باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم»نىڭ قانچە مۇبارەك ئىسمى بار؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-13   
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئىسىمنى زىكرى قىلغان:
1) «قۇرئان كەرىم». ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ﴾ {سۈرە ”بەنى ئىسرائىل“ (17-سۈرە)، 9-ئايەت}.
2) كىتاب. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿سىلەرنىڭ شان-شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى(يەنى قۇرئاننى) سىلەرگە ھەقىقەتەن نازىل قىلىپ بەردۇق. (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟﴾ {سۈرە ”ئەنبىيا“ (21-سۈرە)، 10-ئايەت}.
3) فۇرقان. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿پۈتۈن جاھان ئەھلىنى(ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، بەندىسىگە(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر﴾ {سۈرە ”فۇرقان“ (25-سۈرە)، 1-ئايەت}.
4)زىكىر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز﴾ {سۈرە ”ھىجر“ (15-سۈرە)، 9-ئايەت}.
5)تەنزىيل. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر﴾{سۈرە ”شۇئەرا“ (26-سۈرە)، 192-ئايەت}.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
يەنە >>سۈرەتلەر