باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم»دىن تۇنجى نازىل قىلىنغان ئايەت بىلەن ئەڭ ئاخىرقى نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى بىلىۋېلىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-26   
1) بۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ ساھابى كىراملارنىڭ قۇرئاننى ساقلاشقا ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشكە نەقەدەر كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. ساھابە كىراملار ھەربىر ئايەتنىڭ قاچان، قايسى يەردە، كىمگە ياكى نېمىگە قارىتىلىپ نازىل قىلىنغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى. مەسىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەسەم قىلىپ ئېيتقانكى: ”ئاللاھتىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوق، مەن ئاللاھنىڭ كالامىدىكى ھەربىر سۈرىنىڭ نەدە، نېمىگە مەقسەت قىلىنىپ نازىل قىلىنغانلىقىنى ئېنىق بىلىمەن، ناۋادا بىر ئادەم ئاللاھنىڭ كالامىنى مەندىن ئارتۇق بىلىدىغان بولسا، مەن مۇقەررەركى، تۆگىگە مىنىپ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ سورىغان بولاتتىم“.
2) قۇرئاننىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۇرغۇزۇشتىكى ھېكمەتلىرىنى بىلىۋېلىشقا پايدىلىق. «قۇرئان كەرىم» سۈرە-ئايەتلىرى ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن ئادەمنىڭ دىلىنى پاكلايدۇ، ئەقىل-ئىدراك يولى بىلەن بەندىنى مۇسۇلمانى كامىل قىلىدۇ، ئۇ بەندىنى تەدرىجىي يۈكسىلىشكە يېتەكلەيدىغان شەرئىي ھۆكۈملەردىن ئىبارەت.
3) ناسىخ ۋە مەنسۇخ ئايەتلەرنى بىلىۋېلىشقا پايدىلىق. مەسىلەن، ئوخشاش بىر مەسىلىگە قارىتىلغان ئىككى ئايەتكە بىرلا ۋاقىتتا ئەمەل قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنداقتا، كېيىن نازىل بولغان ئايەت ئاۋۋال نازىل بولغان ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
يەنە >>سۈرەتلەر