باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم»دە قايسى سۈرىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ناملانغان؟ «قۇرئان كەرىم»دە زىكرى قىلىنغان پەيغەمبەرلەر قايسىلار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-18   
قۇرئاندا سۈرە”يۇنۇس“(10-سۈرە)، سۈرە”ھۇد“(11-سۈرە)، سۈرە”يۈسۈف“(12-سۈرە)، سۈرە”ئىبراھىم“(14-سۈرە)، سۈرە”مۇھەممەد“(47-سۈرە) ۋە سۈرە”نۇھ“(71-سۈرە)لەر پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ناملانغان.
 قۇرئاندا جەمئىي 25 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 24 قېتىم، ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى ئىككى قېتىم، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 43 قېتىم، ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى يەتتە قېتىم، سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى توققۇز قېتىم، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 27 قېتىم، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 63 قېتىم، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 12 قېتىم، ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 17 قېتىم، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 16 قېتىم، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 26 قېتىم، شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 10 قېتىم، ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 20 قېتىم، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 124 قېتىم، داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 16 قېتىم، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 17 قېتىم، ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى تۆت قېتىم، زۇلكىفل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى ئىككى قېتىم، يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى تۆت قېتىم، ئىلياس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى ئىككى قېتىم، ئىليەسەئ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى ئىككى قېتىم، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى يەتتە قېتىم، يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى بەش قېتىم، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى 24 قېتىم، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى تۆت قېتىم، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى ئەھمەد دەپ ئاتىلىپ بىر قېتىم تىلغا ئېلىنغان.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر