باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم» نېمە ئۈچۈن 23 يىلدا پارچە-پارچە ھالدا نازىل قىلىنىپ، بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنمىغان؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-20   
ئەگەر قۇرئان بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنىپ، 23 يىل جەريانىدا پارچە-پارچە نازىل قىلىنمىغان بولسا، كىشىلەر بەلكىم ”قۇرئان نېمىشقا پارچە-پارچە نازىل بولماي، بىراقلا نازىل بولغان بولغىيدى؟“ دېيىشى مۇمكىن. دېمەك، مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزى ئاللاھتىن كەلگەن بارلىق ھەقىقەتكە كامالىي ئىمان بىلەن مەھكەم يېپىشىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئادەم مەڭگۈ تۈگىمەس گۇماندىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. مەسىلەن، نامازنىڭ ۋاقىتلىرى، قېتىم سانى، ناماز رەكئەتلىرى، رامىزان روزىسىنىڭ ۋاقتى ۋە كۈنلىرى قاتارلىق پەرز ئەمەل-ئىبادەتلەر بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرگە قارىتا بىزنىڭ مەيدانىمىز شۇكى، بۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى-پەرمانىدۇر، شۇڭا ئۇنى ھەقىقىي رەۋىشتە قوبۇل قىلىشىمىز لازىم، ئاللاھنىڭ ئەمرى-پەرمانى بەرھەقىقەت نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇندىن باشقا، بىز ئاللاھنىڭ بىزگە ئىنئام قىلغان ئەقىل-ئىدراك بىلەن بۇ ھېكمەتلەرنىڭ بەزىسىنى تەھلىل-تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
قۇرئاننىڭ 23 يىل جاريانىدا پارچە-پارچە نازىل قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتى تۆۋەندىكىچە:
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ۋەھيى بىلەن نازىل قىلغان، ھەم ئەرەبلەرگە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمدىن ئىبارەت سادىق، ئىشەنچلىك، ئەرەب خەلقىنىڭ چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىگە نائىل بولغان بىر زاتنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن، بۇنىڭدىن مەقسەت، بۇ ئىلاھىي كىتاب ئارقىلىق ئىنسانلارنى بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇش يولىغا ۋە يورۇقلۇققا باشلاشتىن ئىبارەت. ئەمما، ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەر جاھالەتنىڭ زۇلمىتىدە ياشاۋاتقانىدى؛ كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلاتتى، قىز بالىلارنى تىرىك كۆمۈۋېتەتتى، ئەخلاق زور دەرىجىدە بۇزۇلغانىدى، جەمئىيەتتە ئېغىر چۈشكۈنلۈك يامراپ كەتكەنىدى. كىشىلەرنى ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەت بىلەن تەربىيەلەش، ئۇلارنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشتىن ئاۋۋال، ئۇلارنىڭ يامان ئادەتلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى، بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا بۇ ئىشلارنى ھەل قىلغىلى بولمايتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن بەجانىدىللىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلەتتى. ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى ئىللەتلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ يامان ئىللەت ئىكەنلىكى كۆڭۈلگە ئايان، ئەمما ئۇنى ئۆزگەرتىش تەسكە توختايدۇ. مەسىلەن، تاماكا چەككۈچىلەر تاماكىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيىنى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى تاشلىمايدۇ، بىر تال تاماكىدىكى نىكۇتىننىڭ مىقدارى بىر كىشىنىڭ بەش مىنۇتلۇق ئۆمرىنىڭ قىسقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ؛ تاماكا ئۆپكىگە، قىزىلئۆڭگەچكە زىيان يەتكۈزىدۇ، راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇ بىر تۈرلۈك ئاستا خاراكتېرلىك، ئۆزىنى ئۆزى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشتۇر. ئەمما يەنىلا ئاز ساندىكىلەر تاماكىنى تاشلىيالايدۇ. شۇڭا، 23 يىل ۋاقىت ئىچىدە قالاقلىق پاتقىقىدا ياشاۋاتقان بىر مىللەتنى ئۆزگەرتىش، ئەجەبا ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋۇجۇدىدا بەرپا قىلغان بۈيۈك مۆجىزىسى ھېسابلانمامدۇ؟ بۇـ ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك مۆجىزىدۇر.
ئەگەر بىز بۇ مەسىلىنى توغرا رەۋىشتە چۈشەنسەك، قۇرئاندىكى بۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان مەسىلىلەرنىمۇ ئاسانلا ھەل قىلالايمىز. مەسىلەن، قۇرئاندا ھاراقنى چەكلەش مەسىلىسى ئۈچ باسقۇچ بىلەن، قىز بوۋاقلارنى تىرىك كۆمۈۋېتىش مەسىلىسى ئىككى باسقۇچ بىلەن ئاخىرى تۈپتىن ھارام قىلىنىپ شەرئىي ھۆكۈم بېكىتىلگەن.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
يەنە >>سۈرەتلەر