مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

روزا پەرز بولغان كىشىلەر روزا تۇتۇشتا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
ج: 1) تەن ساغلاملىقى نورمال، روزا تۇتسا تەن سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان بولۇشى كېرەك. شۇڭا روزا تۇتماقچى بولغان كىشى ئاغرىق بولۇپ، روزا تۇتسا كېسىلى ئېغىرلاپ كېتىشتىن ياكى كېچىكىپ ساقىيىشىدىن، باشقا بىر كېسەلگە ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسە بۇ كىشى روزا تۇتۇشنى قالدۇرۇپ ساقايغاندىن كېيىن قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋالسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”(بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ(روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى(يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 184-ئايەت}.
2) ھەيز، نىپاستىن ئۈزۈلۈشى شەرت. ئىمام بۇخارى ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ”ھەيزدار ئايال ناماز ئوقۇيالمايدۇ ۋە روزا تۇتالمايدۇ“ دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرگەن. ئەگەر ئايال كىشى روزىدار ھالىتىدە ھەيز كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. لېكىن رامىزاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، شۇ كۈننىڭ ئىپتار ۋاقتىغىچە بىر نەرسە يېمىگىنى ئەۋزەل بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئەھۋاللارغا يولۇققان ئاياللار روزىسىنى قالدۇرۇپ، ھەيزدىن پاكلانغاندا ياكى نىپاسلىق مۇددىتى توشقاندا، روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋالىدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام مۇسلىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرگەن: ”بىز ھەيز كۆرۈپ قالاتتۇق، ئاندىن پاك بولغاندا روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق، نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلمايتتۇق“.
3) ئۆز يۇرتىدا مۇقىم بولۇشى شەرت. شۇڭا مۇساپىرغا روزا تۇتۇش پەرز ئەمەس، يەنى بىر كىشى شەرىئەت يولغا قويغان دائىرە ئىچىدىكى مەلۇم بىر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن ياكى تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن 15 كۈنلۈك ياكى ئۇنىڭدىن ئاز مۇددەتلىك سەپەرگە چىقىپ، 89 كىلومېتىردىن ئوشۇقراق مۇساپىنى باسقان بولسا، بۇ ئادەم مۇساپىر ھېسابلىنىپ، روزىسىنى قالدۇرۇپ، كېيىن يۇرتقا بارغاندا قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋالسا بولىدۇ. ئەگەر بۇ كىشىنىڭ شارائىتى ياخشى بولۇپ، يول ئۈستىدە ياكى بارغان جايىدا روزا تۇتۇشقا توسقۇنلۇق قىلغۇدەك بىرەر ئەھۋال بولمىسا، بۇ كىشىنىڭ روزا تۇتقىنى ياخشىراق.
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن رامىزان ئېيىدا ئۇرۇشقا چىقاتتۇق. بىزنىڭ ئىچىمىزدە روزا تۇتقانلارمۇ، تۇتمىغانلارمۇ بار ئىدى. روزا تۇتقانلار تۇتمىغانلارنى يامان كۆرمەيتتى، تۇتمىغانلارمۇ تۇتقانلارنى يامان كۆرمەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كۈچى بارلار روزا تۇتسا ياخشى، ئاجىزلار تۇتمىسا ياخشى دەپ قارايتتى“ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).【ئەسكەرتىش: رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە مۇساپىر يۇرتىغا كېلىپ مۇقىم بولسا رامىزان ئېيىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ئىپتار قىلغانغا قەدەر يېمەك-ئىچمەك، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى ئىمساك قىلىشى ئەۋزەل.】
يەنە >>سۈرەتلەر