باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم»دە سەجدە تىلاۋىتى قىلىنىدىغان ئايەتلەر قانچە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-01-06   
قۇرئاندا سەجدە تىلاۋىتى قىلىنىدىغان ئايەتلەر جەمئىي 15 بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەككەدە نازىل بولغان. ئۇلار:
(1) ﴿بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا شۇ ئايەتلەر بىلەن ۋەز-نەسىھەت قىلىنسا(ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن ئاللاھقا) سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدۇ ئېيتىدۇ. ئۇلار(پەرۋەردىگارىنىڭ تائەت-ئىبادىتىدىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ﴾{سۈرەسەجدە“(32-سۈرە)، 15-ئايەت}.
(2) ﴿كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ(بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار﴾{سۈرەفۇسسىلەت“(41-سۈرە)، 37-ئايەت}.
(3) ﴿ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار﴾{سۈرەنەجم“(53-سۈرە)، 62-ئايەت}.
(4) ﴿(بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (ئاللاھقا) سەجدە قىلغىن(شۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن﴾{سۈرەئەلەق“(96-سۈرە)، 19-ئايەت}.
(5) ﴿پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر(يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ﴾{سۈرەئەئراف“(7-سۈرە)، 206-ئايەت}.
(6) ﴿ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر(يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلار) ئىختىيارىي ۋە مەجبۇرىي يوسۇندا ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن–ئاخشامدا(يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ﴾{سۈرەرەئد“(13-سۈرە)، 15-ئايەت}.
(7) ﴿ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار(ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ. ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ﴾{سۈرەنەھل“(16-سۈرە)، 49—50-ئايەتلەر}.
(8) ﴿ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ(قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار ئاللاھقا) تېخىمۇ تەزەررۇ قىلىدۇ﴾{سۈرەبەنى ئىسرائىل“(17-سۈرە)، 109-ئايەت}.
(9) ﴿ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەم(ئەلەيھىسسالام)نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نوھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل(يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام)نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز(ئىمانغا) ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا(زېمىنغا) يىقىلىدۇ﴾{سۈرەمەريەم“(19-سۈرە)، 58-ئايەت}.
(10) ﴿بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر(يەنى پەرىشتىلەر)، زېمىندىكىلەر(يەنى ئىنسانلار، جىنلار ۋە زېمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار)، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋاناتلار(ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ) ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر(كۇفرى سەۋەبلىك) ئازابقا دۇچار بولدى، ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ(يەنى ئازاب قىلىش، رەھىم قىلىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، باي قىلىش، كەمبەغەل قىلىش ئاللاھنىڭ خاھىشىدىكى ئىش بولۇپ، ئاللاھقا ھېچ كىشى تەئەررۇز قىلالمايدۇ)﴾{سۈرەھەج“(22-سۈرە)، 18-ئايەت}.
(11) ﴿ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار(يەنى تەزەررۇ بىلەن ناماز ئوقۇڭلار)، (يالغۇز) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى(يەنى خىش–ئەقرىبالارغا سىلە–رەھىم قىلىش، يېتىم–يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش، كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئۆتەش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىڭلار﴾{سۈرەھەج”(22-سۈرە)، 77-ئايەت}.
(12) ﴿ئۇلارغا(يەنى مۇشرىكلارغا): ”رەھمانغا(يەنى مەرھەمەتلىك ئاللاھقا) سەجدە قىلىڭلار!“ دېيىلسە، ئۇلار: ”رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟“ دەيدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنى(ئىماندىن)تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ﴾{سۈرەفۇرقان“(25-سۈرە)، 60-ئايەت}.
(13) ﴿ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر﴾{سۈرە نەمل“(27-سۈرە)، 26-ئايەت}.
(14) ﴿داۋۇد ئېيتتى: ”ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ، نۇرغۇن شېرىكلەر(يەنى دوستلار)، شۈبھىسىزكى، بىر-بىرىگە چېقىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا(بىر-بىرىگە چېقىلمايدۇ) بۇلار ئازدۇر“. داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، سەجدىگە باردى. (ئاللاھقا) تەۋبە قىلدى﴾{سۈرەساد“(38-سۈرە)، 24-ئايەت}.
(15) ﴿ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟﴾ {سۈرەئىنشىقاق“(84-سۈرە)، 21-ئايەت}.
يۇقىرىقى 15 ئايەتى كەرىم ئىچىدە 1-ئايەتتىن 4-ئايەتكىچە بولغان ئايەتى كەرىم تىلاۋەت قىلىنغاندا سەجدە قىلىش ۋاجىب ھېسابلىنىدۇ. 5-ئايەتتىن 15-ئايەتكىچە بولغان ئايەتى كەرىم تىلاۋەت قىلىنغاندا سەجدە قىلىش مۇستەھەب ھېسابلىنىدۇ.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر