مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

روزىنىڭ لۇغەت مەنىسى نېمە؟ شەرىئەتتىكى ئىستېمال مەنىسىچۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
ج: ”روزا“ كەلىمەسى ئەسلى پارس تىلىدىن ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن سۆز بولۇپ، لۇغەتتە ”كۈن“ دېگەن مەنىدە، شەرىئەتتە ھەر يىلى ھىجرىيەنىڭ 9-ئېيى(رامىزان ئېيى)دا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى سۈبھى تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر يېمەك-ئىچمەك، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى ئىمساك قىلىش(تۇتۇۋېلىش)نى كۆرسىتىدۇ. ئەرەب تىلىدا بولسا ”صوم“ (سەۋم) دېيىلىدۇ، بۇنىڭ مەنىسىمۇ ”تۇتماق“ ياكى ”ئۆزىنى بىر كۈن روزىنى بۇزۇپ قويىدىغان بارلىق ئىشلاردىن تۇتماق“دېگەن مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ.
يەنە >>سۈرەتلەر