باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم»دە ﴿بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم﴾ ئىككى قېتىم زىكرى قىلىنغان سۈرە قايسى؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-11-06   
سۈرە”نەمل“(27-سۈرە)دە ﴿ بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم ﴾ ئىككى قېتىم زىكرى قىلىنغان، ئۆز ۋاقتىدا سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئايال پادىشاھ بىلقىسگە يازغان خېتىدە ﴿بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم﴾نى تىلغا ئالغان. بۇ ھەقتە «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق بايان قىلىنغان: ﴿ ئۇ(يەنى بىلقىس) ئېيتتى: ”ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار “﴾{سۈرە”نەمل“(27-سۈرە)، 2931-ئايەتلەر}.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر