باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم»دىكى سۈرىلەر ئۇزۇن سۈرە، ئوتتۇرانچە سۈرە ۋە قىسقا سۈرە دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ،ئۇلار قايسىلار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-12-10   
قۇرئاندىكى ئۇزۇن سۈرىلەر سۈرە”بەقەرە“(2-سۈرە)، سۈرە”ئال ئىمران“(3-سۈرە)، سۈرە ”نىسا“ (4-سۈرە)، سۈرە”مائىدە“(5-سۈرە)، سۈرە”ئەنئام“(6-سۈرە)، سۈرە”ئەئراف“(7-سۈرە)، سۈرە ”ئەنفال“(8-سۈرە)، سۈرە”تەۋبە“(9-سۈرە) ھەمدە سۈرە ”يۇنۇس“(10-سۈرە) دېگەن سۈرىلەردۇر.
ئوتتۇرانچە سۈرىلەردىن 39 سۈرە بولۇپ، بۇ سۈرىلەر تەرتىپ بويىچە سۈرە”ھۇد“(11-سۈرە)دىن باشلىنىپ، سۈرە”ھۇجۇرات“(49-سۈرە)دە ئاياغلىشىدۇ.
قۇرئاندىكى قىسقا سۈرىلەر ئۈچ خىل، ئۇلار: ئۇزۇنراق قىسقا سۈرە، ئوتتۇرانچە قىسقا سۈرە ۋە قىسقا سۈرىلەردىن ئىبارەت. ئۇزۇنراق قىسقا سۈرە ـــ سۈرە”قاف“(50-سۈرە)دىن سۈرە”مۇرسەلات“(77-سۈرە)گىچە؛ ئوتتۇرانچە قىسقا سۈرە ـــ سۈرە”نەبەئ“(78-سۈرە)دىن سۈرە”لەيل“(92-سۈرە)گىچە؛ قىسقا سۈرىلەر بولسا سۈرە”زۇھا“(93-سۈرە)دىن باشلىنىپ، سۈرە”ناس“(114-سۈرە)دە ئاياغلىشىدۇ.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر