مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى قانداق؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
ج: رامىزان ئېيى ئايلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ ھۆرمەتلىك ئاي. ياخشىلىق ۋە بەرىكەتكە تولغان ئاي، چۈنكى قۇرئان كەرىم رامىزان ئېيىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان. بىر كېچىلىك ئىبادىتى مىڭ ئايلىق ئىبادەتتىن ئارتۇق سانالغان قەدرى كېچىسىمۇ رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كېچىسى ئىچىدىكى بىر كېچە.
سالمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”رەسۇلۇللاھ شەئباننىڭ ئاخىرقى كۈنى بىزگە رامىزان ئېيىنىڭ پەزلى توغرىسىدا تەلىم بېرىپ: ‘ئى مۇسۇلمانلار جامائىتى! سىلەرگە مۇبارەك، ئۇلۇغ بىر ئاي يېتىپ كەلدى. ئۇ شۇنداق ئايكى، ئۇنىڭدىكى شەبى قەدرى كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر. ئاللاھ بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرز، كېچىلىرىنى بىدار ئۆتكۈزۈشنى غەنىيمەت قىلدى، كىمكى بۇ ئايدا ياخشىلىق ئەمەللىرىدىن بىر ئەمەلنى قىلسا، باشقا ئايلاردا بىر پەرزنى ئادا قىلغاننىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ. كىمكى بۇ ئايدا بىر پەرزنى ئادا قىلسا، باشقا ئايلاردا يەتمىش پەرز ئادا قىلغاننىڭ ئەجرى بولىدۇ. بۇ ئاي سەۋرنىڭ ئېيى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر. بۇ ئاي ئۆزئارا ياردەم ئېيى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ رىزقى زىيادە قىلىنىدۇ. كىمكى بۇ ئايدا بىر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرسا، گۇناھلىرى ئۆچۈرۈلۈپ، دوزاختىن ئازاد قىلىنىدۇ. روزا تۇتقۇچىغا ئوخشاش ئەجىر يېزىلىدۇ’ دېدى. ساھابىلەر: ‘ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەممىمىز ئىپتار قىلدۇرغىدەك نەرسىنى تېپىپ بولالمايمىز’ دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: ‘ئاللاھ بۇ ساۋابنى بىر يۇتۇم سۈت ياكى سۇ، ياكى بىر تال خورما بىلەن ئىپتار قىلدۇرغان كىشى ئۈچۈنمۇ ئاتا قىلىدۇ، كىمكى بىر روزىدارغا سۇ بەرسە، ئاللاھ ئۇ كىشىنى مېنىڭ كۆلۈمدىن جەننەتكە كىرگەنگە قەدەر ئۇسسىمايدىغان شاراب بىلەن سۇغۇرىدۇ. بۇ شۇنداق بىر ئايكى، ئاۋۋىلى رەھمەت، ئوتتۇرىسى مەغپىرەت، ئاخىرقىسى دوزاختىن ئازاد بولۇشتۇر. شۇڭا بۇ ئايدا تۆت تۈرلۈك ئەمەلنى كۆپ قىلىڭلار، ئىككىسى بىلەن رەببىڭلارنى رازى قىلىسىلەر، يەنە ئىككىسىدىن قەتئىي بىھاجەت بولالمايسىلەر. ئەمما رەببىڭلارنى رازى قىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئەمەل بولسا بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىشىڭلار ۋە ئاللاھتىنلا گۇناھىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى تەلەپ قىلىشىڭلار. ئەمما سىلەر بىھاجەت بولالمايدىغان ئىككى ئەمەل بولسا ئاللاھتىن جەننەتنى سوراپ، دوزاختىن پاناھ تىلىشىڭلار’ “ (بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: ”بەش ۋاخ نامازلار، جۈمە يەنە بىرجۈمەگىچە، رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە ئارىسىدىكى گۇناھلار ئۈچۈن كاپپارەتتۇر. رامىزان ئېيى كەلسە جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ؛ شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنىدۇ. بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە ئاللاھنى ئەسلىگۈچىنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئارزۇ-تىلەكلىرىنى سورىغۇچى نائۈمىدتە قالمايدۇ. ئەگەر بەندىلەر رامىزاندىكى سىر-ھېكمەتلەرنى بىلسە ئىدى، مېنىڭ ئۈممىتىم يىللارنىڭ ھەممىسىنىڭ رامىزان بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولاتتى“.
يەنە >>سۈرەتلەر