ج: روزا تۇتۇش قەدىمكى ئىبادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇندىن بۇرۇن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن دۇنياغا كەلگەن ھەممە دىنلاردا مۇقەددەس ئىبادەتلەر قاتارىدا سانىلىپ كەلگەن بىر خىل دىنىي تۈزۈم. بۇ دىنلارغا ئۆز ۋاقتىدا ئېتىقاد قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل دىنىي بەلگىلىمىلىرى بويىچە ۋاقىت ياكى شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش بولمىغان ھالدا روزا تۇتۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كەلگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدا 40 كۈن روزا تۇتقان، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرى بىلەن بىرگە روزا تۇتقانلىقى رىۋايەت قىلىنغان، ھەمدە ئۇلار بۇ روزا تۇتۇش بەلگىلىمىسىنى ئەڭ مۇھىم مۇقەددەس ئىبادەتلەر قاتارىغا قويغان. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ ئوچۇق بايان قىلىنغان: ”ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە(يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ(رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 183-ئايەت}.