باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم»نى ئۆگىنىشنىڭ پەزىلىتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-09-30   
ياقۇپجان ئەزىز
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
«قۇرئان كەرىم»نى ئۆگىنىش، ئۆگىتىش، تىلاۋەت قىلىش، مەنىسىنى ئېچىپ بېرىش، «قۇرئان كەرىم»گە ئەمەل قىلىش، ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش بولسا بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭ يېقىن، ئەڭ توغرا يول ھېسابلىنىدۇ. ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە قۇرئان ئۆگەتكىنىڭلاردۇر“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ”ئاگاھ بۇلۇڭلار ، كەلگۈسىدە چوڭ بىر پىتنە يۈز بېرىدۇ“ دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ: ”ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇ چوڭ پىتنىدىن چىقىش يولى قايسى؟“ دەپ سورىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋاب بېرىپ: ”چىقىش يولى ئاللاھنىڭ كىتابى، ئۇنىڭدا سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە سىلەردىن كېيىنكىلەرنىڭ خەۋىرى بار، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇستەھكەم ئارغامچىسى، ئۇ ھېكمەتلىك ۋەز-نەسىھەت، ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن ياكى يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا ھۆكۈم چىقارغۇچى، ئۇ ھەق بىلەن باتىلنى، توغرا بىلەن خاتانى ئايرىغۇچى، ئۇنىڭدىكى ھەممە ھۆكۈم ھەق. كىمكى تەكەببۇرلۇق قىلىپ قۇرئانغا ئەمەل قىلمىسا ياكى ئۇنى ئوقۇمىسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ھالاك قىلىدۇ. كىمكى قۇرئاندىن چىقىپ باشقا بىر نەرسىدىن توغرا يول ئىزدىسە ئاللاھ ئۇ كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ. ئۇ داغدام يول، كىشىلەرنىڭ خاھىشلىرى ئۇنى ھەقتىن چەتنىتىۋېتەلمەيدۇ، ئۇنى تىللار ئارىلاشتۇرۇپ قويمايدۇ، ئۆلىمالار قۇرئانغا تويمايدۇ، ئۇ كۆپ تەكرارلىنىش بىلەن كونىراپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ ئاجايىباتلىرى تۈگىمەيدۇ، كىمكى قۇرئان بىلەن سۆزلىسە راست سۆزلىگەن بولىدۇ، كىمكى قۇرئانغا ئەمەل قىلسا ساۋابقا ئېرىشىدۇ، كىمكى قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلسا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ، كىمكى قۇرئانغا چاقىرىق قىلسا توغرا يولغا ھىدايەت قىلىنىدۇ“دېدى(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىيامەت كۈنىگىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبەرلىكىگە ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان مۆجىزە(يەنى ئىنساننى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز قىلىدىغان، ئىنسان ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ قولىدا مەيدانغا چىقارغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىشى)، مۆمىنلەرنى توغرا يولغا باشلايدىغان، خۇش بېشارەت بېرىدىغان نۇرلۇق چىراغ قىلىپ نازىل قىلدى. «قۇرئان كەرىم» ساماۋى كىتابلارنىڭ تۈگەنچىسى، شەرىئەتنىڭ دەستۇرى، دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمىزغا يول كۆرسەتكۈچى نۇرلۇق چىراغ. «قۇرئان كەرىم» ئىلىم-ھېكمەت بۇلىقى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”ساڭا بىز كىتابنى(يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى(يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە)رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق“{سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 89-ئايەت}.
شۇنداق، بىزنىڭ قولىمىزدا «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت نۇرلۇق چىراغ بار، ئەمما نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتتە تۈرلۈك پىتنە-پاساتتىن خالىي بولالمايمىز؟ نېمە ئۈچۈن بىلىم ئۆگەنمەي نادانلىق پاتقىقىغا پېتىپ يۈرىۋېرىمىز؟ نېمە ئۈچۈن بالىلىرىمىز بىزگە ۋاپا قىلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىزدە ھۇرۇن، بىكار تەلەپلەر كۆپ؟ سەۋەبى، بىز قولىمىزدىكى نۇرلۇق چىراغنى تاشلىۋەتتۇق، ئۆگەنمىدۇق، بالىلىرىمىزغا ئۆگەتمىدۇق. ئەپسۇس، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئۆزى مۇسۇلمان تۇرۇپ «قۇرئان كەرىم» قانداق كىتاب؟ ئۇ نېمىگە چاقىرىق قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە مەزمۇن بار؟ دېيىلسە نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى ئۇقمايدۇ. بىز«قۇرئان كەرىم»نى ئۆلۈم-يېتىملەردە، نەزىر-چىراغلاردا ۋە بىر قىسىم مۇراسىملاردا ئوقۇلىدىغان مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەنلا چەكلەندۇق. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەقىقىي بەرىكىتىنىڭ قۇرئاندىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىش، قۇرئاننىڭ مەزمۇنىنى تەپەككۇر قىلىش، قۇرئان كۆرسەتكەن ئەقىدىگە ئېتىقاد قىلىش، قۇرئان تەشەببۇس قىلغان ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلىنىش، قۇرئاننىڭ مەزمۇنىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشتا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدۇق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر“{سۈرە«ساد»(38-سۈرە)، 29-ئايەت}.
بىزنىڭ ھالىمىز دەل دەريا بويىدا تۇرۇپ ئۇسسۇز قالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالدى. بىز «قۇرئان كەرىم»نى تاشلىۋېتىپ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزنى خارلىق، نادانلىق، ھۇرۇنلۇق، ئىختىلاپ، خۇراپاتلىق ئورۇۋالدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ” ’كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار(يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى كور قوپۇرىمىز‘. ئۇ: ’ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋەھالەنكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟‘ دەيدۇ. ئاللاھ ئېيتىدۇ: ’شۇنىڭدەك، ساڭا(روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن‘ “{سۈرە«تاھا»(20-سۈرە)، 124126-ئايەتلەر}.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى توغرا ئېيتقان: ”كىمكى تەكەببۇرلۇق قىلىپ قۇرئانغا ئەمەل قىلمىسا ياكى(ئۇنى) ئوقۇمىسا ئاللاھ ئۇ كىشىنى ھالاك قىلىدۇ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). بىز يامان ئاقىۋەتكە قالماسلىقىمىز ئۈچۈن قۇرئاننى ساھابى كىراملارغا ئوخشاش ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ساھابى كىراملارنىڭ «قۇرئان كەرىم»گە بولغان ھۆرمىتى ناھايىتى چوڭقۇر بولغاچقا، ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەقسىتىنى توغرا چۈشەنگەچكە قۇرئاننى ئوقۇش، قۇرئاندىكى بىلىمنى ئىگىلەش، قۇرئان مەزمۇنىنى تەپەككۇر قىلىش، قۇرئان كۆرسەتكەن يولدا مېڭىشتا ئىنتايىن تىرىشچان، ناھايىتى ئەمەلىيەتچان بولغان. شۇڭا ئۇلار ئاز ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئىلىم جەھەتتە ئۇستاز، ئادالەت جەھەتتە ئۈلگە بولۇپ ھەممە ئادەم باراۋەر، ئۆز ئارا ئىتتىپاق، راستچىل، خاتىرجەم، تىنچ، باياشات، مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت قۇرۇپ چىققان. ئەبۇ ئابدۇرەھمان سۇلەمى بۇ ھەقتە ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”بىزگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىدىغانلار(ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد قاتارلىقلار) ئۆزلىرىنىڭ قۇرئان ئۆگىنىش ئەھۋالىنى بايان قىلىپ: ‹بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قۇرئان ئۆگىنەتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەت ئۆگەنسەك، شۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلمىغۇچە ئىككىنچى ئايەتكە يۆتكەلمەيتتۇق. بىز قۇرئان ئوقۇشنى ۋە ئەمەل قىلىشنى بىللە ئۆگەنگەن› دېگەن“. ئاللاھ تائالا نۇرغۇن ئايەتلەردە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدىغان ناملارنى تىلغا ئالغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ“{سۈرە«ئىسرا»(17-سۈرە)، 9-ئايەت}؛ ”ئاللاھ شۇ كىتاب(يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى(ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى)غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى(كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن(ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ“{سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 16-ئايەت}؛ ”لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بىز بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز“{سۈرە«شۇرا»(42-سۈرە)، 52-ئايەت}؛ ”ئۇ(قۇرئان) ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك-شۈبھىگە) شىپادۇر“{سۈرە«فۇسسىلەت»(41-سۈرە)، 44-ئايەت}.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى قۇرئاندىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ. بىر ياخشىلىق ئۆزىگە ئوخشاش ئون ياخشىلىققا كۆپەيتىلىدۇ، مەن‹الم› (ئەلىف، لام، مىم)نى بىر ھەرپ دېمەيمەن، ‹ا›(ئەلىف) بىر ھەرپ، ‹ل›(لام) بىر ھەرپ، ‹م›(مىم) بىر ھەرپ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). «قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئىبادەت بولۇشى، مۆمىننىڭ ئىمانىنى زىيادە قىلىشى، مۆمىننى ئەجىرگە ئېرىشتۈرۈشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەندەك شەك كەلتۈرگىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت. بىراق بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇ كىشىدە ئىخلاس بولۇشى، ئەمەل بولۇشى ۋە ئۇ كىشى ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ تەپەككۇر قىلىشى كېرەك. ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىپ قۇرئاننى يادقا ئالسا، قۇرئاندىكى ھالالنى ھالال دەپ، ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، (ئۇ كىشىنىڭ) دوزاخقا مەھكۇم بولغان ئون تۇغقىنىنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن شاپائەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ“(تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). مۇئاز ئىبنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىپ، قۇرئان بىلەن ئۆزىنى تولۇقلىسا، قۇرئانغا ئەمەل قىلسا ئۇ كىشىنىڭ ئاتىسىغا قىيامەت كۈنىدە كۈننىڭ نۇرىدىنمۇ نۇرانە تاج كەيدۈرۈلىدۇ. قۇرئانغا ئەمەل قىلغان كىشىگە نېمىنى گۇمان قىلىسىلەر؟“(ئەبۇ داۋۇد، ئىمام ئەھمەد، ھاكىم رىۋايەت قىلغان). «قۇرئان كەرىم» ئىنسان تەبىئىتىگە ماس كېلىدىغان شەرىئەتكە يېتەكلەيدۇ، ئەڭ توغرا ئېتىقاد بىلەن ئېتىقادلاندۇرۇپ پايدىلىق ئىبادەتلەرگە چاقىرىدۇ، گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ توغرا مۇناسىۋەت يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئىنساننىڭ روھى ۋە ماددىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن نېمەتلىرىدىن توغرا پايدىلىنىپ ھۇزۇرلىنىشقا ئۈندەيدۇ، زېمىننى گۈللەندۈرۈپ، ئاۋاتلاشتۇرۇپ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىپ، ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالا مۇتتەقى(تەقۋادار) بەندىلىرىگە تەييارلاپ قويغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئىزچىل ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. دېمەك، بىزگە ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەر مەسەللىك كىتابنى ئاتا قىلغانلىقىغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىشىمىز، بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشىمىز، ئۇنى ھەقىقىي ھۆرمەتلىشىمىز، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىز ۋە ئۇنى تەرك ئەتمەسلىكىمىز كېرەك. بىزگە ئىسلامدىن ئىبارەت نېمەت ئاتا قىلغان ئاللاھ تائالاغا سان-ساناقسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن! بىزگە ئىماندىن ئىبارەت نېمەت ئاتا قىلغان ئاللاھ تائالاغا سان-ساناقسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن! بىزگە قۇرئاندىن ئىبارەت نېمەت ئاتا قىلغان ئاللاھ تائالاغا سان-ساناقسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن!
(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2004-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)
يەنە >>سۈرەتلەر