ج: روزا دىنىمىزنىڭ ئاساسلىرىدىن ۋە ئىسلام ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان پەرزلەردىن بىرى. روزا كىشىلىك تۇرمۇشتىكى يېيىش، ئىچىش، جىنسىي تۇرمۇش تەرەپلەردىن مۇئمىنلەرگە قويۇلغان بىر خىل چەكلىمە بولۇپلا قالماستىن، گويا بىر مەكتەپ بولۇپ، مۇئمىن ئۇنىڭدا گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي نەزەرىيەلەر، ئىلمىي ھېكمەتلەر يوشۇرۇنغان.
1) روزا تۇتۇش مەنىۋى جەھەتتىن مۇئمىننىڭ روھىنى تەربىيەلەپ، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ساپ قەلب، ساپ ۋىجدان، ھەقىقىي تەقۋادارلىق روھىنى ئاتا قىلىدۇ. گېرمانىيەلىك يازغۇچى گھارت «ئىرادىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسىي ئامىلى روزا» دېگەن كىتابىدىمۇ: ” روھنىڭ بەدەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئۆتكۈر ۋاسىتە روزىدۇر. ئۇ ھالدا ئادەم ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان، ماددىي راھەتكە بېرىلىپ كەتمىگەن ھالدا ياشىيالايدۇ“ دەپ يازغان(«روھى دىينۇل ئىسلام»).
2) مۇئمىن ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا نائىل بولۇپ، چەكسىز ساۋابقا ئېرىشىدۇ.
3) ئىنسان روزا ئارقىلىق كەمبەغەل-مىسكىنلەرنىڭ ئاچلىق، موھتاجلىقىنى بىۋاسىتە بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ”بارنىڭ قەدرىنى يوق بىلەر“دېگەندەك، قورساق ئاچقاندا نېمەتنىڭ قەدرىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىپ، يوقسۇللارنىڭ ھالىنى ئەسكە ئالىدۇ-دە، بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇقنىڭ تەمىنى تېتىپ، كۆڭلى يۇمشايدۇ. باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، خەير-ئېھسان قىلىدۇ، بېخىللىق قىلمايدۇ.
4) روزىدار كىشى ئۆزىدە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تەڭ-باراۋەر، ئورتاق ياشاشقا بولغان كۆزقاراشلىرىنى توغرىلاپ، شەخسىي مەنپەئەتچىلىكتىن ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي جەھەتتە، جەمئىيەت ئەزالىرى ئادىللىق، باراۋەرلىك، ئۆزئارا مېھرىبانلىققا ئادەتلىنىدۇ. جەمئىيەت يامانلىق، بۇزۇقچىلىقلاردىن خالاس بولىدۇ.
5) روزىدار كىشى تۇرمۇشتا ئىنسانلارغا يېتىدىغان بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارنى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ يېتىپ، ئۆزىدە سەۋرچان، چىدامچان، غەيرەتلىك بولۇشتەك ئېسىل خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.
6) روزا تۇتۇش ئىنسانلىق تەبىئەت ۋە ئادەتنىڭ بېسىمىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. مىجەز ۋە ئادەتنىڭ بېسىمى بىر قىسىم كىشىلەرنى نەپسىگە قۇل بولۇش دەرىجىسىگە يەتكۈزمەكتە. بەزى كىشىلەر تاماق يېيىش ۋاقتى ئۆتۈپ، قورسىقى ئېچىپ كەتسە، مىجەزى ئوساللىشىپ، خۇيلىنىپ، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن ئۇرۇشىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر تاماكا قاتارلىق كەيپلىك نەرسىلەرنىڭ بېسىمىغا تائامنىڭ بېسىمىدىن بەكرەك ئۇچرايدۇ، بىنورمال ھالدا ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولالمايدۇ. ئۇلار ماھىيەتتە خۇي-پەيل ئادىتىگە قۇل بولۇپ قالغانلاردۇر. لېكىن روزا تۇتۇپ كۆنگەن ئادەملەر بۇ ئادەتلىرىنى ئالىي غايىگە بويسۇندۇرىدۇ.
7) روزا كىشىلەرنىڭ يامان نەپسىنى تىزگىنلەپ، گۇناھى مەئسىيەتنىڭ باش ئامىلى بولغان شەھۋەتنى پەسەيتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئى ياشلار جامائەسى! سىلەردىن توي قىلىشقا قادىر بولالىغىنىڭلار توي قىلسۇن! توي قىلىش كۆزنى ۋە جىنسىي ئەزانى ھارامدىن ساقلاپ قالىدۇ. توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن! روزا تۇتۇش ئۇنىڭ ھەۋىسىنى پەسەيتىدۇ“ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
8) روزا تۇتۇش ئىنسانغا ئامانەتنى قانداق مۇھاپىزەت قىلىشنى تەلىم بېرىدۇ. ئۆز ساھىبىغا ھەر ۋاقىت، ھەممە يەردە ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.
9) روزا تۇتۇش ساغلاملىقنى ئاشۇرۇپ، بەدەندىكى ئوشۇق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. ھەزىم سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشىلايدۇ. ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قورساقتا ماي تولۇشنى يەڭگىللەشتۈرىدۇ. روزىنىڭ كىشىنى نورمال ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق سېمىزلىك ۋە باشقا تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن ساقلاشتەك پايدىسى دەل ھازىرقى تېببىي ئىلىمدا تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پىرىنسىپىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”روزا تۇتۇڭلار، ساغلام بولىسىلەر“ (ئىبنى سۈننىي، ئەبۇ نۇئەيم رىۋايەت قىلغان).