىرىكى باشقا پەيغەمبەرلەر قۇرئاندا ئىككىنچى كىشىلىك ياكى ئۈچىنچى كىشىلىك ئالماشلار بىلەن تىلغا ئېلىنغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى ئۈچىنچى كىشىلىك ئالماش بىلەن زىكرى قىلىنغان. ئەگەر بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى بەش قېىتم زىكرى قىلىنغان ئايەتى كەرىملەرگە قارايدىغان بولساق، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتلەردە ئەھلى جاھانغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ماقامى شەرىپىنى بايان قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلغاندا ﴿ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى﴾ دەپ خىتاب قىلغان. بۇ خىل خىتاب قۇرئاندا جەمئىي 13قېتىم زىكرى قىلىنغان ياكى بولمىسا ﴿ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ﴾دەپ ئىككى قېتىم زىكرى قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئايانكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسى يۈكسەك بولۇپ، ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەردىن پەرقلىنىدۇ.

(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر