مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

روزا تۇتۇش قاچان پەرز قىلىنغان؟ شەرئىلىشىشنىڭ دەلىلى نېمە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
 
ج: ھىجرىيەنىڭ 2-يىلى، يەنى مىلادىيە 624-يىلى شەئبان ئېيىدا ئاللاھ تائالا ئىسلام دىنىدىكىلەرگە رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى. روزا تۇتۇش تۆۋەندىكى ئايەت كەرىملەر بىلەن شەرئىلەشكەن. ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە قۇرئان كەرىمدە مۇئمىنلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە(يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ(رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 183-ئايەت}.
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە(يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 185-ئايەت}.
يەنە >>سۈرەتلەر