باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم»نىڭ مەزمۇنى قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-15   
«قۇرئان كەرىم»نىڭ مەزمۇنى ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
1) ئەقىدە-ئىمان
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 23يىللىق ئىسلام دەۋىتىنىڭ دەسلەپكى 13يىلىنى ئىمان نۇرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، ئۇ زات كىشىلەرنىڭ مۇشرىكلىق ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى تەۋھىد-ۋەھدانىيەت يولى، يەنى ئاللاھنىڭ بەرھەق بىرلىكىگە شاھادەت ئېيتىش يولىغا دەۋەت قىلغان، بۇ يەنە كېلىپ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇتقان يولى ۋە رىسالىسى ئىدى. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: ”مەندىن باشقا مەبۇد(بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار“ دەپ ۋەھيى قىلدۇق﴾{سۈرە ”ئەنبىيا“(21-سۈرە)، 25-ئايەت}. دېمەك، ئەقىدە-ئىمان مەزمۇنىدا ھېچقانداق ئەقىل-ئىدراكنىڭ دەخلى قىلىشى رۇخسەت قىلىنمايدۇ، بۇ جەھەتتە قۇرئان ۋە ھەدىس بىلىملىرى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ئەقىدە-ئىماندا ئاساسلىقى ئالتە ئىمان، يەنى ئاللاھقا، پەرىشتىلەرگە، ئىلاھىي كىتابلارغا، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۇئمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) ”ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز(يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)“دەيدۇ. ئۇلار: ”بىز(دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر“ دەيدۇ﴾{سۈرە”بەقەرە“(2-سۈرە)، 285-ئايەت}. ئاخىرەت(قىيامەت كۈنى)گە ئىمان كەلتۈرۈش:﴿ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا، سەندىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ﴾{سۈرە”بەقەرە“(2-سۈرە)، 4-ئايەت}. ھەممە ئىشنىڭ ئاللاھنىڭ قازا-قەدەرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇيئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى﴾{سۈرە ”تەلاق“ (65-سۈرە)، 3-ئايەت}؛ ﴿ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر﴾{سۈرە”رەئد“( 13-سۈرە)، 8-ئايەت}. ئۇندىن باشقا يەنە قۇرئاننىڭ 3-سۈرىسى، 145-، 154-ئايەتلىرى؛ 6-سۈرىسى، 2-، 35-، 57-، 96-ئايەتلىرى؛ 7-سۈرىسى، 34-ئايەت؛ 9-سۈرىسى، 51-ئايەت؛ 10-سۈرىسى، 3-، 49-، 59-، 100-ئايەتلىرىدىمۇ ئاللاھنىڭ قازا-قەدەرىگە ئائىت ئايەتلەر زىكرى قىلىنغان.
2) ئەمەل-ئىبادەت
ئەمەل-ئىبادەت بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتىدۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بەندىگە بەش ئەمەل-ئىبادەتنى پەرز قىلىپ بېكىتكەن، ئۇلار: كەلىمە شاھادەت ئېيتىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش ۋە ھەج تاۋاپ قىلىشتىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد(بەرھەق) يوقتۇر﴾{سۈرە ”مۇھەممەد“ (47-سۈرە)، 19-ئايەت}؛ ﴿مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر﴾{سۈرە ”ئال ئىمران“ (3-سۈرە)، 144-ئايەت}؛ ﴿نامازنى(پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن) مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى﴾{سۈرە”نىسا“(4-سۈرە)، 103-ئايەت}؛ ﴿ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە(يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ(رامىزان روزىسى)پەرز قىلىندى﴾{سۈرە ”بەقەرە“ (2-سۈرە)، 183-ئايەت}؛ ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن﴾{سۈرە”تەۋبە“(9-سۈرە)، 103-ئايەت}؛ ﴿قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەئبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى﴾{سۈرە”ئال ئىمران“(3-سۈرە)، 97-ئايەت}. دېمەك، بەندە بۇ پەرز ئىبادەتلەر بىلەن ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىدۇ، ئاللاھقا يېقىنلىشىدۇ ۋە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
3) ئەخلاق-پەزىلەت
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ ئېيتىدۇركى: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾{سۈرە”قەلەم“(68-سۈرە)، 4-ئايەت}. گۈزەل ئەخلاقنى تەرغىب قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرىدۇر، بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: ”مەن بارلىق گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم“. ” ئاراڭلاردىكى ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئەخلاقتا ئەڭ ياخشى بولغانلىرىدۇر “(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). قۇرئاندا ئەخلاق-پەزىلەت توغرىسىدىكى ئايەتلەر ناھايىتى كۆپ زىكرى قىلىنغان.
4) كىشىلىك مۇناسىۋەت
كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن ئائىلە ۋە ئادەم بىلەن جەمئىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
5) ئىقتىسادىي مۇئامىلە، سانائەت، دېھقانچىلىق، سىياسەت، قانۇن-نىزام.
6) مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، تارىخ ۋە قىسسىلەر.
7) ئىسلام مەدەنىيىتى تەشەببۇسلىرى.
8) ناسارا دىنى، يەھۇدىي دىنى، ئاتەشپەرەسلىك ۋە بۇتپەرەسلىك توغرىسىدىكى بايانلار.
9) تارىخىي ئۇرۇشلار.
 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر