باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم» قاچاندىن باشلاپ نازىل بولۇشقا باشلىغان؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-17   
«قۇرئان كەرىم» رامىزاننىڭ شەبى قەدرى كېچىسىدە نازىل بولۇشقا باشلىغان. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر﴾ {سۈرە”بەقەرە“(2-سۈرە)، 185-ئايەت}. ﴿بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق﴾{سۈرە”قەدر“(97-سۈرە)، 1-ئايەت}. ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمەنىڭ نۇر تېغىدىكى ھىرا غارىدا ئىستىقامەت قىلاتتى، پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ”ئوقۇ“ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ” ’مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن‘ دېدىم، شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە(جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) مېنى تۇتۇپ قاتتىق سىقىپ قويۇۋېتىپ: ’ئوقۇ‘ دېدى، مەن: ’ئوقۇشنى بىلمەيمەن‘ دېدىم، ئۇ مېنى ئىككىنچى قېتىم تۇتۇپ، قاتتىق سىقىپ قويۇۋېتىپ:’ئوقۇ‘ دېدى، مەن: ’ئوقۇشنى بىلمەيمەن‘ دېدىم، ئۇ مېنى ئۈچىنچى قېتىم يەنە تۇتۇپ قاتتىق سىقىپ قويۇۋەتكەندىن كېيىن: ﴿ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى﴾دېگەن ئايەتى كەرىمنى ئوقۇدى{سۈرە”ئەلەق“(96-سۈرە)، 1—5-ئايەتلەر}(«فەتھۇل بارى»).
 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر