مەخسۇس سەھىپە > رامىزانلىق مەخسۇس سەھىپە > سوئال-جاۋابلار

ھامىلىدار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار روزىنى قانداق قىلىدۇ؟

A A A يوللانغان ۋاقىت:2015-06-19   
ج: ھامىلىدار ئاياللار ئۆزىنىڭ ياكى قورساقتىكى ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ، بوۋاقنىڭ ساغلام تۆرىلىشىگە تەسىر يېتىشىدىن قورقسا، روزىنى قالدۇرۇپ، كېيىن قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرسا بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك، يېڭى تۇغۇتتىن بوشانغان ئايال بوۋىقى بەك كىچىك، سۈت ئېمىپ تۇرغان مۇددەت ئىچىدە بولسا، بۇ ئايال روزا تۇتسا ئۆزىگە ياكى بوۋاققا تەسىر يېتىشىدىن قورقسا، روزىنى قالدۇرۇپ، كېيىن قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرسا بولىدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ”ئاللاھ تائالا مۇساپىر، ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئايالغا رامىزاننى تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلىش رۇخسىتى بەردى“ (نەسەئى رىۋايەت قىلغان).
يەنە >>سۈرەتلەر