باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم»دە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ئىسمى قانچە قېتىم تىلغا ئېلىنغان؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-22   
قۇرئاندا مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ئىسمى جەمئىي بەش قېتىم تىلغا ئېلىنغان، ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى:
(1) ﴿ مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى(ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟(يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر؟) كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن(يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ ﴾{سۈرە”ئال ئىمران“ (3-سۈرە)، 144-ئايەت}.
(2) ﴿ مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن (ئۇ) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر(ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر(سىلەرنىڭ سۆز–ھەرىكىتىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس) ﴾{سۈرە”ئەھزاب“ (33-سۈرە)، 40-ئايەت}.
(3) ﴿ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ، مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا— قۇرئان ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر— ئىمان ئېيتقانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ(شۇنىڭ بىلەن ئۈلار گۇناھ قىلمايدۇ) ﴾{سۈرە”مۇھەممەد“ (47-سۈرە)، 2-ئايەت}.
(4) ﴿ مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر ﴾{سۈرە”فەتىھ“ (48-سۈرە)، 29-ئايەت}.
(5) ﴿ ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا: ”ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن“دېدى﴾ {سۈرە”سەپ“ (61-سۈرە)، 6-ئايەت}.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر