باش بەت > دىن ۋە ھايات > قۇرئان كەرىم

«قۇرئان كەرىم» قانداق مۇقەددەس كىتاب؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-11-06   
 
«قۇرئان كەرىم» جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق پاساھەتلىك ئەرەب تىلىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە دەۋەت ئېلىپ بارغان 23 يىل جەريانىدا ۋەھيى قىلىپ چۈشۈرۈلگەن كالامۇللاھ(ئاللاھنىڭ كالامى)دۇر. قۇرئان ئىنسانلارنى زالالەتتىن ھىدايەتكە، مۇشرىكلىقتىن بەرھەق بىر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە يېتەكلەيدىغان مۇقەددەس كىتاب. «قۇرئان كەرىم»دە جەمئىي 114 سۈرە بار بولۇپ، ئۇ سۈرە ”فاتىھە“دىن باشلىنىپ، سۈرە” ناس“ بىلەن تاماملىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ مۇقەددەس كىتابنى ئۆز دەرگاھىدا قوغدايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ ئېيتىدۇركى: ﴿ قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز ﴾{سۈرە”ھىجر“(15-سۈرە)، 9-ئايەت}. شۇڭا، قۇرئان ھەرقانداق دەۋردە ئۆز ھەقىقىتىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئۆزگەرتىلمەيدۇ.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)
 
 
يەنە >>سۈرەتلەر