مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

رامىزان روزىسىنى تۇتۇشنىڭ شەرىئىتىمىزدىكى ھۆكمى نېمە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
 
 
ج: رامىزان ئېيىنىڭ روزىسى بارلىق بالاغەتكە يەتكەن ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارغا پەرز. ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە(يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ(رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى“{سۈرە «بەقەرە»(2-سۈرە)، 185-ئايەت}.
ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئىسلام دىنى بەش نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۇ بولسا: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى دەپ كەلىمە شاھادەت ئېيتىشتىن، پەرز نامازلارنى ئادا قىلىشتىن، زاكات بېرىشتىن، ھەج قىلىشتىن، رامىزان روزىسى تۇتۇشتىن ئىبارەت“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
يەنە >>سۈرەتلەر