مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

روزا تۇتۇش قانداق پەزىلەتكە ئىگە؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
 
 
ج: روزا ـ روزا تۇتقۇچىلارنى دۇنيادا ئېزىپ كېتىشتىن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن ساقلايدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا كاتتا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ ئېيتىدۇكى: ‘ئادەم بالىسىنىڭ ھەرقانداق ئەمەلىدىن ئۇنىڭ(كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇش، ئابرۇيغا ئېرىشىش قاتارلىق دۇنيادا قولغا كەلتۈرۈشكە ئالدىرايدىغان) بىرەر نېسىۋىسى بولىدۇ. پەقەت روزا ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى ئۇ ماڭا رىيادىن خالىي بولغان ھالدا خالىس قىلىنغان ئىبادەتتۇر. ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن’. روزا گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. سىلەرنىڭ بېرىڭلار روزا تۇتقان كۈندە ناشايان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرۇپ چوقان كۆتۈرمىسۇن، ئەگەر بىرەر كىشى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇرۇشسا ‘مەن روزىدارمەن’ دېسۇن؛ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، روزىدارنىڭ ئېغىزىنىڭ پۇرىقى ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئىپاردىنمۇ خۇش پۇراقتۇر. روزىدار ئادەمگە ئىككى تۈرلۈك خۇشاللىق بولىدۇ: بىرى، ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغان چاغدا روزا تۇتقانلىق ساۋابى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىغان نازۇنېمەتلەردىن خۇشال بولىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
روزا تۇتقۇچىلار قىيامەتتە ھەممە كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، خاس جەننەتلەرگە كىرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى دوزاختىن ساقلاپ قالىدۇ. سەھل ئىبنى سەئدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن روزا تۇتقانلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ. روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە دېيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىدۇ، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا بىرى كىرەلمەيدۇ. ئۇلار كىرىپ بولغاندا ئىشىك تاقىلىپ باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ھەرقانداق بىر بەندە ئاللاھ تائالا يولىدا بىر كۈن روزا تۇتسا، شۇ بىر كۈننىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ ئادەمنى ئاللاھ تائالا دوزاختىن 70 يىللىق يىراق قىلىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
روزا تۇتۇش يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ئالاقىدار كىچىك گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى رامىزاننى چىن دىلىدىن ئىشىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ۋە ساۋابىنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن تۇتسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
يەنە >>سۈرەتلەر