ئىسلام ئۆلىمالىرى ئارىسىدىكى نوپۇزلۇق قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، «قۇرئان كەرىم»دىن تۇنجى بولۇپ نازىل قىلىنغان ئايەت سۈرە”ئەلەق“نىڭ بېشىدىكى بەش ئايەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن(خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى﴾{سۈرە”ئەلەق“(96-سۈرە)، 1—5-ئايەتلەر}.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)